ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارزىققە كېسىلىگە شىپالىق رىتسىپلار

زىققە كېسىلىگە شىپالىق رىتسىپلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. توخۇنىڭ تۇخۇمىنى ھەر قېتىمدا بىرتالدىن كۈنىگە ئىككى _ ئۈچ قېتىم ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ يېسە، زىققا كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. 15 گرام ئۆرۈك مېغىزى ۋە 30 گرام ياڭاق مېغىزىنى مۇۋاپىق زەنجىۋىل سۈيىدە مېغىز ئېزىلگىچە قاينىتىپ، ھەسەلدىن مۇۋاپىق قۇيۇپ، دۇملەپ پىشۇرۇپ يېسە، زىققا كېسىلىگە، ماغدۇرسىزلىققا شىپا بولىدۇ.

3. 30 گرام جىنكىۋىزى60 گرام ياڭاق مېغىزىنى سۇدا قاينىتىپ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىسسىقىدا ئىچسە بولىدۇ. بۇ ئۇزۇنغىچە ساقايمىغان زىققە كېسىلى ۋە ماغدۇرسىزلىققا شىپا بولىدۇ.

4. 20 تال چىلان، 500 گرام يېڭى كاۋىغا قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، سۇدىن مۇۋاپىق قۇيۇپ چىلان ئېزىلگىچە قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، كانايچە زىققى كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

5. يۇمران ئاغىچە يۇغۇچنى ئۇششاق توغراپ قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ.

6. كېسەل قوزغالغاندا، ئاغىچە يۇغۇچ پەلىكىنىڭ سۈيىنى كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئۇدا يەتتە كۈن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

7. 120 گىرام دۇفۇ، 15 گرام ئۆرۈك مېغىزى، 10 گرام چاكاندىنى قاينىتىپ، دورىنىڭ تىرپىسىنى سۈزىۋەتكەندىن كېيىن، ئىككىگە بۆلۈپ دۇفۇسىنى يەپ، سۇيىنى ئىچىپ بەرسە، كانايچە زىققى كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

8. 30 گىرام ئاپتاپپەرەس تاۋىقى بىلەن 15 گرام قۇم شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ بېرىش كېرەك. ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا، كانايچە زىققى كېسىلىگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

9. نەچچە ئون تال سازاڭنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، بوش ئوتتا قورۇپ ساغارتىپ، تالقانلاپ، ھەر قېتىمدا ئىككى گرامدىن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئىلمان سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، كانايچە زىققى كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

10. چوڭ ئاپلىسىن پوستىنىڭ ئىچىدىكى ئاق ئېتىنى سويۇۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ توغراپ، ھەسەلدىن مۇۋاپىق قۇيۇپ، قاسقاندا دۇملەپ ئېزىلگىچە پىشۇرغاندىن كېيىن، سېرىق ھاراقتىن ئازراق قۇيۇپ، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ياشانغانلارنىڭ زىققى كېسىلىگە شىپا بولىدۇ

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:04:58

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ