ئانا سەھىپەياشانغانلارياشانغانلار ساغلاملىقىياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاددىي رىتسىپلىرى

ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاددىي رىتسىپلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىش ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەلىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇنى تۆۋەندىكىدەك ئاددىي رېتسىپلار بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ

1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرگەندە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغۇلى بولىدۇ.

2. تاتلىق بادام مېغىزىنى كۈنۈگە ئىككى قېتىم ،ھەر قېتىمدا 20~30 دانە يەپ بەرگەندە ئۇتۇلغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

3. لاچىندانە ھىندى، سېرىق ھېلىلە پوستى، ناۋاتتىن 30 گرام، ئۈستقۇددۇستىن 10 گرام تەيارلاپ سوقۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە مېڭىنى قۇۋەتلەپ ئۇتۇلغاقلىققا شىپا بولىدۇ.

4.ياڭاق مۇرابباسىنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە تاماتىن بۇرۇن يەپ بەرگەندە ئۇتۇلغاقلىققا شىپا بولىدۇ.

5. سامساقنى ئاچىقسۇغا چىلاپ يەپ بەرگەندە ئۇتۇلغاقلىققا شىپا بولىدۇ.

6. تاماققا 30~50 گرام پىيازنى قوشۇپ يەپ بەرگەندە بەدەنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۇتۇلغاقلىققا شىپا بولىدۇ.

7. كۈندۈر، زەنجىۋىل، ئىگىرلەردىن تەڭ مىقتاردا ئېلىپ سوقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ ، كۈندە يەپ بەرگەندە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

8. رەيھان ،قەلەمپۇر ، دارچىن، جۇيۇزەىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 30 گرام، قىزىل ئۈزۈمدىن 50 گرام ئېلىپ شەربەت تەييارلاپ كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرگەندە ئاشقازان ۋە مېڭىنى قۇۋەتلەپ ، ئۇتۇلغاقلىققا شىپا بولىدۇ.

9. قىزىل گۈل، گاۋزىبان، بادرىنجىبۇيىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر چىمدىمدىن يەپ بەرگەندە مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، ئۇتۇلغاقلىققا شىپا بولىدۇ.

10. ئالما چېچىكىدە گۈلقەنت ياساپ يەپ بەرسە ئۇتۇلغاقلىققا شىپا بولىدۇ.

11.قارىغاي يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە ئۇتۇلغاقلىققا شىپا بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:19:33

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ