ئانا سەھىپەكېسەللىكلەريۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىيۈرەكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ۋە ئەسۋاپلىرى

يۈرەكنى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ۋە ئەسۋاپلىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئالدىنقى لىكسىيەلەردە يۈرەكنى شەكلى ۋە روللىرىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بۇ قىتىمقى بۇ لىكسىيەدە، دوختۇرخانىلاردا شىپاخانىلاردا يۈرەكنى قايسى ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرىدۇ، بۇنى تونۇشتۇرىمىز.  

دوختۇرخانىلاردا ئۆزىنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇل ئارقىلىق يۈرەكنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسىنى باھالايدۇ.

  1. كېسەل ئەھۋالىنى سوراش، ئائىلە كېسەللىك تارىخىنى سوراش

بۇ ئەڭ ئاسان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولسىمۇ ئەمما مۇھىم ئورۇننى ئېگەللەيدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى،  يۈرەك كۆكرەك قىسىمدا ئاغرىق بارمۇ، نەپەس سىقىلىش بارمۇ، سول مۈرىدە ئاغرىق بارمۇ، پەلەمپەيگە چىققاندا ئاسان ھارامدۇ، پۇتتا سۇلۇق ئىششىق بارمۇ، ئائىلىدە چوڭلاردا يۈرەك كېسىلى تارىخى بارمۇ… قاتارلىق بۇ سوئاللار ئارقىلىق يۈرىكىڭىزگە سىزنىڭ بەدەن سالامەتلىكىڭىزگە دەسلەپكى بىر تونۇش بولىدۇ.

  1. تومۇر تۇتۇش، كۆكرەك قىسمى تىببىي تىڭشىغۇچ بىلەن يۈرەك رىتىمىنى تىڭشاش

تومۇر تۇتۇشنى غەرىپ تىبابىتىدە بىر قەدەر ئاز ئىشلىتىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە كۆپرەك قوللىنىدۇ. تىببىي تىڭشىغۇچ ئارقىلىق يۈرەك رىتىمى، يۈرەك كلاپان ئاۋازلىرىنىڭ نورمال نورمال ئەمەسلىكى، قوشۇمچە يۈرەك ئاۋازلىرى بارمۇ بۇلار ئارقىلىق كىلاپانلاردا، يۈرەكنىڭ سوقۇش ئىقتىدارىدا مەسىلە بارمۇ بىلگىلى بولىدۇ.

  1. ئې ك گ (EKG 心电图)

يۈرەكنى تەكشۈرۈشتە ئەڭ مەشھۇر، بەدەننى ئاغرىتماي تۇرۇپ خېلى خېلى كۆپ يۈرەك كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويالايدىغان تەكشۈرۈش دەل مۇشۇ ئې كا گې دۇر. بۇ ئىسىم ئىنگىلىزچە لاتىنچە ئېلېكتروكاردىئوگرافىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇ ئەسۋاپنى تۇنجى قېتىم 1111 يىلى تاساددىپىيلىق بىر ئەھۋالدا ئىجاد قىلىنغان. بۇنىڭ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، كۆكرەك قىسمىغا 6 تال ئۆلچەكنى قويۇپ، قول ۋە پۇتقا 4 توك سىمىنى باغلايمىز. ئاندىن بىر ئۈسكۈنىدە يۈرەكنىڭ رىتىمى دولقۇنىنىڭ بەدەندىكى تاراش ھالىتىنى خاتىرىلەيدۇ. يۈرەكتە مەسىلە بولسا، مەسىلەن جىددىي يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش، يۈرەك مۇسكۇلى يوغىناپ كېتىش، يۈرەك پەردە ياللۇغىلىرى… كۆپلىگەن يۈرەك كېسەللىكلىرىدە دىئاگنوز قويۇش قىممىتىغا ئېگە. بۇ تەكشۈرۈش باھا جەھەتتىن ئەڭ ئۇيغۇن، ئەڭ زەخىمسىز تەكشۈرۈش بولغاچقا، كۆپلىگەن دوختۇرخانىلاردا بۇ ئەسۋاپ چوقۇم بولىدۇ. ھەر قىتىم يۈرەك ئې ك گ سىنى تارتىش ئۈچۈن كۆپ كەتسە 10 لىرا كىتىدۇ.

  1. ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش، دوپلېر ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش (ultrasound B超声检查)

ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش دولقۇن ئارقىلىق يۈرەك مۇسكۇللىرى ۋە يۈرەك كلاپانلىرى ھەرىكەتلىرىنى كۈزەتكىلى بولىدۇ، دوپلېر يەنى رەڭلىك ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە يۈرەك تومۇرلىرىدا قاننىڭ ئېقىشىنى، ئاققان قاننىڭ مىقتارىنى، يۈرەكنىڭ سىغىمچانلىقى، يۈرەكنىڭ قاننى ئېتىش كۈچىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. يۈرەكنىڭ ئېتىش كۈچى ئادەتتە 55-60 ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بەزى كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرنىڭ باھاسى قىممەتراق بولىدۇ. نورمالدا 100 لىرادىن 300 لىرا ئەتراپىدا بولىدۇ.

  1. قان تەكشۈرۈش

قان تەكشۈرۈشتە،  خولىستىرول يەنى قاندىكى ماي ماددىسى، proBNP, CK-MB, Troponin قاتارلىق قىممەتلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۈرەكتە جىددىي قان تومۇر توسۇلۇش، تومۇرلارنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسى، يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ دەرىجىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.

  1. 24-72 سائەتلىك خولتېر ئەسۋابى تاقاپ كۈزىتىپ تەكشۈرۈش

بۇ خولتېر ئەسۋابى سىزنىڭ 24 سائەتتىن 72 سائەتكىچە بولغان نورمال ھاياتتىكى يۈرەك سوقۇش رىتىمىڭىزنى خاتىرىلەپ ماڭىدىغان بىر خىل ئەسۋاب. بۇ ئەسۋاب تاقاپ ئۆيگە كېتىپ نورمال ھاياتىڭىزنى داۋام قىلىسىز، 1 ياكى 3 كۈندىن كېيىن دوختۇر شۇنىڭدىكى خاتىرىگە ئاساسەن يۈرىكىڭىزنى باھالايدۇ.

  1. يۈك ھەرىكەت سىنىقى

بۇ چوڭراق دوختۇرخانىلاردا بولىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش، بۇنىڭدا بەدىنىڭىزگە تەكشۈرۈش ئەسۋابى چاپلاپ، سىزنى يۈگۈرتىدۇ، ھەرىكەت قىلدۇرىدۇ. بۇ جەرياندا يۈرەك رىتىمىڭىزدە ئۆزگىرىش پەيدا بولامدۇ يوق بۇنى كۈزىتىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەرىكەت ئارىلىقىدا يۈرەككە قان يىتىشمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

  1. رېنتىگىن تارتىش، سى تى تارتىش، ئم ئار تارتىش

رېنتىگىن، سى تى، ئەم ئار لار نورمالدا دائىم قوللىنىدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئەمەس. پەقەت بەزى ۋاقىتلاردا، رېنتىگىن ئارقىلىق يۈرەكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە جايلىشىش يېرىنى، سى تى ئارقىلىق يۈرەكنىڭ كەسمە يۈزىنى، يۈرەك پەردىسى ئارىلىقلىرىدا سۇ بارمۇ يوق بۇلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەم ئار ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر شەكىللىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەمما بۇلارنى كىلىنىك داۋالاشتا  ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمىز.

  1. نەيچە تىقىپ تەكشۈرۈش، ئانجىئوگرافى

بۇ خىل تەكشۈرۈش پاچاق يېرىقىدىكى ياكى قولدىكى قان تومۇردىن بىر نەيچىنى تىقىپ يۈرەككىچە ئاپىرىپ، نەيچىدىن دورا بېرىدۇ. يۈرەك قان تومۇرلىرىغا بۇ دورا كىرگەندىن كىيىن ئېكراندا قان تومۇرلارنىڭ شەكىللىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر قان تومۇرلاردا تىقىلىش ئەھۋاللىرى بولسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ خەتىرى بار.

بۇ دەپ ئۆتكەن 9 خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىغان باشقا مېدىتسىنانىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ باشقا تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىمۇ مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ جاپاكەش يۈرىكىمىزنى ئاسراش، قوغداش، توغرا دىئاگنوز قويۇپ توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن.

قوشۇمچە كىچىك بىر مەزمون:

دىققەت قىلسىڭىز، مەن بايا دەپ ئۆتكەن بۇ 9 خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى ئەڭ زەخىمسىز تەكشۈرۈش يەنى ئاغزاكى ئۇچۇر ئېلىشتىن تارتىپ، ئەڭ زەخىم يەتكۈزىدىغان يەنى تومۇرغا نەيچە تىقىپ تەكشۈرۈشكە قاراپ تىزدىم. بۇ مۇشۇ غەرىپ مىدىتسىناسىدا ئومۇملاشقان بىر پىرىنسىپ. يەنى مەيلى دىئاگنوز قويۇڭ ياكى داۋالاش ئېلىپ بېرىڭ، ئاۋۋال زەخىم يەتكۈزۈش دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەندىن باشلاش كېرەك. ئەگەر زەخىمسىز بىر ئۇسۇلدا توغرا دىئاگنوز قويالىسىڭىز ياكى داۋالىيالىسىڭىز، ئارقىدىكى زەخىم يەتكۈزىدىغان تەكشۈرۈشلەرنى ياكى داۋالاشلارنى قىلماسلىق لازىم. ئەمما .. ھازىر پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىمارلارغا مەجبۇرى بەزى تەكشۈرۈشلەر قىلىدۇ، مەجبۇرى بەزى دورىلارنى بېرىدۇ. بۇ ئىللەت ھەممە يەردە ھەممە كەسىپتە ھەممە ساھەدە بار.

كام قالغان يەرلەر:

  1. ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش: بۇ خىل تەكشۈرۈشمۇ زەخىمسىز، بىمار ياتىدۇ، ئۇلترائاۋازلىق ئۈسكۈنىدىن چىققان دولقۇن ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل تەكشۈرۈشتە بىمارغا رادىئاتسىيە بولمايدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈشنى ھامىلىلەرگىمۇ بالىلارغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. نورمالدا، يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشنى ئۆزى قىلىدۇ.
  2. يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرىغا نومۇر ئالسا نورمالدا تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك دوختۇرخانىلار ياكى يېرىم دۆلەت يېرىم شەخسىي دوختۇرخانىلاردا ۋەياكى كىچىكرەك ئامبۇلاتورىيەلەردە 120 لىرادىن 300 لىراغىچە ئوخشىمايدۇ. ئەمما پوننىي شەخسىي دوختۇرخانىلاردا بەكلا قىممەت.
  3. رېنتىگىن باھاسى: 50-100 لىرا ئەتراپىدا، سى تى ۋە ئەم ئار :400-1000 لىرا ئەتراپىدا.
  4. يۈرەككە نەيچە تىقىپ تەكشۈرۈش ئانجىئوگرافى: ئوپىراتسىيە شەكلىدە بولىدۇ. شۇڭلاشقا تۈركىيەدىكى باھالىرى 4000-5000 لىرادىن ئاز بولمايدۇ.
  5. ئانجىئوگرافىدە ئاساسلىقى توسۇلۇپ قالغان تومۇرنى ئېچىش ئۈچۈن كۆپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئانجىئوگرافىنى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان يۈرەك ئوپىراتسىيەنىڭ بىرسى. بىر كېچىدىلا 4-5 ئانجىئوگرافى بولىدىغان ۋاقىتلار بولىدۇ.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-08 / 05:21:43

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ