ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقياش پەرقى چوڭ جۈپلەر ئوتتۇرىسىدىكى 4 خىل جىنسىي مۇناسىۋەت

ياش پەرقى چوڭ جۈپلەر ئوتتۇرىسىدىكى 4 خىل جىنسىي مۇناسىۋەت

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس ھالدىكى ئىدىيىنىڭ ئازاد بولىشىغا ئەگىشىپ، ئەتراپىمىزدا ياش پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولغان جۈپلەرنىڭ نىكاھلىنىشى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە گەرچە، مۇھەببەت ياش چەكلىمىلىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ، لېكىن ياش پەرقىنىڭ چوڭ بولۇپ كېتىش سەۋەبىدىن، جىنسىي تۇرمۇشتا بەلگىلىك قىيىنچىلىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن

شۇڭا، بۇ خىل ياش پەرقى چوڭ بولغان ئەر-خوتۇنلار جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىر قىسىم جىنسىيەت بىلىملىرى ۋە تېخنىكىلارنى ئۆزلەشتۈرىشى لازىم، شۇندىلا خاتا چۈشەنچىنى يوقۇتۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېلىدىغان لەززەتتىن تولۇق بەھىرلەنگىلى بولىدۇ .

ياش پەرقى چوڭ بولغان ئەر–خوتۇنلارغا نىسبەتەن، جىنىسي تۇرمۇشتا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل قىيىنچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىرى، جىنسىي ھەۋەستە پەرق چوڭراق بولىدۇ. ياشراق تەرەپنىڭ ئادەتتە جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈكرەك بولىدۇ، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ۋە سىجىللىقىغا بولغان تەلىۋىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ناھايىتى تېزلا ھاياجان ھالىتىگە كىرەلەيدۇ. ياشانغان تەرەپ بولسا، جىنسىي ھورموننىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن، جىنسىي ھەۋىسى ئۇنچە كۈچلۈك بولماسلىقى مۇمكىن، ھەر قېتىمدىلا قارشى تەرەپنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ بولالماسلىقى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنسىي ھاياجان ھالىتىگە ئۆتىشىمۇ ئاستاراق، جىنسىي ئىنكاسمۇ ئۇنچە تېز بولماسلىقى مۇمكىن. ئىككىنجىدىن، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، ياشانغان تەرەپنىڭ يۈرەك رېتىمى ئاسانلا تېزلىشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سېمپاتىك نېرفلارنىڭ غىدىقلىنىشى كېلىپ چىقىپ، قان تومۇرلار تارىيىپ قان بېسىم ئۆرلەيدۇ-دە، سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ. چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋاللاردا ھەتتا قان تومۇرلار يېرىلىپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يۇقارقى ئەھۋاللارغا قارىتا:

بىرىنجىدىن: ياش پەرقى چوڭ بولغان ئەر-خوتۇنلار جىنسىي مۇناسىۋەت مۇقەددىمىسى ۋە جىنسىي غىدىققا، يەنى تەييارلىق باسقۇچىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم، بۇ باسقۇچتا كۆپرەك سىيلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشلار ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مىھىر-مۇھەببەت چوڭقۇرلاشتۇرۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياشانغان تەرەپنىڭ تېزراق جىنسىي ھاياجان ھالىتىگە كىرىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ئەر تەرەپنىڭ يېشى چوڭراق بولسا، قۇچاقلىشىش، سىيلىشىش ۋە سۆيۈشۈش ئارقىلىق يېتەرلىك قايىم بولىشىغا شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئايال تەرەپنىڭ يېشى چوڭراق بولسا، يۇقارقى ھەركەتلەر ئارقىلىق جىنسىي يولنىڭ قۇرغاق بولىشىنى ياخشىلاپ، يېتەرلىك سىيلىقلىنىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .

ئىككىنجىدىن: جىنسىي مۇناسىۋەتتە مۇۋاپىق بەدەن شەكلى قوللىنىلىشى كېرەك. يەنى قۇلايلىق بولغان بەدەن شەكلى ئارقىلىق زىيادە چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۈچىنجىدىن: جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، فىزىئولوگىيىلىك تەلەپنى قاندۇرۇشنى زىيادە قوغلاشماسلىق، كۆپرەك روھى جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئۆز-ئارا مۇھەببەتلىك پىچىرلاشلار ئارقىلىق روھى قانائەت ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

تۆتىنجىدىن: جىنسىي تۇرمۇشتا، ياشانغان تەرەپتە يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللەر مەۋجۇت بولسا، مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن چوقۇم مۇۋاپىق كونتىرول قىلىنىشى، مۇناسىۋەت جەريانىدا زىيادە ھاياجانلىنىش ۋە چارچاشتىن ساقلىنىشى لازىم .

ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، جىنسىي تۇرمۇش مەلۇم دەرىجىدە ياش قۇرام چەكلىمىسىگە ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ياش– قۇرام جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىنبىر شەرت بولالمايدۇ. ئەر–ئايال ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىيەت فىزىئولوگىيىسى ۋە جىنسىيەت پىسخىكىسىغا بولغان چۈشەنچە يېتەرلىك بولسا، زىچ ماسلىشالىسىلا، ياش پەرقى ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ، جىنسىي تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىكنىڭ يۈز بېرىشى ناتايىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇش بولماسلىقى، ئەر– ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر– مۇھەببەت بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
1
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-31 / 08:03:42

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ