ئانا سەھىپەدورا ۋە ساغلاملىقدورا ئىشلىتىشياشانغانلار سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا دورىنى توغرا ئىستىمال قىلىشى كېرەك

ياشانغانلار سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا دورىنى توغرا ئىستىمال قىلىشى كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى|慢性支气管炎

ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ . بەزىلەر مۇشۇنداق كېسەلگە گرىپتار بولسا كېسەل ئەھۋالىغا ، ئالامىتىگە قارىمايلا باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىچىپ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋالىدۇ .

ئۇنداقتا قانداق ۋاقىتلاردا باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىچىشى كېرەك؟

خەپرۇكى سېرىق ياكى مايسا رەڭدە بولسا ياكى قىزىتمىسى ئۆرلىسە ، تەكسۈرتكەندە ئاققان دانچىلىرى كۆپىتىپ ، ئۆپكىسى ياللۇغلانغان بولسا ، ئاندىن باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىچسە بولىدۇ .

پەقەت يۆتەلگە قاراپلا باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىچسە ، ئويلىمىغان يەردىن يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن .

بىرىنچىدىن ، باكتېرىيىلەرنىڭ دورىغا قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، دورىغا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغاندا دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ ؛

ئىككىنچىدىن ، ھەر قانداق بىر باكتېرىيىگە قارشى دورىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە زەھەرلەش خۇسۇسىيىتى ۋە ئەكىس تەسىرى بولىدۇ . بولۇپمۇ جىگەر ، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئىچكى ئەزالارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە زەخىملىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ؛

ئۈچىنچىدىن ، باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ، ئەسلىدىكى بەزى كېسەل پەيدا قىلمايدىغان باكتېرىيە ياكى زەمنۇرۇغلارنى كۆپەيتىپ ، بىمارنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ئەگەشمە كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ، بولۇپمۇ ئىچكى ئەزا زەمبۇرۇغى تىپىدىكى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كېسەلنى كونترول قىلىش تەس بولۇشى ، ھەتتە ھاياتىغا خەۋىپ يېتىشى مۇمكىن .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:59:54

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ