ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ھەققىدە ھىكايە ۋە ئىبرەتلەريۈرەك قېنى بىلەن يېڭى ھاياتنى ئالماشتۇرۇش

يۈرەك قېنى بىلەن يېڭى ھاياتنى ئالماشتۇرۇش

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بۇ بىر بۆلەك ئادەتتىكى غەمخۇرلۇق سۆھبەت خاتىرىسى غەمخۇرلۇق ئوبىيكتى لىن تىيەنىنىڭ ھېكايىسى ، ئەينەم ھەم ئاجايىپ ، لېكىن ئۇنىڭ زەھەر چېكىش ، زەھەر تاشلاش ، قايتا چېكىش يەنە قايتا ھاياتلىققا ئېرىششىنىڭ پۈتۈن جەريانى خاتىرىلەنگەن

ئەگەر ئەڭ دەسلەپكى زەھەر بىلەن ئۇچرىشىشنى بىر قىزىقىش ، بىلىپ – بىلمەي چېكىپ قېلىش ديىسە ، ئۇنداقتا قايتا چېكىش پەقەت زەھەرنىڭ كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىنمۇ ؟ ياق ! ئۇلار زەھەر تاشلاشتا مۇۋەپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن ، تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۇرۇق – تۇققان قېرنىداشلىرى ، دوست – بۇرادىلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ، كۆڭۈل بۆلۈشى ، لىن تىيەننىڭ يېڭى تۇرمۇشقا قانچىلىك غەمخۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ قان تەرى سڭگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ .

» مېنىڭ ئىسمىم لىن تىيەن ، بىر ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىمدىن باشلاپ ئاپام مېنى بەك قاتتىق تۇتاتتى . مېنى قىز بالا دېمەستىن ئوغۇل بالىدىنمۇ قاتتىق تۇتقان ئىدى » بىز سۆھبەتلىشىش جەريانىدا لىن تىيەن چىرايىنى ھەر خىل ئۆزگەرتىپ، سەبىيلەرچە قىلىقلارنى قىلىپ قۇچىقىدىكى ياشقا توشمىغان بالىنى ئەركىلتىپ كۈلدۇرەتتى . ئانا – بالا ئىككىسىنىڭ بەخىتلىك قىياپىتىنى كۆرۈپ ئۇلار ئۈچۈن خوش بولدۇم .

» مېنىڭ مىجەزىم بەك قوپال ، گەرچە مەن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويساممۇ ، ئاتا – ئانامنىڭ باشقۇرۇشىنى قۇبۇل قىلمايمەن . ئۇلارنىڭ گېپىنى ئازىراقمۇ ئاڭلىمايمەن . » سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە لىن تىيەن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ » ئاتا – ئانام ئەمەلىيەتتە ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ …….» .

مېنىڭ ھۇجۇدۇمدا چوڭقۇر ھېسداشلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئەستايىللىق بىلەن ئاڭلىدىم ۋە » بىچارە ئاتا – ئانىلار ، ھەر بىر پەرزەنت ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭ قەلبىدە مەڭگۇ چوڭ بولمايدىغان بالا ، ئاتا – ئانام تا ھازىرغىچە دائىم ماڭا ئادەم بولۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى سۆزلەيدۇ .» دېدىم

» توغرا ، ئۆز ۋاقتىدا مەن چۇشەنمەي قالغىنمغا ئېچىنىمەن . دائىم ئۇلارنىڭ مېنى قاتتىق باشقۇرۇشىدىن زېرىكەنتىم .» لىن تىيەننىڭ يۈزىدە بىر خىل پۇشايمان ھېسياتى گەۋىلەندى ، ۋە پەس ئاۋازدا » تولۇقسىز ئوتتۇرىنى تېخى پۈتتۈرمەيلا ئوقۇشدىن چېكىندىم . مەن پەقەت ئۆزۈم چوڭ بولۇپ بولغاندەك ، ھەممە ئىشنى قىلالايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم .»

» شۇ ۋاقىتلاردا سىز زەھەرگە يولۇقتىڭىز شۇنداقمۇ ؟ » مەن ئېھتىيات بىلەن سورىدىم .

لىن تىيەن ئاچچىق كۈلۈپ . » دەسلەپتە مەن ئادەتتىكى تاماكىغا ئارلاشتۇرۇپ چەكتىم . كېيىن خۇمار بولۇپ قالىدىغىنىمى ئويلىماپتىمەن . بىرنىچى قېتىم ، مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، مەن ئاۋالقىدەكلا » ئاق ئۇن » نى چەكسە ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ قاراپتىمەن ، چۈنكى مەن بەك ئاسان زەھەر تاشلىيالىغان ئەمەسمۇ ؟»

مەن چۇشەندۇرۇپ : » تىببىي ساھەدىن ئېلىپ ئېتقاندا ، فىزولۇگىيە جەھەتتىن زەھەرنى داۋالاش پەقەت زەھەر خۇمارىنى بېسىشتىكى بىرنىچى قەدەم . مۇھىم بولغىنى پىسخولۇگىيە جەھەتتىن زەھەرگە بولغان تايىنىشنى يوقىتىش . قايتا چېكىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، زەھەر چېكىش قانۇنسىز ھەرىكەت .»

» بۇلارنى مەن كېيىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا ئاندىن چۇشەندىم . لېكىن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا . مەن ھېس قىلمىغان .» لىن تىيەن ئىنتايىن سەمىمىي كۆرۈنەتتى ._ ئۇنداقتا ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن قايتا چېكىۋالدىڭىز ؟ لىن تىيەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى : » ئەمەلىيەتتە ئۇ چاغدا بۇ نەرسىگە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ قېلىشىمنى ئويلماپتىمەن . لېكىن ئەتراپتىكىلەر ماڭا بولغان ھەر خىل پىكىرى ۋە ئاتا- ئانامنىڭ تېخمۇ قاتتىق ئەيىبلىش ۋە چەكلىشى مېنى يىرگىندۇردى . مەن پەقەت مۇشۇ مۇھىتتىن ئايرىلساملا ، ئاندىن ھەممە نەرسىدىن قۇتۇلىمەن دەپ ئويلايتتىم . ئاخىرىدا مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قارادىغا كەلدىم . لېكىن قىيىنچىلىققا يۇلۇققان چاغدا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمىدىم ، پەقەت بارغانسىرى يىرگەندىم دوستلىرىمنىڭ كۈشكۈرتىشى ئاستىدا . مەن زەھەر بىلەن ئۆزۈمنى مەست قىلدىم .»

«ئادەمنىڭ پاسسىپ مۇھىتتىكى پىسخۇلوگىيىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى بەك ئاجىز بولىدىكەن . ئاسانلا يامان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن . شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز ئەمدىلا تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن قايتىپ كېلىپ ، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىمەي تۇرۇپلا ، سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولدىڭىز ؟ بۇ توغرا بولمىغان تاللاش .»

لىن تىيەن بىشىنى چايقاپ ، ئۇھ تارتىپ » ئەگەر مەن بىر ياخشى كەيپىياتتا بولالىسام بەلكىم ھەرگىز قايتا …………………»

لىن تىيەننىڭ ياشقا تولغان بىر جۈپ كۆزىگە قاراپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە قانچىلىك پۇشايمان قىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . » ھەر قانداق ئادەم خاتا يولغا كىرىپ قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ . بىراق مۇھىم بولغىنى تۈنۇگۈنكى مەغلۇبىيەتتىن دەست تۇرۇش ، ئەتە ئۈچۈن تىرىشىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇرۇش .»

لىن تىيەن ھاياجانلانغان ھالدا : » سىلەردەك يىقىنلىرىمغا ئۇچرىغاچقا مەن چەكسىز تەسەللى ۋە خوشاللىق ھېس قىلدىم .» قۇچىقىدىكى قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغان قىزىغا قاراپ ، ئۇنىڭ يۈزىدە كۈلكە جىلۋىلەندى .» مەن ھازىر ئانا بولدۇم ، مەن قىزىمغا بەك ئامراق . سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن غەمخۇرلۇقىڭلار ۋە ياردىمىڭلار نېمىدىگەن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم .» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ، كۆز يېشى ئۇنىڭ مەڭزىدىن سىرغىپ چۇشتى .

ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش مەركىزىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، مەن باشقلار بىلەن ئالاقە قىلشتىن تېخىمۇ قۇرقتۇم . ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىشەنچىسى يوقتىكلا ھېس قىلاتتىم . ئۇلارنىڭ كۆزىدىن خۇددى : » زەھەر چەككەن ئادەمنى قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ » دەۋاتقاندەكلا بىلىنەتتى . مېنىڭ كۆڭلۈم گەرچە باشقىلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىشنى ئۇمىد قىلىدۇ . لېكىن ئۇ چاغدىكى كەيپىياتىم پەقەتلا » چېقىلغان ئەينەك ئەسلىگە كەلمەيدۇ . » دېگەندىن ئىبارەت ئىدى . ئاتا – ئانام مېنى چۇشىنىپ ، ماڭا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇلارنى ئۇمىدسىزلەندۇرگەندەك ، ئۇلارغا چوڭقۇر ئازار بەرگەندەك ھېس قىلاتتىم . » لىن تىيەننىڭ گىپى مېنىڭ قەلبىمنى تىترىتەتتى . بۇ خىل تۇغقانلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتىكى مۇرەككەپ ھېسىيات . شۇنداقلا ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن مۇنازىرە بېسىملار ، ئەمدىلا ئەمگەك بىلەن تەربىيلەشتىن قايتىپ چىقىپ يېڭى تۇرمۇشنى باشلىغان ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، نېمىدىگەن ئېغىر ئەلەم !

» مەن يەنە شۇ كۈننى ئەسلەپ قالدىم » لىن تىيەننىڭ كۆزى دەرىزە تەرەپتە ئىدى . ئۇ پەس ئاۋازدا : » مەن ئىنتايىن كەچ ئۆيگە قايتىپ ئىشىكدىن كىرىشىمگە ، سىلەرنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغىنڭلارنى كۆردۇم . سىلەر مېنى ئاز ئەيىبلىمىدىڭلار . مەن يىغلاپ كۈچلۈك رەت قىلدىم . ئۇ ۋاقىتتا مەن سىلەرنىڭ مېنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىزدەيدىغانلىقىڭلارنى چۇشەنمەيتتىم . مەن بىرسىنىڭ كېلىپ مېنىڭ زەھەر چەكمەسلىكىمنى ئەسكەرتىپ قويىشىقا ھەم ياردەم قىلىشقا مۇھتاج ئەمەس ئىدىم .

مۇنداق ئەھۋالدا قالغان ئادەملەر جىق تۇرسا ، مېنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى . »

لىن تىيەن ھاياجانلىنىپ ماڭا :» سىلەر ماڭا دېگەن ۋاقىت دەل مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى . سىلەر ئالايىتەن سوۋغا بىلەن مېنى كۆرگىلى كەلگەن ۋاقىتتا مەن ………………….»

لىن تىيەن يىغلاپ توختىمايىتتى . مېنىڭ كۆڭلۈم بىر خىل دولقۇنلىشىۋاتقاندەك بولۇپ ، ئۇزاققىچە تىنچلىيالمىدىم .

لىن تىيەن دۇدۇقلاپ :» مەن ئۇ كۈننى مەڭگۇ ئۇنۇتالمايمەن ، ئاتا- ئانام ماڭا تولۇپ تاشقان مېھىرىبانلىق ۋە غەمخۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن قارايتتى ، ئۇلار ماڭا ، نېمىنىڭ مۇھاببەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى . شۇ كۈندىن باشلاپ مەن قەددىمنى رۇسلاپ ، كۆڭلۈمدىكى قاراڭغۇلۇقىنىڭ ئۆزۈمنى يىڭىشقا يول قويمىدىم . مېنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمنى ، دوستلىرىمىنى قايتا ئۈمىدسىزلەندۇرگۇم يوق . ئۇلار مېنىڭ ئۆتمۈشۈمگە قانداق قارىشىمدىن قەتئىنەزەر ، ھازىرقى مەن چوقۇم ئۆزەمنى كۈچەيتىپ دەست تۇرۇپ ، ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ساقىيالماسلاردىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايمەن .

» ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ۋە غەمخۇرلىقىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت . ئىشىنىمەن مېنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشۇم ئىنتايىن بەختلىك .»

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:17:06

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ