ۋىتامىنc نى كۆپ تولۇقلاش كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياشانغانلاردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلى ئاساسلىقى قېرىشتىن كېلىپ چىققان كىرىستاللار مېتابولىزىمنىڭ غەيرىلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ كۆزگە ئاق چۈشكەن ئاغرىقلار تەركىبىدە مول ۋىتامىنc بولغان كۆكتات ۋە مېۋە– چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك
كەيپىياتنىڭ مۇقىم بولۇشى گىلاۋكومانىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
گىلاۋكوما كېسىلى كۆرۈش نېرىپلىرىنىڭ زىيانغا ، كۆرۈش دائىرىسىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدىغان كۆز كېسىلى ، كەيپىياتنىڭ ناچار بولۇشى ، كۆزنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشى بۇ خىل كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ . گەرچە بو كېسەلنى ساقايتقىلى بولمىسىمۇ ، كونترول قىلغىلى بولىدۇ . شۇڭا جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، گىلاۋكوما ئاغرىقلىرى كۆپ سۇئىچسە ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ كېتىدۇ . ئادەتتە سۈت ، پۇرچاق سۈتى ، مېۋە سۈتى قاتارلىقلارنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشى كېرەك . غولپىياز ، سامساق ، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنىئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
كۆز تېگىنى ئاسراش سېرىق داغ چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
كۆزگە سېرىق داغ چۈشۈش كېسىلى ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كۆز كۆرمەسلىكنى پەيدا قىلىدىغان كېسەل بولۇپ ، زەخمىلىنىش ، ئېرسىيەت ، مېتابولىزىم ، ئوزۇقلۇق قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ. ئەگەر ياشانغانلاردا نەرسىلەرنى غەيرىي كۆرۈش ، كۆرۈش دائىرىسى ئىچىدە غۇۋا نۇقتا پەيدا بولۇش ۋە كۆرۈشقۇۋۋىتى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى بايقالسا ، كۆز تېگىدە كېسەللىك ئالامىتى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
بەدەن ساغلام بولسا ، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغىنى قاپاق پىلاستىنكا بېزى ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن پەيدا بولغان كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى . ئادەتتە ھاۋا نەملەشتۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق ئۆي ھاۋاسىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇپ ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى ياشانغانلاردىكى كۆز تورلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ياشانغانلاردا ئاساسەن دېگۈدەك كۆز تورلىشىش ئالامەتلىرى بار . شۇڭا ياشانغانلار ئادەتتە ۋىتامىنa,b مول بولغان قارا پۇرچاق ، قارا كۈنجۈت ، قارا گۆش ، بېلىق ، تۇخۇم ، سۈت ، پالەك ، سەۋزە ، كاۋا ، ياڭاق ، گۈييۈەن قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك.