ياشلاردىكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى

سوئال: مەن 33 ياشقا كىردىم، زەكىرىمنى قوپتۇرۇپ، جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىدىن چىقىشىمنىڭ بارغانسېرى قىينلىشىۋاتقانلىقىنى سەزمەكتىمەن. زەكىرىم قاتتىن ئۇخلىغان ۋاقتىمدىن باشقا چاغدا، ناھايىتى ئاز قوپىدۇ. بەزىلەر ماڭا، ياشلاردىكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقنى كۆپىنچە پىسخىك (روھىي) ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەيدۇ. لېكىن بۇنداق ئەھۋال جىسمانى ئاجىزلىق ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىنمۇ كېلىپ چىقامدۇ-قانداق؟

ياشلاردىكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى

دوختۇر: جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 40 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ 16% تىدىكى جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىنى جىسمانىي ئامىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ چوڭ مېڭە ۋە ئومۇرتقىنىڭ جىنسىي ئەزالارنىڭ قوپۇشىنى ھەم مەنى چىقىشنى تىزگىنلەيدىغان توقۇلمىلىرىدا كېسەل بولغانلىقتىن بولىدۇ. ئومۇرتقا بىرەر زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىسىلا، جىنسىي ئەزا قوپماسلىق مۇمكىن. بەزىدە جىنسىي ئەزا-سۈيدۈك يولى (مەزى بېزى قاتارلىقلار) دىكى ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللىكلەرمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىنسىي ئاجىزلىققا ئوخشاش كېسەللىكلەردە، شېكەر سىيىش (دىئابىت) كېسىلىمۇ بىللە بولىدۇ.

ئاقىلانە چارە: دوختۇرغا تەكشۈرۈپ، جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىنىڭ جىسمانىي ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقمىغانلىقىغا قاراشتىن ئىبارەت. ئەگەر بۇ جەھەتتىكى ئامىل يوققا چىقىرىلسا، سەۋەبنى روھىي جەھەتتىن ئىزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

خېلى ئۇزۇندىن بۇيان، جىنسىي ئەزالار ئالىمى ۋە ئۇرولوگلار بىر ئەرنىڭ زەكىرى مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، تولۇق قوپسىلا، ئۇ گىرىپتار بولغان جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىنى جىسمانىي ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، دەپ قارايدۇ، بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، جىنسىي ئەزاسى ئىلگىرى قوپقان (گەرچە قېتىم سانى ناھايىتى ئاز بولغان بولسىمۇ) ، ھازىر بولسا، جىنسىي ئاجىزلىق ياكى يېرىم جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچە روھىي ئامىل سەۋەپ بولىدۇ.

مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا)
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

جاۋاپ قايتۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

942FansLike
163FollowersFollow
1,470SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەنى سۇيۇقلۇقىدا قان كېلىش دىگەن قانداق ئەھۋال؟

سوئال: كېچىلىك ئۇيقۇدا ئېھتىلام بولغاندا، مەنى بىلەن قان كېلىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە ئېھتىلام بولغاندا چىققان مەنىنىڭ توق قىزىل،...

تۈركىيە ۋىرۇس يۇقۇملىنىش ئەھۋالى 2020.10.20

تۈركىيەنىڭ ۋىرۇس ئەھۋالى، ۋىرۇس يۇقۇملانغانلارنىڭ بالدۇر ساقىيىشىغا تىلەكداشمىز، تۈگەپ كەتكەنلەرنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن. түркийәниң...

بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ

1. ئۆيدە تاماكا چەكمەڭ بالىنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا، تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلارغا بىر قەدەر سەزگۈر كېلىدۇ. بولۇپمۇ تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن...

بالىلىق بولۇش ئاياللارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ

ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئانا بولۇشنىڭ ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاشۇرۇپ، پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۇزاق ۋاقىت ياخشىلايدىغانلىقىنى بايقىغان

ئەرلەر تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن كىسەل بولامدۇ?

تاماكا چېكىش سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى نىكوتىنغا ئادەتلەندۈرۈپ قويىدىغان بولۇپ ، سىز خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن ، بەدىنىڭىزنىڭ نىكوتىنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ تۇرۇشىڭىز كېرەك