ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى باغلاپ زاكىلاشقا بولمايدۇ

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى باغلاپ زاكىلاشقا بولمايدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۆگەك ياكى پاختا ئەدىيالغا ئوراپ ئۈستىدىن باغلاپ زاكىلاش بىزگە ئەنئەنە بولۇپ كەلدى. مۇنداق زاكىلىغاندا بالىنى ئىسسىق باققىلى ھەم بالىنىڭ يۈز–كۆزلىرىنى تاتىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ھەمدە بالىنىڭ پۇت–قوللىرىنى مەجبۇرىي تۈزلەپ ‹‹مايماق›› بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى باغلاپ زاكىلاشقا بولمايدۇ

ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل زاكىلاش ئۇسۇلى ئىلمىي ئەمەس. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ياتقان چاغدا قولى تەبىئىي ھالدا W شەكلىدە، پۇتى M شەكلىدە بولىدۇ. مۇنداق ھالەت يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ۋە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.

ئەنئەنىۋى زاكىلاش ئۇسۇلىمىز بويىچە زاكىلىغاندا بالا بەك چىڭ باغلىنىپ كېتىپ، نەپەسلىنىشى ۋە ھەرىكەتلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، بوۋاقنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقنى بەك چىڭ زاكىلىغاندا ھاۋا ئۆتۈشمەي تېرىلەر پۈرۈلگەن ئورۇن تەرلەپ شەلۋەرەپ قالىدۇ، ھەتتا بوۋاق تېرىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارنى بەك چىڭ باغلاپ زاكىلىۋالماي تەبىئىي ھالەتتە ئۇخلىتىش لازىم.

‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى››دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-18 / 12:42:57

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ