ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرقان كېسەللىكلىرىياشانغانلاردا قان ئازلىقنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار

ياشانغانلاردا قان ئازلىقنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. يىلىكنىڭ قان ئىشلەش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى . ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ، يىلىك ياغ توقۇلمىلىرى بارغانسىرى كۆپىيىپ ، قان ئىشلەيدىغان قىزىل يىلىك كېمىيىپ بارىدۇ . قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ھەرخىل ئېنزىملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ .

2. قان ئىشلەش ماددىلىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى يېتەرلىك بولماسلىق . ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان ، ئۈچەي ئىقتىدارى چېكىنىپ ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى يىگلەپ ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىپ ، قان ئىشلەشتە كېرەك بولىدىغان تۆمۈر ، ۋىتامىن B12 قاتارلىقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئازىيىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشانغانلاردا قەۋزىيەت كۆپ كۆرۈلىدۇ . ئەگەر دورا ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا ، ئاشقازان ، ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى پەيدا قىلىپ ، قان ئىشلەش ماددىلىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

3. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى . ياشانغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئومۇمەن تۆۋەن بولۇپ ، بۇ ھۈجەيرە خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئورگانىزىم نورمال توقۇلمىلىرى ئۆزىدىكى ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىپ ھۈجەيرە ۋە ئانتىتېلا تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئممۇنىتېت خاراكتېردىكى قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ . ئممۇنىتېت خاراكتىردىكى قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ . ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاسانلا يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللەر ، ئۆسمە كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا ، كۆپىنچە ئىككىلەمچى قان ئازلىق پەيدا بولىدۇ .

‹‹ شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى›› دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:20:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ