دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

ياشانغانلار مۈرە ئاغرىقىنى فىزىكىلىق ئۇسۇلدا داۋالاتسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ

فىزىكىلىق داۋالاش دورا ئارقىلىق داۋالاش، ئوپېراتسىيە قىلىش، رادىئوئاكتىپلىق نۇر بىلەن داۋالاشقا ئوخشاش ھازىرقى زامان داۋالاش ئېلمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى مۇسكۇل تارتىلىپ زەخىملىنىشنى فىزىكىلىق داۋالاشنىڭ يۇقىرىقى داۋالاش ئۇسۇلىغا قارىغاندا تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بار

ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدۇ ھورداقتا تەرلىنىش، سوغۇق سۇدا ھارارەتنى تۆۋەنلىتىش، بەزى تۆۋەن، ئوتتۇرا چاستۇتىلىق توك بىلەن جىددىي خاراكتېرلىك يارىلىنىشنى داۋالاش، ئىسسىق سۇ بىلەن تارتىشىپ قېلىشنى داۋالاشقا ئوخشاش فىزىكىلىق داۋالاشنىڭ تېزلا ئۈنۈمى بولىدۇ.

ئاغرىق ئازابى بولمايدۇ فىزىكىلىق ئۇسۇلدا داۋالىغاندا كۆپىنچە ئاغرىمايدىغان بولغاچقا، بۇ خىل داۋالىنىشقا تېز ماسلىشىپ كەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب داۋالاش ئۈنۈمى تېز، ئاغرىق تېز قويۇپ بېرىدۇ، ئادەم يېنىكلەپ قالغاندەك بولىدۇ.

ئەكس تەسىرى ئاز فىزىكىلىق داۋالاشتا بەدەنگە ماس كەلمەسلىك، رېئاكسىيە قىلىش ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ بەدەنگە ئۆتۈشى بىلەن قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ. ئېلېكترنىڭ غىدىقلىشى بىلەن يېرىكلىشىش، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇلار نورمال تەسىر بولۇپ، بىمارغا ھېچقانداق زىيىنى يوق. داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ئۇزۇن بولىدۇ كۆپ قېتىم تەكرار فىزىكىلىق داۋالانغاندا بىر خىل كۆپ قاتلاملىق يىغىندا تەسر پەيدا بولىدۇ. بىر قانچە قېتىملىق داۋالىنىش قوشۇلۇپ كەلگەچكە، بىر قېتىملىق ئۈنۈمدىن ياخشى بولىدۇ. ئەمما بۇ فىزىكىلىق داۋالاشنىڭ چېكى يوق، دېگەنلىك ئەمەس، بۇنىڭمۇ بەلگىلىك باسقۇچى بار.

باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن ئاخىردا يەنە داۋاملىق رول ئوينايدۇ. فىزىكىلىق داۋالاشنىڭ كۆپلىگەن كېسەللەرنى ياخشى داۋالاش رولى بار، مەسىلەن، يىڭناسقۇ، بوينىغا يەل تۇرۇپ قېلىش، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، يۈز نېرۋا ياللۇغى، بەلباغسىمان قوقاق، جىددىي ياللۇغ كېسەللىرى قاتارلىقلار، بۇلارنى دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇلترا قىسقا دولقۇن ياكى ئىنفېرا قىزىل نۇر بىلەن داۋالىسا، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-31

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2020-12-30 / 05:28:36

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,659FansLike
697FollowersFollow
1,860SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر