ئەسنەش بىرخىل نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە ئادەم بىرمەھەل جىددىي ھەرىكەت ۋە جىسمانىي ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن نېرۋا چارچاش، بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، نەپەسمۇ چوڭقۇر، تېز بولۇشتىن بارا – بارا كالتە، ئاستا بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، قاندىكى ئوكسىگېن ئازىيىپ، چوڭ مېڭە قاتارلىق مۇھىم ئەزالارغا قان، ئوكسىگېن يېتىشمەي قالىدۇ
نەپەسنى باشقۇرغۇچى مەركىزىي نېرۋا چىقارغان بىرقېتىملىق قاتتىق نەپەسلىنىش سىگنالى بىر قېتىم ئەسنەش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئەسنەش ئوكسىگېن مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىدۇ.
كىلىنىكىلىق كۆزىتىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، سەكتە ( مېڭە تىقىلمىسى ) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ %60 – %70 ىدە كېسەل كۆرۈلۈشتىن بەش – ئون كۈن بۇرۇن كۆپ ئەسنەش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن.
ئۇنىڭ سەۋەبى، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىمى، مېڭە ئارتېرىيەسى قېتىش كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارنىڭ قان تومۇرى ئۇماچسىمان قېتىۋېلىش، تومۇر تارىيىپ كېتىش، قان ئايلىنىش ئاستىلاش، مېڭە توقۇلمىلىرىغا قان، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن. بۇ چاغدا ئورگانىزم چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق نەپەسنى تېزلىتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆكرەكنىڭ ئىچكى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارىنى كۆپەيتىدىكەن. بۇ ئارقىلىق يۈرەكنىڭ قان ھەيدەش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ياخشىلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەكرار ئەسنەس ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن.
مېڭە توقۇلمىلىرىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك قانچە ئېغىر بولسا، ئەسنەش شۇنچە كۆپ بولىدىكەن، ئاخىرىدا مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ پاتالوگىيەلىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدىكەن.
شۇڭا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، قەنت كېسىلى، قاندا ياغ ماددىسى ئېشىپ كېتىش كېسىلى قاتارلىق يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سەۋەبسىز كۆپ ئەسنەيدىغان بولۇپ قالغاندا، سەكتە بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھ بولۇپ، دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرۈنۈشى كېرەك ئىكەن.