ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىزەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى بالىلاردىن باشلاش لازىم

زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى بالىلاردىن باشلاش لازىم

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ياش-ئۆسمۈرلەرگە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ھەقىقىي زىيىنىنى ئاشكارا چۈشەندۈرۈش لازىم پارلاق ئىستىقباللىق ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولسۇن

زەھەرلىك چېكىملىكنى مەنئى قىلىش تەربىيىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش زۆرۈر . ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارسىدا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلار ھەقىقەتەن بار . دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى ، ھازىر زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلارنىڭ %80 تىن كۆپرەك ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ، جەمئىيەتكە چىقىپ كەتكىنىگە 2-3يىل بولغان ياشلار .

ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئىككى ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچ . مۇشۇ خەتەرلىك باسقۇچنى ئوبدان تىزگىنلىگەندىلا ، نۇرغۇن ياشلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى قانۇننىڭ قۇنقۇزۇشىغا تاپشۇرۇپ ، يېڭىدىن زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنلەرنى تىزگىنلىسەك ، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ خەلق ئارىسىغا ، جەمئىيەتكە تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى مەنئى قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ھالقىسىنى مۇستەھكەملىگەن بولىمىز .

ھەقىقىي گەپنى قىلغاندا ، ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار بىلەن ھېچىكىمنىڭ كارى بولمايدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلۇش ، تەربىيىلىنىش مەزگىلىدە ، ئۇلارغا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرۈش ، جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى تازىلاش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش توغرىسىدا ، زەھەرلىك چېكىملىكنى تازىلاش مەجبۇرىيىتى بارلىقى توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش بىر رېئاللىق . بۇ رېئاللىقنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق چۈشەندۈرگەندىلا ، ئاندىن ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسى مۇنتىزم ، ئەتراپلىق ھەم چوڭقۇر بولۇشى كېرەك ، تەربىيىنىڭ چوڭقۇر ، ئەتراپلىق بولغان-بولمىغانلىقىنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ ، زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەسلىك تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆمۈرۋايەت زەھەرلىك چېكىملىككە يېقىن يولىمايدىغان قىلىش ، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ، ئەۋلادتىن ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ، ئۇنى ئومۇمىي خەلق بىلىمىگە ئايلاندۇرۇش .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-06-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:29:12

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ