ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىياش-ئۆسمۈرلەر بەك ئېغىر چېنىقماسلىقى كېرەك

ياش-ئۆسمۈرلەر بەك ئېغىر چېنىقماسلىقى كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

مەيلى ياش-ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلار ۋە ياكى باشقا ياشتىكى كىشىلەر بولسۇن، چېنىقىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى ئىنتايىن كۆپ ئەمما چېنىقىدىغان كىشىنىڭ يېشى، بەدەن سالامەتلىكى ۋە باشقا ئامىللارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن چېنىقىشنىڭ مىقدارى، ت

مەيلى ياش-ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلار ۋە ياكى باشقا ياشتىكى كىشىلەر بولسۇن، چېنىقىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى ئىنتايىن كۆپ. ئەمما چېنىقىدىغان كىشىنىڭ يېشى، بەدەن سالامەتلىكى ۋە باشقا ئامىللارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن چېنىقىشنىڭ مىقدارى، تۈرى، شەكلىمۇ مۇۋاپىق تاللىنىشى ۋە كونترول قىلىنىشى كېرەك.

ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆگىنىش بىلەن چېنىقىشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن چوڭ پايدىسى بار، ئەمما چېنىقىش بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە زىيانلىق. چۈنكى ھەرىكەت مىقدارى بەك ئېغىر بولغاندا، بەدەن ۋاقىتلىق ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ھالىتىدە تۇرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن بۇ خىل ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك پەقەتلا مۇسكۇللارنىڭ ۋاقىتلىق ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەمما ياش-ئۆسمۈرلەردە بولسا، مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشىدىن باشقا يەنە، بەدەندە نۇرغۇنلىغان ئەركىن رادىكاللىق بىرىكمىلەر قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ئەركىن رادىكاللىق بىرىكمىلەر بەدەندىكى ھەرخىل مۇھىم ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنلارنى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سۆڭىكىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزدىدۇ.

ئۇندىن باشقا يەنە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ياخشى بولغاچقا، بەك ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ مەشىق قىلسا، سۆڭەك شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياش-ئۆسمۈرلەر چېنىققاندا ھەرىكەتنىڭ مىقدارى، تۈرى، ۋاقتىنى ياخشى تاللىشى، ھەرىكەت مىقدارىنى بەك ئېغىر قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-31 / 08:19:55

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ