ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىيېمەك ئىچمەك قىزلارنىڭ سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

يېمەك ئىچمەك قىزلارنىڭ سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

قىزلارنىڭ يېمەك ئىچمىكى بالاغەت مەزگىلىگە ۋە كېيىنكى كۈنلەردىكى كېسەللىكلەرگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، قىزلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە، ھايۋانات ئاقسىلى بىلەن ھايۋانات مېيى مول بولسا ، ئاسانلا بالدۇر يېتىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغاندىن كېيىن سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى زور بولىدىكەن. ئالاقىدار تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بالدۇر يېتىلگەن قىزلاردا كېيىكى كۈنلەردە سۈت بېزى راكى ۋە تۇخۇمدان راكى بولۇش خەتىرى ئاشىدىكەن.

بەزىلەر 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن 40-يىللىرىغىچە ئارىلىقتا تۇغۇلغان ئاياللارنىڭ داۋالىنىش ھەم ئوزۇقلىنىش خاتىرە ماتېرىياللىرىنى سىتاتىسكا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېمەك ئىچمەك ، تەرەققىي قىلىش ۋە يېتىلىش ئەھۋاللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. بۇنىڭدىن چىققان نەتىجە شۇنى كۆرسەتكەنكى، ئۈچ ياشتىن 5 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە ھايۋانات ئاقسىلىنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغان قىزلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەيز كۆرگەن ۋاقتى ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغان قىزلارنىڭكىدىن بۇرۇن بولغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىر ئىككى ياش ۋاقتىدىن تارتىپ ھايۋانات مېيىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغان ھەمدە 6-8 ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ ھايۋانات ئاقسىلىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغان قىزلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى بالدۇرراق بولغان.

خۇلاسە شۇكى، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بالاغەت مەزگىلىدىكى يېتىلىش ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.

نۆۋەتتە جامائەتنى ساغلاملىققا يېتەكلەش دىئاگراممىسىدا، ئۆسمۈرلەرنىڭ تويۇنغان ماي، ئورۇق گۆش ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى بەك يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشىنى ئازايتىش، مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كۆرسىتىلگەن. بۇ ئۇسۇل سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى، ئۇنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق باشقا تەرەپلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن.

ئاياللار ساغلاملىقى ۋە جىنسىيەت كىتابىدىن ئۈزۈندە
تەھرىرلىگۈچى: نۇرمەمەت دوختۇر

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-31 / 06:40:36

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ