ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزيۈرەكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ۋە ئەسۋاپلىرى

يۈرەكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ۋە ئەسۋاپلىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ياخشىمۇسىلەر.

مەن نۇرمەمەت، قانىلىمزغا خوش كەلدىڭلار

ئالدىنقى لىكسىيەلەردە يۈرەكنى شەكلى ۋە روللىرىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بۇ قىتىمقى بۇ لىكسىيەدە، دوختۇرخانىلاردا شىپاخانىلاردا يۈرەكنى قايسى ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرىدۇ، بۇنى تونۇشتۇرىمىز.

كۆپىنچە كىشىلەر يۈرەكنى قانداق تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.

دوختۇرخانىلاردا ئۆزىنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇل ئارقىلىق يۈرەكنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسىنى باھالايدۇ.

 

  1. كېسەل ئالامىتىنى سوراش، ئائىلە كېسەللىك تارىخىنى سوراش

بۇ ئەڭ ئاسان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولسىمۇ ئەمما مۇھىم ئورۇننى ئېگەللەيدۇ. يۈرەك كۆكرەك قىسىمدا ئاغرىق بارمۇ، نەپەس سىقىلىش بارمۇ، سول مۈرىدە ئاغرىق بارمۇ، پەلەمپەيگە چىققاندا ئاسان ھارامدۇ، پۇتتا سۇلۇق ئىششىق بارمۇ، ئائىلىدە چوڭلاردا يۈرەك كېسىلى تارىخى بارمۇ، بۇرۇن يۈرەك كېسلى بولۇپ باققانمۇ، دورا ئىشلىتەمدۇ… قاتارلىق بۇ سوئاللار ئارقىلىق يۈرىكىڭىزگە، ۋە بەدەن سالامەتلىكىڭىزگە دەسلەپكى بىر تونۇش بولىدۇ.

 

 

  1. تومۇر تۇتۇش، كۆكرەك قىسمى تىببىي تىڭشىغۇچ بىلەن يۈرەك رىتىمىنى تىڭشاش

تومۇر تۇتۇشنى غەرىپ تىبابىتىدە بىر قەدەر ئاز ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە كۆپرەك قوللىنىدۇ. غەرىب مىدىتسىناسىدا، تىببىي تىڭشىغۇچ ئارقىلىق يۈرەك رىتىمى، يۈرەك كلاپان ئاۋازلىرىنىڭ نورمال نورمال ئەمەسلىكى، قوشۇمچە يۈرەك ئاۋازلىرى بار يوقلۇقىنى تىڭشايدۇ. بۇ ئارقىلىق كىلاپانلاردا، يۈرەكنىڭ سوقۇش، قان ئېتىپ چىقىرىشتا مەسىلە بار يوقلۇلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

 

 

  1. ئې ك گ EKG

يۈرەكنى تەكشۈرۈشتە ئەڭ مەشھۇر، بەدەننى ئاغرىتماي تۇرۇپ خېلى خېلى كۆپ يۈرەك كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويالايدىغان تەكشۈرۈش دەل مۇشۇ ئې كا گې دۇر. بۇ ئىسىم ئىنگىلىزچە لاتىنچە ئېلېكتروكاردىئوگرافىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇ ئەسۋاپنى تۇنجى قېتىم 1872يىلى تاساددىپىيلىق بىر ئەھۋالدا ئىجاد قىلىنغان. بۇنىڭ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، كۆكرەك قىسمىغا 6 تال سىم باغلانغان ئەسۋابنى قويۇپ، قول ۋە پۇتقا 4 سىمنى باغلايمىز. ئاندىن بىر ئۈسكۈنىدە يۈرەكنىڭ رىتىم دولقۇنىنىڭ بەدەندىكى تاراش ئەھۋالىنى خاتىرىلەيدۇ. يۈرەكتە مەسىلە بولسا، مەسىلەن جىددىي يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش، يۈرەك مۇسكۇلى يوغىناپ كېتىش، يۈرەك پەردە ياللۇغىلىرى… كۆپلىگەن يۈرەك كېسەللىكلىرىدە دىئاگنوز قويۇشتا يۇقىرى قىممەتكە ئىگە تەشكۈرۈش. بۇ تەكشۈرۈش باھا جەھەتتىن ئەڭ ئۇيغۇن، ئەڭ زەخىمسىز تەكشۈرۈش بولغاچقا، كۆپلىگەن دوختۇرخانىلاردا بۇ ئەسۋاپ چوقۇم بولىدۇ. ھەر قىتىم يۈرەك ئې ك گ سىنى تارتىش ئۈچۈن كۆپ كەتسە 10 لىرا كىتىدۇ. ئەگەر بۇرۇن تارتىپ باققان بولسىڭىز، مەيلى نورمال بولسۇن بولمىسۇن، چوقۇم بىر نۇسخا قولىڭىزدا قالسۇن، ياكى تېلىفوندا رەسىم تارتىپ خاتىرلىۋېلىڭ. كېيىن باشقا دوختۇرخانىغا بارغاندا سوراپ قالىدۇ.

 

  1. ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش، دوپلېر ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش USG

ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش دولقۇن ئارقىلىق يۈرەك مۇسكۇللىرى ۋە يۈرەك كلاپانلىرى ھەرىكەتلىرىنى كۈزەتكىلى بولىدۇ، دوپلېر يەنى رەڭلىك ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە يۈرەك تومۇرلىرىدا قاننىڭ ئېقىشىنى، ئاققان قاننىڭ مىقتارىنى، يۈرەكنىڭ سىغىمچانلىقى، يۈرەكنىڭ قاننى ئېتىش كۈچىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. يۈرەكنىڭ ئېتىش كۈچى ئادەتتە 55-60 ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بەزى كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرنىڭ باھاسى قىممەتراق بولىدۇ. نورمالدا 100 لىرادىن 300 لىرا ئەتراپىدا بولىدۇ.

 

  1. قان تەكشۈرۈش

قان تەكشۈرۈشتە،  خولىستىرول يەنى قاندىكى ماي ماددىسى، proBNP, CK-MB, Troponin قاتارلىق قىممەتلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۈرەكتە جىددىي قان تومۇر توسۇلۇش، تومۇرلارنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسى، يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ دەرىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.

 

  1. 24-72 سائەتلىك خولتېر ئەسۋابى تاقاپ كۈزىتىپ تەكشۈرۈش HOLTER

بۇ خولتېر ئەسۋابى سىزنىڭ 24 سائەتتىن 72 سائەتكىچە بولغان نورمال ھاياتتىكى يۈرەك سوقۇش رىتىمىڭىزنى خاتىرىلەپ ماڭىدىغان بىر خىل ئەسۋاب. بۇ ئەسۋاب تاقاپ ئۆيگە كېتىپ نورمال ھاياتىڭىزنى داۋام قىلىسىز، 1 ياكى 3 كۈندىن كېيىن دوختۇر شۇنىڭدىكى خاتىرىگە ئاساسەن يۈرىكىڭىزنى باھالايدۇ.

 

  1. يۈك ھەرىكەت سىنىقى

بۇ چوڭراق دوختۇرخانىلاردا بولىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش، بۇنىڭدا بەدىنىڭىزگە تەكشۈرۈش ئەسۋابى چاپلاپ، سىزنى يۈگۈرتىدۇ، ھەرىكەت قىلدۇرىدۇ. بۇ جەرياندا يۈرەك رىتىمىڭىزدە، قان ئېتىشتا ئۆزگىرىش پەيدا بولامدۇ يوق بۇنى كۈزىتىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەرىكەت ئارىلىقىدا يۈرەككە قان يىتىشمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

 

  1. رېنتىگىن تارتىش، سى تى تارتىش، ئم ئار تارتىش

رېنتىگىن، سى تى، ئەم ئار لار نورمالدا دائىم قوللىنىدىغان يۈرەك تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئەمەس. پەقەت بەزى ۋاقىتلاردا، رېنتىگىن ئارقىلىق يۈرەكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە جايلىشىش يېرىنى، سى تى ئارقىلىق يۈرەكنىڭ كەسمە يۈزىنى، يۈرەك پەردىسى ئارىلىقلىرىدا سۇ بارمۇ يوق بۇلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەم ئار ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر شەكىللىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەمما بۇلارنى كىلىنىك داۋالاشتا  ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمىز.

 

  1. نەيچە تىقىپ تەكشۈرۈش، ئانجىئوگرافى

بۇ خىل تەكشۈرۈش پاچاق يېرىقىدىكى ياكى قولدىكى قان تومۇردىن بىر نەيچىنى تىقىپ يۈرەككىچە ئاپىرىپ، نەيچىدىن دورا بېرىدۇ. يۈرەك قان تومۇرلىرىغا بۇ دورا كىرگەندىن كىيىن ئېكراندا قان تومۇرلارنىڭ شەكىللىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر قان تومۇرلاردا تىقىلىش ئەھۋاللىرى بولسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ خىل تەكشۈرۈش بىر ئوپىراتسىيەگە ھىساپ بولىدۇ، ھەم يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،  خەتىرى بار.

 

بۇ دەپ ئۆتكەن 9 خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن باشقا مېدىتسىنانىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ باشقا تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىمۇ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ جاپاكەش يۈرىكىمىزنى ئاسراش، قوغداش، توغرا دىئاگنوز قويۇپ توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن.

 

قوشۇمچە كىچىك بىر مەزمون:

دىققەت قىلسىڭىز، مەن بايا دەپ ئۆتكەن بۇ 9 خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى ئەڭ زەخىمسىز تەكشۈرۈش يەنى ئاغزاكى ئۇچۇر ئېلىشتىن تارتىپ، ئەڭ زەخىم يەتكۈزىدىغان يەنى تومۇرغا نەيچە تىقىپ تەكشۈرۈشكە قاراپ تىزدىم. بۇ مۇشۇ غەرىپ مىدىتسىناسىدا ئومۇملاشقان بىر پىرىنسىپ. يەنى مەيلى دىئاگنوز قويۇڭ ياكى داۋالاش ئېلىپ بېرىڭ، ئاۋۋال زەخىم يەتكۈزۈش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەندىن باشلاش كېرەك. ئەگەر زەخىمسىز بىر ئۇسۇلدا توغرا دىئاگنوز قويالىسىڭىز ياكى داۋالىيالىسىڭىز، ئارقىدىكى زەخىم يەتكۈزىدىغان تەكشۈرۈشلەرنى ياكى داۋالاشلارنى قىلماسلىق لازىم. ئەمما .. ھازىر پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىمارلارغا مەجبۇرى بەزى تەكشۈرۈشلەر قىلىدۇ، مەجبۇرى بەزى دورىلارنى بېرىدۇ. بۇ ئىللەت ھەممە يەردە ھەممە كەسىپتە ھەممە ساھەدە بار. شۇڭا ئىشەنچلىك يەرلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئەڭ مۇھىم.

 

 

كام قالغان يەرلەر:

  1. ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش: بۇ خىل تەكشۈرۈشمۇ زەخىمسىز، بىمار ياتىدۇ، ئۇلترائاۋازلىق ئۈسكۈنىدىن چىققان دولقۇن ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل تەكشۈرۈشتە بىمارغا رادىئاتسىيە بولمايدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈشنى ھامىلىلەرگىمۇ بالىلارغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. نورمالدا، يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشنى ئۆزى قىلىدۇ.
  2. يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرىغا نومۇر ئالسا نورمالدا تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك دوختۇرخانىلار ياكى يېرىم دۆلەت يېرىم شەخسىي دوختۇرخانىلاردا ۋەياكى كىچىكرەك ئامبۇلاتورىيەلەردە 120 لىرادىن 300 لىراغىچە ئوخشىمايدۇ. ئەمما پوننىي شەخسىي دوختۇرخانىلاردا بەكلا قىممەت. بۇ دىيىلگەن باھالار 2020-يىلىغا تەۋە. كېيىنكى باھالىرىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
  3. رېنتىگىن باھاسى: 50-100 لىرا ئەتراپىدا، سى تى ۋە ئەم ئار :400-1000 لىرا ئەتراپىدا. بۇ دىيىلگەن باھالار 2020-يىلىغا تەۋە. كېيىنكى باھالىرىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
  4. يۈرەككە نەيچە تىقىپ تەكشۈرۈش ئانجىئوگرافى: ئوپىراتسىيە شەكلىدە بولىدۇ. شۇڭلاشقا تۈركىيەدىكى باھالىرى 4000-5000 لىرادىن ئاز بولمايدۇ.  بۇ دىيىلگەن باھالار 2020-يىلىغا تەۋە. كېيىنكى باھالىرىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
  5. ئانجىئوگرافىدە ئاساسلىقى توسۇلۇپ قالغان تومۇرنى ئېچىش ئۈچۈن كۆپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئانجىئوگرافىنى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان يۈرەك ئوپىراتسىيەنىڭ بىرسى. بىر كېچىدىلا 4-5 ئانجىئوگرافى بولىدىغان ۋاقىتلار بولىدۇ.

 

مەن نۇر دوختۇر.

بۈگۈنكى لىكسىيەمىز مۇشۇ يەردە ئاياقلىشىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-03-16 / 09:33:52

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ