ئانا سەھىپەئاساسىي بىلىملەرفىزىئولوگىيەيۈرەك قاپقاقلىرىنىڭ(كلاپانلىرى) قانداق رولى بار؟

يۈرەك قاپقاقلىرىنىڭ(كلاپانلىرى) قانداق رولى بار؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يۈرەكتە 4 بوشلۇق بولىدۇ. بۇ خۇددىي بىر ئۆينىڭ 4 ئايرىم ئايرىم ياتىقىغا ئوخشايدۇ. ئۈستىدىكى ئىككىسى يۈرەك دالانچىسى، ئاستىدىكى ئىككىسى بولسا يۈرەك قېرىنچىسى دەپ ئاتايمىز. يۈرەكنىڭ مۇسكۇللىرى قىسقىراش ۋە كېڭىيىشى ئارقىلىق قانلار بىر بوشلۇقتىن يەنە بىر بوشلۇققا قاراپ ماڭىدۇ.  بەدەندىكى قانلار ئوڭ يۈرەك دالانچىسىغا كېلىدۇ، بۇ دالانچا قىسقىراق سىقىش ئارقىلىق ، قاننى ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىگە ئەۋەتىدۇ، ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسى بۇ قانلارنى سىقىپ ئۆپكىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. قانلار ئۆپكىڭىزدە ئوكسىگىن ئېلىپ بولغاندىن كىيىن، سول دالانچىغا كېلىدۇ. سول دالانچىدىن ئوخشاش مەنتىقى بىلەن بۇ قاننى سول قېرىنچىگە يوللايدۇ، ئاندىن سول قىرىنچا قاننى سىقىپ پومپالاپ پۈتۈن بەدىنىڭىزگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەمدى بۇ قانلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ماڭماي ئارقىسىغا مېڭىپ كىتىش ئىھتىمالى بولامدۇ؟ بولىدۇ، ئەمما شۇ ئارقىغا مېڭىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرەكتە كلاپان بولىدۇ.

يۈرەك قاپقىقىنى يۈرەك كلاپانى دەپمۇ ئاتايدۇ.

ھەر بىر بوشلۇق ئارىسىدا كلاپان يەنى ئىشىك رولىنى ئوينايدىغان قاننىڭ ئارقىغا مېڭىپ كىتىشىنى توسايدىغان پەردە بولۇپ جەمئىي 4 تانە كلاپان بولىدۇ. بۇلار قانلارنىڭ ئارقىغا يېنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ كىلاپانلارنىڭ ئايرىم ئايرىم ئىسمى بولىدۇ، ھەم شەكلىمۇ بىراز ئوخشىماسلىق بولىدۇ. ئوڭ يۈرەك دانلانچە ۋە قېرىنچە ئارىسىدىكى كىلاپاننى ترىكاسپىت، يەنى ئۈچ ياپراقلىق كلاپان، ئوڭ قېرىنچىدىن ئۆپكىگە قان ئەۋەتىدىغان يەردىكى كلاپاننى ئۆپكە كىلاپانى دەيمىز، سول دالانچىدىن قېرىنچىگە كىرىدىغان يولدىكسىىنى بىكاسپىت، ياكى ئىككى ياپراقلىق كلاپان دەيمىز، سول قېرىنچىدىن غول تومۇر يەنى پۈتۈن بەدەنگە ئەۋەتىدىغان يەردىكىنى غول تومۇر كلاپان دەيمىز. بۇلارنى ئايرىم چۈشەندۈرۈشتىكى سەۋەب، بۇلار قانلارنىڭ ئۆز يولى بىلەن نورمال مېڭىشى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ كلاپانلاردا كېسەللىك پەيدا بولۇش ئىھتىمالى بولىدۇ ھەتتا ئوپىراتسىيە بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېھتىماللىغى بولىدىغان جايلاردۇر.

ئۈچ ئۇچلۇق كلاپان (ئۈچ ياپراقلىق كلاپان)

ئوڭ دالانچە بىلەن ئوڭ قېرىنچىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. ئوڭ قېرىنچىگە بارغان قاننىڭ يېنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئىككى ئۇچلۇق كلاپان (ئىككى ياپراقلىق كلاپان)

سول دالانچە بىلەن سول قېرىنچىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. سول دالانچىدىن سول قېرىنچىگە بارغان قاننىڭ يېنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئائورتىك كلاپان (غول تومۇر كلاپانى)

سول قېرىنچە بىلەن غول تومۇر تۇتاشقان يەردىكى كلاپان. سول قېرىنچە قاننى غول تومۇرغا سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن قاننىڭ ئارقىغا يېنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى

بەزىدە قىسقارتىلىپ ئۆپكە كلاپانى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. ئوڭ قېرىنچە بىلەن ئۆپكە ئارتېرىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان يەردە بولىدۇ. ئوڭ قېرىنچە قاننى ئۆپكە ئارتېرىيەسىگە سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن، قاننىڭ ئارقىغا يېنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دوختۇر

مەنبە: دوختۇرلار تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 05:42:11

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ