ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار كېسەللىكلىرىياشانغانلاردىكى بوغۇم ئاغرىش كېسىلى توغرىسىدا چۈشەنچە

ياشانغانلاردىكى بوغۇم ئاغرىش كېسىلى توغرىسىدا چۈشەنچە

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، بوغۇملارنىڭ سىلىقلاپ تۇرىدىغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئازىيىشىدىن بوغۇملار قاتماللىشىدۇ شۇنىڭ بىلەن ياشانغانلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بوغۇم ئاغرىش پەيدا بولىدۇ

تېببىي ئىلىمدا بۇ ياشانغان دەۋىردىكى بوغۇم ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ كېسەل ياشانغانلاردا ، بولۇپمۇ سېمىز ئاياللاردا كۆپ بولىدۇ . كۆپىنچە بېسىم ئەڭ ئېغىر چۈشىدىغان ، ئەڭ كۆپ ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان بوغۇملاردا بولىدۇ . مەسىلەن : تېز بوغۇمى ، يانپاش بوغۇمى ، ئومۇرتقا ۋە قول بوغۇمى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ بولىدۇ .

بۇ خىل بوغۇم ياللۇغى باشلانغاندا ، بوغۇملار يېنىك دەرىجىدە ئاغرىيدۇ . بوغۇملار قېتپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ . ئەمما ئازراق ھەرىكەتلەنگەندىن كېيىن ياخشىلىنىدۇ . بوغۇملارنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە ئاۋاز چىقىدۇ . ھەرىكەتتىن توختاپ ئارام ئالغاندا ۋە ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاغرىقى پەسىيىدۇ . ھۆل يېغىن بولغاندا ھاۋا سوغۇق بولسا ۋە چارچىغاندا ئاغرىقى ئېغىرلىشىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئاغرىقى باشقا بوغۇملارغا تارقىلىدۇ . ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئالامەتلىرى تەدرىجى ئېغىرلايدۇ . گەرچە كېيىنكى باسقۇچتا بوغۇملارنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرىسىمۇ ، بوغۇملار پۈتۈنلەي قېتىپ بولالمايدۇ ھەم پالەچمۇ بولمايدۇ . شۇڭا بۇ كېسەللىككە دىئاگنوز قويۇش سەل تەسرەك .

ياشانغانلاردىكى بوغۇم ئاغرىشنى داۋالاش ئۇسۇلى :

1. سېمىز ئادەملەر بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا بوغۇملارغا چۈشىدىغان بېسىمنى كېمەيتكىلى بولىدۇ .

2. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېرەك . گىرىلكا ياكى توكتا قاقلاپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ، قۇرۇق يىڭنە سانجىتىش ، ئۇۋۇلاپ داۋالاش قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم ئۈنۈمى بار .

3. ئەگەر ئاغرىق ئېغىرلاشسا ، ئاغرىق پەسەيتىش دورىسىنى يېيىش كېرەك . ئېغىرلىرىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ . لېكىن ئۈزۈل – كېسىل ساقايتقىلى بولمايدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-30 / 05:27:57

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ