ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرقان كېسەللىكلىرىياشانغانلاردىكى قان ئازلىق ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

ياشانغانلاردىكى قان ئازلىق ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ياشانغانلاردىكى قان ئازلىق ياشانغانلاردىكى قان ئازلىقنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل ھەم مۇرەككەپ بولىدۇ يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل سەۋەپتىن ياشانغانلاردا قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ

1 . ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاساسلىق قان ئىشلەيدىغان ئورۇن يىلىك بولۇدۇ ياشنىڭ چوڭۇيۇشىغا ئەگىشىپ قان ئىشلىگۇچى توقۇلمىلار تەدرىجى ئازىيىدۇ . 70 ياشتىن ئاشقاندا يېرىم ھەسسە ئازىيىدۇ .

2 . ياشانغانلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قان ئازلىق تۆمۇر ماددىسىنىڭ يېتىشمەسلىگىدىن بولغان قان ئازلىق بولۇپ بۇنۇڭ سەۋەپلىرى : ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلغان يىمەكلىرىدە تۆمۇر ماددىسى ئاز بولۇدۇ ، چۇنكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ چىشى بوشىغان ياكى چۇشۇپ كەتكەن بولۇدۇ يىرىك يىمەكلىكلەرنى ، ھەر خىل سەي كۆكتاتلارنى چاينىيالمايدۇ بۇنۇڭ بىلەن تۆمۇرنىڭ بەدەنگە كىرىشى ئاز بولۇدۇ . ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرى يىگىلىگەن بولۇدۇ ، ئاشقازان كېسلاتاسى تۆۋەن بولۇدۇ بۇنۇڭ بىلەن تۆمۇر ماددىسىنىڭ سۇمۇرلۇپ بەدەنگە ئۆزلۇشىشى ئاستا بولۇدۇ . ياشانغانلاردا ھەرخىل ھەزىم سېستىمىسىنىڭ يارىلىرى ، ئسمىلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ بۇلاردىكى ئاستا خاراكتىرلىق قاناش ئەھۋاللىرى تۆمۇر يوقۇتۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . ئۇندىن باشقا ياشانغانلاردىكى سوزۇلماخارەكتىردىكى كېسەللىكلەردىن : سوزۇلما يۇرەك زەئىپلىشىش ، مىڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ، دىئابىت كېسەللىگى قاتارلىقلارمۇ تۆمۇر ماددىسىنىڭ ئالمىشىشىغا تەسىر يەتكۇزۇدۇ . يۇقارقى ئامىللار ياشانغانلاردا ئاسانلا تۆمۇر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .

3 . ياشانغانلاردا قان ئازلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان يەنە بىر خىل ئامىل ۋىتامىن B12 نىڭ ۋە يوپۇرماق كېسلاتاسىنىڭ يېتىشمەسلىگى : ياشانغانلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇققا مايىل بولۇدۇ . قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات بارلىق ئىچكى ئاجراتما بەزلەرنىڭ خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرۇدۇ بۇنۇڭ بىلەن ئاشقازان سۇيۇقلۇغى ئازىيىدۇ . قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات تەبىئى قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، ئاشقازان ئۇچەيلەرنىڭ سۇمۇرۇش ، تۇتۇش قۇۋۋەتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇدۇ مانا مۇشۇ ئامىللار ۋىتامىن B12 نىڭ ۋە يوپۇرماق كېسلاتاسىنىڭ شۇمۇرلۇشىگە تەسىر يەتكۇزۇپ زور گۆدەك ھۇجەيرە تىپلىق قان ئازلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .

4 . ئۇندىن باشقا ياشانغانلاردىكى بىرقىسىم سوزۇلماكېسەللىكلەر قىزىل قان ھۇجەيرىسىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىپ ، يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى زەخمىلەپ ، بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى زەئىپلەشتۇرۇپ قىزىل قان ھۇجەيرىسىنى ئۆستۇرگۇچى ھورمۇننى ئازايتىپ قان ئازلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ : مەسىلەن : رىماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغى ، قالقانسىمان بەز ياللۇغى ، سوزۇلماخارەكتىردىكى بۆرەك ، جىگەر خىزمىتىنىڭ زەئىپلىشىشى ، ھىپۇفىز تەنىچىسىنىڭ ، قالقانسىمان بەزنىڭ ، بۆرەك ئۇستى پوستىلاق قەۋىتىنىڭ خىزمىتى تۆۋەنلەش ، ھەرخىل يۇقۇملىنىش ، ياللۇغلىنىش قاتارلىقلار .

5 . ئۇندىن باشقا ئاقان كېسىلى ، يامان سۇپەتلىك لىمفا ئۆسمىسى ، يىلىك ئۆسمىسى قاتارلىقلاردا قان ئېرىش خارەكتىرلىك قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ . قان ئازلىقنىڭ ئالامەتلىرى : ياشانغانلاردا قان ئازلىق كۆرۇلگەندە چىرايى تاتىرىش ، باش قېيىش ، ماغدۇرسۇزلۇق قاتارلىق قن ئازلىقنىڭ ئالامەتلەردىن باشقا شۇ چاغدا بىماردا ساقلىنىۋاتقان ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۇلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى بىرلىكتە ئىپادىلىنىدۇ . مەسىلەن : قان تومۇر سېستىمىسىدا يۇرەك سانجىقى قوزغۇلۇدۇ ، يۇرەك سېلىش ، دەم سىقىش ئالامەتلىرى كۆرۇلۇدۇ . دوختۇرخانىدا يۇرەكنى تەكشۇرۇتكەندە يۇرەكتە شاۋقۇن ، يۇرەك كېڭەيگەنلىگى بايقىلىدۇ . روھى كەيپىياتىدا ئىچى تىتىلداش ، ئۇيقۇسۇزلۇق ، روھى كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۇلۇدۇ . نىرۋا سېستىمىسىدا باش ئاغرىش ، باش قېيىش ، كۆرۇش غۇۋالىشىش ، چوڭ كىچىك تەرەتنى تۇتالماسلىق قاتارلىقلار كۆرۇلۇدۇ . ھەزىم سېستىمىسىدا ھەزىم ياخشى بولماسلىق ، بەزىدە قەۋزىيەت ، ئىچى سۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۇلۇدۇ .

ئۇندىن باشقا ئۆمۇر كەملىكتىن بولسا يۇتقاندا ئاغرىش ، تىل شىللىق پەردىلىرى يىگىلەش ، ئېغىز قۇرغاقلىشىپ ، يېرىلىش كۆپ كۆرۇلۇدۇ . ۋىتامىن B12 نىڭ ۋە يوپۇرماق كېسلاتاسىنىڭ يېتىشمەسلىگىدىن بولغان بولسا تىل ئاغرىش ، تىل ئۇچى يىگىلەش ، يۇقۇرى قورساق رايونى بىئاراملىق ھىس قىلىش ، ئىچى سۇرۇش ، بەزىدە يەنگىل سېرىقلىق چۇشۇش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ .

داۋالاش :

كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارىمىز يەنى قايسۇ خىل سەۋەپتى كەم قانلىق كېلىپ چىققان بولسا شۇنۇڭغا ماس كېلىدىغان دارىلارنى ئىشلىتىمىز .

1 . ئەگەر يۆمۇر كەملىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق بولسا تۆمۇر تولۇقلاش لازىم بۇنۇڭ ئۇچۇن مۇۋاپىق تومۇر تەركىپلىك دارىلارنى ۋىتامىن C بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىشى لازىم . ئانار شەربىتى ، گۇلقەنىت ، ئالما شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش بىلەن بىرگە تۆمۇر تولۇقلايدىغان پالەك قاتارلىق سەيلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىشى لازىم ، تۆمۇر داغلىغان سۇغا قان تىپەر ، چىلان قاتارلىقلارنى چىلاپ ئىچكەندە قان تولۇقلايدۇ . ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرىمۇ تۆمۇر تولۇقلايدۇ . ئۇندىن باشقا يۇمران بۇغا مۈڭگىزى ، قىزىل بەھمەن قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولۇدۇ .

2 . ئەگەر ۋىتامىن B12 نىڭ ۋە يوپۇرماق كېسلاتاسىنىڭ يېتىشمەسلىگىدىن بولغان بولسا ئەسلى كېسەللىك مەنبەسىنى يوقۇتۇش لازىم . ئوزۇقلۇقنى كۇچەيتىش لازىم يەنى ئوزۇقلۇق تەرتىۋى بەلگىلەپ بېرىلىدۇ : ھەركۇنى مۇۋاپىق مىقتاردا سۇت ئىچىش ، يېڭى كۆكتات ۋە مىۋە چىۋىلەرنى يېيىش ، مۇۋاپىق مىقتاردا پۇرچاق ، نۇقۇت، ماش قاتارلىقلار بېرىلىدۇ . ھەزىمنى ياخشىلاپ ئوزۇقلۇق سۇمۇرلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۇچۇن ئامىلە تەركىپلىك دارىلارنى ، ئاقىرقارھا ، قەلەمپۇر ، زەنجىۋىل تەركىپلىك دارىلارنى ئىستىمال قىلىشى لازىم . تۇخۇم ھالۋىسى ، سەۋزە مۇرابباسى ، پىننە گۇلقەنتى قاتارلىقلار قاننى كۆپەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . مۇھىمى دوختۇر كۆرسەتمىسى بويىچە يوپۇرماق كېسلاتا تابلىتىنى ئىستىمال قىلىشى ، ۋىتامىن B12 ئوكۇلىنى ئۇرغۇزۇشى لازىم .

3 . ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ شېرىكچىلىگىدىن بولغان قان ئازلىق بولسا شۇخىل كېسەللىكنى ۋاختىدا ئۇنۇملۇك داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم .

ئالدىنى ئېلىش :

ياشنىڭ چوڭۇيۇشىغا ئەگىشىپ قان ئىشلىگۇچى توقۇلمىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىر خىل فىزۇلۇگىيىلىك ئەھۋال . ياشانغانلاردىكى قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلىق مەزگىلىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ . چۇچاغلاردىن باشلاپ كۆزىمىزنى ئاسرىشىمىز ، ھاراق ، تاماكا ئىستىمال قىلماسلىغىمىز ، بەدەن سۇپۇتىمىزنى يۇقۇرى كۆتۇرىشىمىز ، ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەپ مىزاج تەڭپۇڭلۇغىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز لازىم . قەرەللىك تەكشۇرنۇپ قان ئازلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان سۇزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ بار يوقلۇغىنى ئېنىقلاپ بار بولسا ۋاختىدا ئۇنۇملۇك داۋالىنىش لازىم . ياشانغان چاغدىمۇ ئۆزىنى كۇتۇشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم . باشقا كېسەللىرىنى ۋاختىدا داۋالىتىش ، ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم ، بولۇپمۇ ھەزىم سېستىمىسىنى تەكشۇرتۇپ تۇرۇش كېسەللىك بايقالسا ۋاختىدا داۋالاش ، قالايمىقان دارىلارنى ئىستىمال قىلماسلىق لازىم . يۇقارقى ئۇسۇللانى قوللانغاندا ياشانغانلاردىكى قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ