ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرجىددىي قۇتقۇزۇشياشانغانلار سۆڭەك سۇنغاندا ئۆزىنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟

ياشانغانلار سۆڭەك سۇنغاندا ئۆزىنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سۆڭەك سۇنغاندا كۆپ ساندىكى ياشانغانلاردا كالتسىي ئاز بولغاچقا، سۆڭىكى شالاڭلىشىپ ئاسانلا سۇنۇپ كېتىدۇ بۇنداق چاغدا ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرماي، ئۈگىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېقىش، سوزۇلمىسا ياكى قايرىلمىسا قۇتقۇزۇشقا ئادەم چاقىرىش كېرەك

سۇنۇق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرى، ئوچۇق سۇنۇق: بۇنداق سۇنۇقتا تېرە يۇمشاق تۇقۇلمىلىرى زەخىملەنگەن بولغاچقا، توختىماي قان چىقىپ تۇرىدۇ ياكى ئۈزۈلگەن سۆڭەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بۇنداق يارىدارنى يۈدۈشكە، دورا بېرىشكە ياكى شۇ زامات سۇنۇقنى جايىغا چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ. (1) سۇنغان يەرنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىپ، ئىمكانقەدەر پاكىز لاتا ياكى مىكروبسىزلاندۇرۇلغان تېڭىق ماتېرىيالى بىلەن تېڭىش كېرەك. (2) سۇنغان سۆڭەك ئورنىدىكى مۈچىلەرنى مۇقىملاشتۇرسا ھەم بالدۇرراق دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، يۇقۇملىنىش ۋە قان چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يەنەبىرى، يېپىق سۇنۇق: بۇنداق سۇنۇقتا سۆڭەك سۇنغان بىلەن يۇمشاق تۇقۇلمىلار ساق بولىدۇ. بۇنداق سۇنۇقتا ئادەتتە ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ: (1) ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ تۇتسا ياكى مىدىرلاتسا قاتتىق ئاغرىيدۇ. (2) ئىششىيدۇ، تېرە ئاستى قاناپ كۆكۈش سۆسۈن رەڭ پەيدا بولىدۇ. (3) شەكىل ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ئۈگە يېنىنىڭ ئىششىغانلىقى ۋە شەكىل ئۆزگىرىشى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدۇ.

سۆڭەك سۇنغان جاينىڭ ئەھۋالى ئوخشىمىغاچقا، قۇتقۇزغاندا شۇجاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، سۇنۇقنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. سۇنغان جاينىڭ ئۈستى – ئاستى ئۇچىنى ئىگىلمەيدىغان تاختايغا تېڭىپ ياكى سۇنغان پۇت – قولنى بەدەنگە مەھكەم باغلاپ مىدىرلىمايدىغان قىلىش لازىم. ئەمما تاڭغاندا چىڭ تېڭىۋەتمەسلىك، قول ياكى پۇت بارماقلىرىنىڭ رەڭگىنى ۋە قان تومۇرلارنىڭ سوقۇش ئەھۋالىنى بەش – ئون مىنۇت كۆزىتىش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:18:16

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ