ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار كېسەللىكلىرىزىبۇ-زىننەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر

زىبۇ-زىننەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۆۋەندە قىسمەن زىبۇ-زىننەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەرنى تونۇشتۇرىمىز

1. ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش رادىئو-ئاكتىپلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئامىرىكىلىق بىر ئايال قولىغا توي ئۈزۈكىنى سېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈزۈك سالغان بارمىقىنىڭ تېرىسى قىزىرىپ، بارمىقى ئىششىپ كەتكەن. دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە راك كېسلى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ بارمىقى بىلەن ئالقىنىنىڭ يېرىمى ئوپراتسىيە قىلىنىپ كېسىپ تاشلانغان.

زىبۇ-زىننەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر
كېيىن بۇ ئۈزۈكنى تەكشۇرگەندە ئۇنىڭدا<<رادىئو-ئاكتىپلىق ئېلېمېنىت >> بارلىقى بايقالغان. دەل مۇشۇ ماددىلار بۇ ئايالغا بەخىتسىزلىك ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. بۇ ئىش ئامېركىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. نىيۇ-يورك شەھرىدىكى بىر سەھيە بۆلۇمى 1000دەك زىننەت بۇيۇمىنى تەكشۇرۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 70نەچچە زىننەت بۇيۇمىدا رادىئو ئاكتىپلىق ئېلېمىنىتلار بارلىقىنى بايقىغان، ئەسلىدە بەزى رادىئو ئاكتىپلىق ئېلىمىنىتلار مەسىلەن:كوبالىت، پۇلۇنىي، رادىي قاتارلىقلار دائىم ئالتۇن كانلىرىغا يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ئالتۇننى قېزىپ ئېلىش،تاۋلاش ۋە زىننەت بويۇملىرىنى ياساش جەريانىدا، ئاز مىقداردىكى رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلار يەنىلا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. كېشىلەر بۇ خىل رادىئو ئاكتىپلىق ئېلىمىنىت ئارىلاشقان زىننەت بويۇملىرىنى تاقىغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمى ئۇزۇن مۇددەت رادىئاتسىينىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ،رادىئوكتىپلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالىملار كېشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار كېشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئۇ نەپەس يولى، ھەزىم قىلىش يولى ۋە تېرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە ئۆتۇپ ئادەم بەدىنىدە ساقلىنىدۇ. بۇ ماددىلارنىڭ سان مىقدارى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلۇقى يىلىك ۋە جىنسىي سېستىمىسىدا يامان سۇپەتلىك كېسەللىك .ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. 2.ئالتۇن زىننەت بويۇملىرى تېرە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېرىسى زىيادە سىزىمچان ئادەملەر زىننەت بويۇملارنى تاقىغاندا زىيادە سېزىمچانلىق تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن، ئەڭ ياخشىسى ساپ ئالتۇن ياكى ساپ كۇمۇشتىن ياسالغان زىننەت بويۇملىرىنى تاقاش، خروم يالاتقان ياكى نېكىل يالاتقان زىننەت بويۇملىرىنى تاقاشتىن ساقلىنىش كېرەك. 3.مارجان كېسىلى بويۇن تېرىسى بىر قەدەر نېپىز بولغاچقا، مارجان تاقىغان جاي ئوڭايلا زەخمىلىنىپ، قىسمەن جاينىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىۇ، شۇڭا، ئىستىمالچىلار مارجان سېتىپ ئالغاندا نەپىس ئىشلەنگەن، سۇپەت جەھەتتىن ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بويۇمىدىن قېلىشمايدىغان بويۇملارنى تاقاپ ئېلىشى،خروم نېكىل سىماب يالاتقان ياكى ئالىيومىن، قەلەيگە ئوخشاش قېتىشما بويۇملاردىن ياسالغانلىرىنى ئالماسلىقى كېرەك، يۇيۇنغاندا ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بويۇندىكى مارجاننى ئېلىپ پاكىز رەخىت پارچىسى بىلەن تازىلاپ، كېسەللىك مىكروبى بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەر قېتىم يۇزىنى يۇغاندا بوينىنىمۇ قوشۇپ يۇيۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 4.ئۈزۈك كېسىلى ئۈزۈك بەك كىچىك بولۇپ ، قولنى قىسىپ كەتسە، قول بارماقلىرىنىڭ مەلۇم قىسمى بېسىمغا ئۇچراپ، قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماسلىق تۇپەيلىدىن مۇسكۇللارنىڭ ھەتتا سۆڭەكنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دائىم كېسەللەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان دوختۇر سېستىرلار قولىنى دائىم يۇيۇپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۈزۈككە باسۇرلۇپ قالغان تېرە ئاسانلىقچە تازىلانمايدۇ -دە كېسەللكىك مىكروبلىرى ئۇ يەردە ساقلىنىپ قېلىپ ئاسانلا باشقىلارغا يۇقىدۇ. يېمەكلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ ئۈزۈكنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇنغان كېسەللىك مىكروبلارنى يېمەكلىكلەرگە يۇقتۇرىدۇ. شۇڭا، يۇقىرقى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىش ئۇستىدە ئۈزۈك تاقىماسلىقى كېرەك. 5.ھالقا كېسىلى: ھالقىنى تاقاش ئۇچۇن قۇلاقنى تەكشۇرگەندە دىزىنفىكسىيە قىلىش ۋە مىكروبسىلاندۇرۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمىغاندا، قۇلاقنىڭ تۆشۇكىدە بەزى غەيرىي ماددىلارنىڭ قېپقېلىشى بىلەن قۇلاق يۇقۇملىنىدۇ. يېنىك بولغاندا، قىسمەن جايلاردا يېرىڭلاش خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كۆرىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا قاتما كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چەت ئەللەردە ئىلگىرى قاتما كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى ستاتىستىكا قىلغاندا بۇنىڭ ئچىىدە 16پىرسەنىتى قۇلاقنى تەكشۇرۇشتىن كېلىپ چىقانلىقى بايقالغان، بۇنىڭدىن باشقا قۇلاقنى تەكشۇرۇش ب تىبلىق جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىشى ناھايىتى تىز بولىدۇ. شۇڭا قۇلاق تەشكۇرگۇچىلەر دېزىنفىكسىيگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

كېيىن بۇ ئۈزۈكنى تەكشۇرگەندە ئۇنىڭدا<<رادىئو-ئاكتىپلىق ئېلېمېنىت >> بارلىقى بايقالغان. دەل مۇشۇ ماددىلار بۇ ئايالغا بەخىتسىزلىك ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. بۇ ئىش ئامېركىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. نىيۇ-يورك شەھرىدىكى بىر سەھيە بۆلۇمى 1000دەك زىننەت بۇيۇمىنى تەكشۇرۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 70نەچچە زىننەت بۇيۇمىدا رادىئو ئاكتىپلىق ئېلېمىنىتلار بارلىقىنى بايقىغان، ئەسلىدە بەزى رادىئو ئاكتىپلىق ئېلىمىنىتلار مەسىلەن:كوبالىت، پۇلۇنىي، رادىي قاتارلىقلار دائىم ئالتۇن كانلىرىغا يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ئالتۇننى قېزىپ ئېلىش،تاۋلاش ۋە زىننەت بويۇملىرىنى ياساش جەريانىدا، ئاز مىقداردىكى رادىئو ئاكتىپلىق ماددىلار يەنىلا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. كېشىلەر بۇ خىل رادىئو ئاكتىپلىق ئېلىمىنىت ئارىلاشقان زىننەت بويۇملىرىنى تاقىغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسمى ئۇزۇن مۇددەت رادىئاتسىينىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ،رادىئوكتىپلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالىملار كېشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار كېشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئۇ نەپەس يولى، ھەزىم قىلىش يولى ۋە تېرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە ئۆتۇپ ئادەم بەدىنىدە ساقلىنىدۇ. بۇ ماددىلارنىڭ سان مىقدارى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلۇقى يىلىك ۋە جىنسىي سېستىمىسىدا يامان سۇپەتلىك كېسەللىك .ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ.

2.ئالتۇن زىننەت بويۇملىرى تېرە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېرىسى زىيادە سىزىمچان ئادەملەر زىننەت بويۇملارنى تاقىغاندا زىيادە سېزىمچانلىق تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن، ئەڭ ياخشىسى ساپ ئالتۇن ياكى ساپ كۇمۇشتىن ياسالغان زىننەت بويۇملىرىنى تاقاش، خروم يالاتقان ياكى نېكىل يالاتقان زىننەت بويۇملىرىنى تاقاشتىن ساقلىنىش كېرەك.


3.مارجان كېسىلى

 بويۇن تېرىسى بىر قەدەر نېپىز بولغاچقا، مارجان تاقىغان جاي ئوڭايلا زەخمىلىنىپ، قىسمەن جاينىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىۇ، شۇڭا، ئىستىمالچىلار مارجان سېتىپ ئالغاندا نەپىس ئىشلەنگەن، سۇپەت جەھەتتىن ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بويۇمىدىن قېلىشمايدىغان بويۇملارنى تاقاپ ئېلىشى،خروم نېكىل سىماب يالاتقان ياكى ئالىيومىن، قەلەيگە ئوخشاش قېتىشما بويۇملاردىن ياسالغانلىرىنى ئالماسلىقى كېرەك، يۇيۇنغاندا ياكى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بويۇندىكى مارجاننى ئېلىپ پاكىز رەخىت پارچىسى بىلەن تازىلاپ، كېسەللىك مىكروبى بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەر قېتىم يۇزىنى يۇغاندا بوينىنىمۇ قوشۇپ يۇيۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

4.ئۈزۈك كېسىلى

ئۈزۈك بەك كىچىك بولۇپ ، قولنى قىسىپ كەتسە، قول بارماقلىرىنىڭ مەلۇم قىسمى بېسىمغا ئۇچراپ، قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماسلىق تۇپەيلىدىن مۇسكۇللارنىڭ ھەتتا سۆڭەكنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دائىم كېسەللەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان دوختۇر سېستىرلار قولىنى دائىم يۇيۇپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۈزۈككە باسۇرلۇپ قالغان تېرە ئاسانلىقچە تازىلانمايدۇ -دە كېسەللكىك مىكروبلىرى ئۇ يەردە ساقلىنىپ قېلىپ ئاسانلا باشقىلارغا يۇقىدۇ. يېمەكلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ ئۈزۈكنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇنغان كېسەللىك مىكروبلارنى يېمەكلىكلەرگە يۇقتۇرىدۇ. شۇڭا، يۇقىرقى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىش ئۇستىدە ئۈزۈك تاقىماسلىقى كېرەك.

5.ھالقا كېسىلى:

ھالقىنى تاقاش ئۇچۇن قۇلاقنى تەكشۇرگەندە دىزىنفىكسىيە قىلىش ۋە مىكروبسىلاندۇرۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمىغاندا، قۇلاقنىڭ تۆشۇكىدە بەزى غەيرىي ماددىلارنىڭ قېپقېلىشى بىلەن قۇلاق يۇقۇملىنىدۇ. يېنىك بولغاندا، قىسمەن جايلاردا يېرىڭلاش خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش كۆرىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا قاتما كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چەت ئەللەردە ئىلگىرى قاتما كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى ستاتىستىكا قىلغاندا بۇنىڭ ئچىىدە 16پىرسەنىتى قۇلاقنى تەكشۇرۇشتىن كېلىپ چىقانلىقى بايقالغان، بۇنىڭدىن باشقا قۇلاقنى تەكشۇرۇش ب تىبلىق جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىشى ناھايىتى تىز بولىدۇ. شۇڭا قۇلاق تەشكۇرگۇچىلەر دېزىنفىكسىيگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-02 / 04:31:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ