ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرى​ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئەخلاقسىزلىقتىنمۇ ياكى بىلىمسىزلىكتىنمۇ؟

​ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئەخلاقسىزلىقتىنمۇ ياكى بىلىمسىزلىكتىنمۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

جەمىيئەتتە كىشىلەر ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ سەۋەپلىرىگە نىسپەتەن ھەر خىل قارايدۇ

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئەخلاقسىزلىقتىنمۇ ياكى بىلىمسىزلىكتىنمۇ

شۇنداقلا، ئاز بولمىغان كىشىلەر ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى ئەخلاقسىزلىقتىن بولىۋاتقان ئىشلار دەپ قارايدىكەن. زەھەر چېكىپ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى باشقىلارنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارى بولمىغان ئەخلاقسىزلىق دىسەك، پاھىشە-پاھىشىۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنى ئەخلاقسىزلىق دىسەك، ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ھامىلدار بولۇپ بالىسىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانماسلىقنى ئەخلاقسىزلىق دىسەك، ئائىلىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ بىرسى سىېرتتا ناشايان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ-بىلمەي ھەمرايىغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇشنى ئەخلاقسىزلىق دىسەك، ئىنسان تەبىتىگە يات بولغان قىلمىش-بەچچىۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنى ئەخلاقسىزلىق دىسەك…

ئەمما، ئەيدىزنىڭ ئائىلىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ، بىر تەرەپنىڭ ئەخلاقسىزلىقى بىلەن ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغان ئەيدىز ۋىروسىدىن ئەخلاقسىزلىق قىلمىغان يەنە بىر تەرەپنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنى ئەخلاقسىزنىڭ زىيانكەشلىكى دېسەك بولىدۇ. مۇشۇنداق زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەخلاقلىق ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىمۇ كۆپلەپ ئۇچراۋاتىدۇ. دوختۇرخانىدا قان سېلىش، ئوكۇل ئۇرۇش، چىش داۋالىتىش، ھەم بازاردا چاچ-ساقال ئالغۇزۇش، قاش-قاپاق چەكتۈرۈش قاتارلىق داۋالاش ۋە مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولغاندا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنى يەنە شۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئەخلاقسىزلىقى سەۋەبىدىن بولغان دىيەلمەيمىز. شۇنداقتىمۇ، باشقىلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقى، بىلىمسىزلىكى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان كىشىلەرمۇ، ئەخلاقسىزلىقى سەۋەبىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دېگەن «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان» قاراش-چۈشەنچىلەرگە دۇچار بولۇپ يۈرمەكتە .

شۇ سەۋەپتىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بولسۇن ياكى ئۆزلىرىنىڭ نورمال ئەخلاقى دائىرىسىدە باشقىلارنىڭ بىلمەسلىكى سەۋەپلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلار بولسۇن، ھەممىسىنى ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دەپ كەمسىتىپ، چەتكە قېقىپ، ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش، ئەكسىچە ئەخلاقسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. ئەخلاقسىزلىقنى ئەخلاقسىزلىق بىلەن توسۇپ قالغىلى، ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. بىلىمسىزلىكنى، ساۋاتسىزلىقنى ئەخلاقسىزلىق دەپ ئەيىپلەپ يۈرگىلى بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ ئەخلاقسىزلىقى بولمىغان ھالدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانغۇچىلارنى ئەخلاقسىزلىق بىلەن يۇقۇملانغان دەپ مۇئامىلە قىلىپ يۈرۈش، گۇناھسىز ھالدا ھەم تاسادىپى يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇۋال قىلىنىش بولۇپ قالىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولسا كېرەك، بىلىملىكلەر ئارىسىدىمۇ ئەخلاقسىزلار بولىدۇ، شۇنداقلا بىلىمسىزلەر ئارىسىدىمۇ ئەخلاقلىقلار بولىدۇ. ئۇنداقتا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەخلاق بىلەن بىلىمنىڭ قانچىلىك رولى بولىدۇ دېگەن نۇقتىدىن ئويلانغاندا، بىلىمنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەخلاقتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئويلىماي تۇرالمايمىز. چۈنكى، ئەخلاقنى ئادەمنىڭ بىلىمسىزلىكى ئالدىدا ساپا ۋە سۈپەت جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ قالىدىغان ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ قالمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. يەنى، ئەخلاق ئادەمنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىكى ياخشى-ياماننى ئايرىيدۇ دېسەك، بىلىم ئادەمنىڭ سۆز- ھەرىكىتىدىكى توغرا-خاتانى ئايرىيدىغان بولىدۇ. دېمەك، توغرا-خاتانى ئايرىيالمايدىغان ئادەملەر ياخشى-ياماننىمۇ پەرىقلەندۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەخلاق ئادەملەرنىڭ باشقىلارنى ئويلىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇۋالسا، بىلىم ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىمۇ ئويلىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشنى ئۆگىتىدۇ. جۈملىدىن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىدىن ئايرىلغان ئەخلاق ئادەملەرنى كۆزى ئۇچۇق قارىغۇغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشى مۇمكىن. بىلىم بىلىش ھېساپلانسىمۇ ئەخلاق ئەقىلگە تەڭ بولالمايدۇ.

قىسقىسى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نىسبەتەن ئەخلاقنىلا تەكىتلەپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى بىلىۋېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويمىغاندا، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە نىسبەتەن ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى ئويلىماي ئەستايىدىل بولمىغاندا، يەنى ئادەم ئۆزى ئەخلاقلىق بولسىمۇ ئەمما باشقىلارنىڭ بىلىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنى يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. دېمەك، بىلىمسىزلىك ئەخلاقسىزلىقنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئەخلاق بىلىمدىن كۈچلۈك بولالمايدۇ. بىلىمسىز ئادەم ئەخلاقسىزلىقتىن نومۇس قىلمايدىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بىلىملىك ئادەم ئەخلاقسىزلىقتىن نومۇس قىلماي قالمايدۇ. بىلىم ئادەمگە ئۆزىنى بىلىشنى ئۆگىتىدۇ، ئەمما ئەخلاق ئادەمگە ئۆزىنى بىلىشنى بىلىمدەك ئۆگىتەلمەيدۇ.

دېمەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىلا ئەخلاقسىز قىلمىش بىلەن يۇقۇملانغان بولمايدۇ. يەنى، ئەخلاقسىزلىق قىلمايمۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتقان كىشىلەرمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى يېتەرلىك ئىگەللەپ، قانداق ئەھۋالدا، قانداق ۋاقىتتا، قانداق ئادەمدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتقاندا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولماي قالمايدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولسا كېرەك، ئادەمنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى بىلگەن ھېساپلانمايدۇ. پەقەت، ئەيدىزنىڭ قانداق ئورۇن، قانداق ئۇسۇلدا يۇقىدىغانلىقىنى ھەر قاچان ھەر زامان بىلىپ تۇرغاندا، شۇنداقلا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشتە كەسكىن پۇزىتسىيەسىدە بولغاندا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى بىلمىگەندە ئەخلاقلىق ئادەمنىڭمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنىڭ كىشىلىك ئەخلاقتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ