ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرقان كېسەللىكلىرىياشانغانلاردا قان ئازلىق كېسىلى قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ ھەم پەرۋىش قىلىنىدۇ؟

ياشانغانلاردا قان ئازلىق كېسىلى قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ ھەم پەرۋىش قىلىنىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ياشانغانلاردا قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ مىقدارى ھەر لىتىردا 3.5*1012 دانىدىن كەم بولسا ، قان ئازلىق كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ .

تۆمۈز ماددىسى يېتىشمەسلىكتىن باشقا ، يەنە تۆۋەندىكى ئامىللارمۇ ياشانغانلاردا قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ :

1) قان ئىشلەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش . ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يىلىكتىكى قان ئىشلەش توقۇلمىلىرى تەدرىجىي ياغ توقۇلمىسى ۋە قوشۇمچە توقۇلمىلارغا ئايلىنىدۇ .
2) ھەر خىل كېسەللەرنىڭ تەسىرى . ھەر خىل راك كېسىلى ، ئاق قان كېسىلى قاتارلىق كېسەللەر قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3) ئاشقازان كىسلاتاسى كەمچىل بولۇش . نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەردا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىش توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن .
4) ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق . ياشانغانلاردا ئاقسىلىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ .
5) باشقا سەۋەبلەر . ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسىلىقى مەسىلەن ، ۋىتامىن B12 ، فۇلىن كىسلاتاسى ، مىس قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسىلىقى

ياشانغانلاردا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا دوختۇرغا تەكشۈرتۇپ ، كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:19:16

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ