توردىن يىغىلغان رىتسىپلار
1. تال زەئىپلىشىپ ئىچى توختىماسلىقنى داۋالاش سىلىق يوپۇرماقلىق ئازغان، قانتېپەر، بايناق (تارانتاس)، پالما مەرىزى، نېلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن 12 گىرامدىن ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
2. ئىچى توختىماسلىقنى داۋالاش كۆكچايدىن ئۈچ-تۆت گىرام، چوڭ چىلاندىن بەش تالنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا شېكەر بىلەن قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ، تۆتكە بۆلۈپ ئالتە سائەتتە بىر قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بۇ رېتسېپنى جىددىي خاراكتېرلىك باكتېرىيەلىك دىزىنتېرىيەنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
3. قالقان بەز ئۆسمىسىنى داۋالاش كۈنىگە لامنارىيە (خەيدەي)، دېڭىز يۈسۈنى، مۇلى قۇلۇلىسى (ئوسېتر قۇلۇلىسى) دىن 30 گىرام، قاتقان پىلە قۇرتى، قاغا تىرنىقى (موندىلاق)، ياز غازىڭى، كۈركۈم، تاغتېشەرنىڭ قاسىرىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن ئون گىرام، ئاچچىق تاۋۇز تالقىنىدىن 12 گىرام، چوقىدىن 15 گىرام، پىچەكگۈل يىلتىزى، چۈچۈك ئاپېلسىن يوپۇرمىقىنىڭ ھەرقايسىسىدىن ئالتە گىرامنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
4. قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىش كېسىلىنى داۋالاش ھەر كۈنى فېللودېندرون، قاغا تىرنىقى (موندىلاق)، پالما مەرىزى، ئېۋپاتورىئوم ئوتىنىڭ ھەرقايسىسىدىن ئون گىرام، چۆل يالپۇزىدىن 15 گىرام، سىنومېنىئوم پېلىكىدىن 12 گىرام، ئۇچقات پېلىكىدىن 20 گىرام، چۈچۈكبۇيىدىن ئالتە گىرامنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بېرىلىدۇ، 15 كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى بولىدۇ.
5. كۆز قىزىرىپ، ئىششىپ ئاغرىشنى داۋالاش ھەر كۈنى رەۋەن(تۆگىقۇلاق) تىن ئون گىرام، چۈچۈكبۇيىدىن بەش گىرام، غەزەك، ياۋا جۇخارگۈل، ئۇچقات پېلىكىنىڭ ھەرقايسىسىدىن ئون گىرام، قىزىل چوغلۇق (چىشىنە)دىن ئون گىرامنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
6. ئاشقازان يارىسىنى داۋالاش زەرچىۋە (كۇركۇمىن)دىن 18 گىرامنى 15 گىرام قورۇلغاق قىياققا قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، ھەر قېتىمدا ئىككى-ئۈچ گىرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
7. ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغىنى داۋالاش يېڭى سۇ ئوقياسىدىن بەش-ئالتە تالنى پاكىز يۇيۇپ ئاقلىغاندىن كېيىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ، تۇزسىز پۇرچاق سۈتىگە سېلىپ، سۇس ئوتتا بەش -ئالتە مىنۇت قاينىتىپ، كۈندە سەھەردە ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
8. بوغۇم خالتىسىغا سۇ يىغىلىۋېلىشنى داۋالاش كىرەش، سىچۈەن لىپەكگۈلى، چاچراتقۇ، ياۋا كەشمىر، قىزىلگۈل، تاغ تېشەر، سترۇس قېقى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن توققۇز گىرام، پالما مەرىزىدىن 12 گىرام، لىندېرا دەرىخىنىڭ يىلتىزىدىن 15 گىرام، ئاپېلسىن شۆپۈكى، چۈچۈكبۇيىنىڭ ھەرقايسىسىدىن ئۈچ گىرام، كاشىمدىن ئالتە گىرام سۇدا قاينىتىپ بىر قېتىمدا ئىچىۋېتىلىدۇ، بۇنى كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
9. ياشانغانلاردىكى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى داۋالاش كۈنىگە تارانتاس (بايناق)، بۇرجۇن ئۇرۇقى، مۇۋەببەلسىپىت، چۇقا قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن 15 گىرام، توشقان زەدىكى، پىششىق ئەگرىسۇناي، قارا كۈنجۈت، شاقاقۇل قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن 20 گىرام، ئالۇچا مېغىزى، كەندىر ئۇرۇقى، ئاچچىق تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن ئون گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇدا قاينىتىپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
10. ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى داۋالاش كۈنىگە گېنتىئانا تۈرىدىكى ئوت-چۆپلەردىن ئۈچ گىرام، ئاق گۈللۈك يىلان تىلى ئوتى ۋە مامكاپلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن 10 – 15 گىرام، قارائۆرۈك ۋە چۈچۈكبۇيىنىڭ ھەرقايسىسىدىن بەش-ئالتە گىرامنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
11. ھەيز قالايمىقان كېلىش. ھەر ئاينىڭ شۇ مەزگىلىدە قارا سۆڭەكلىك توخۇ گۆشىنى گۈلبوغۇندىن 50 گىرام، كىرەشتىن 25 گىرام سېلىپ، سۇس ئوتتا پىشۇرۇپ گۆشىنى يەپ، شورپىسىنى ئىچسە شىپا بولىدۇ.خۇن تەۋرەش(ھەيز مىقدارى بەك كۆپ بولۇش). قېرىن قۇلاقتىن 100 گىرامنى قۇرۇق قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 15 گىرام قارا شېكەر قوشۇپ، ئىستېمال قىلسا كېسەل شىپا تاپىدۇ (بۇنى ھەيز مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىش كېرەك).
12. بالىياتقۇ قاناش (ھەيز كەلمىگەن ياكى بالىياتقۇ گۆش ئۆسمىسى بولمىغان ئەھۋاللاردا). غاز پېيىدىن بىرنەچچە تالنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، كۈندە بىر قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا يېرىم قوشۇق سېرىق ھاراق بىلەن ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئىستېمال قىلسا كېسەل شىپا تاپىدۇ.
13. بالىياتقۇ بوينى يەللىكى. گۈلبوغۇندىن 25 گىرام، سەركىچۆپ يىلتىزىدىن 30 گىرام، مامكاپتىن 30 گىرامنى قاينىتىپ، سۈيىنى كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئىككى ھەپتە ئىستېمال قىلسا كېسەل شىپا تاپىدۇ.
14. ئاق خۇن. بىر دانە يەرلىك يېڭى تۇخۇمدىن كىچىك تۆشۈك ئېچىپ يەتتە تال ئاقمۇچنى ئىچىگە سېلىپ، قەغەز بىلەن ئوراپ، ھوردا پىشۇرغاندىن كېيىن كۈنىگە بىر قېتىمدىن بەش كۈن ئىستېمال قىلسا كېسەل شىپا تاپىدۇ.
15. دوۋساق يەللىكى. سەركىچۆپ يىلتىزى ۋە مامكاپنىڭ ھەرقايسىسىدىن 100 گىرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئىچسە، ئۇنى ئىككى كۈن داۋاملاشتۇرسا كېسەل شىپا تاپىدۇ.بويىدىن ئاجراپ كېتىش. ئېۋكومىيە قوۋزىقىدىن 30 گىرامنى جىن كېۋىزى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ يۇمشىتىپ، سۇ قوشۇپ ئۇماچ قىلىپ، كىندىكىگە چېپىپ بەرسە بىر ھەپتىدە كېسەل شىپا تاپىدۇ.
16. ئۇيقۇسىزلىق. ئۇخلاشتىن ئاۋۋال غولپىياز ئېقىدىن 50 گىرامنى ئاق شېكەرگە مىلاپ يېسە، ئۇيقۇ تېز كېلىدۇ.
17. چاچ چۈشۈش. ئاۋۋال ئۈجمە يوپۇرمىقى سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا باش يۇيۇپ، ئاندىن زەنجىۋىل سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا باش يۇسا يېڭىدىن چاچ چىقىدۇ.
18. مېتال يۇتۇۋېلىش. مېتال يۇتۇۋالغاندا بىر يېرىم جىڭ ئەتراپىدىكى يېڭى كۈدە(جۈسەي)نى پاكىز يۇيۇپ، قازاندا قورۇپ پىشۇرغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ياغ، تۇز قوشۇپ بىر قېتىمدا يەۋەتسە، ئىككىنچى كۈنى ئۇ چوڭ تەرەت بىلەن چىقىپ كېتىدۇ (كۈدىنى يەپ بولغاندىن كېيىن باشقا نەرسىلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ).
19. چىش ئەتراپى ۋە چىش مىلىكى يەللىكى: كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىردىن يەرلىك يېڭى تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئاق ھاراق بىلەن تەڭ نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىزغا ئېلىپ ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ تۈكۈرۈۋەتسە، بۇنى ئىككى-ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
20. چىشقا قۇرۇت چۈشۈش: (چىش چىرىش) يىغىندا كېسىلى ھەببۇلمۈلۈكتىن بىر گىرامنى بۇغداي چوڭلۇقىدىكى پاختا بىلەن ئوراپ، ئاغرىغان چىشنىڭ ئۈستىگە يېرىم سائەت باسسا بولىدۇ. بۇ جەرياندا پەيدا بولغان شۆلگەينى يۇتۇۋېلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم تۈكۈرۈۋېتىش كېرەك.
21. چىش غۇچۇرلىتىش: كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر پارچە ئاپېلسىن پوستىنى قارا شېكەر بىلەن قوشۇپ يېيىشنى ئىككى – ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرسا، بالىلار ۋە چوڭلاردىكى چىش غۇچۇرلىتىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
22. سازاڭ مەددە كېسىلى: چاقما كاۋا ئۇرۇقىدىن 200 گىرامنى قۇرۇق قازاندا قورۇپ پىشۇرۇپ، ناشتىدىن بۇرۇن مېغىزىنى يەپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
23. ۋاقىتسىز چاچ ئاقىرىش: كۆپ يوپۇرماقلىق قامچا ئوت ۋە قارا كۈنجۈتتىن 250 گىرامدىن ئېلىپ ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ھەر قېتىمدا 30 گىرامدىن ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشنى دورا تۈگىگىچە داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
24. ئىچى سىقىلىش: تىت-تىت بولۇش 100 گىرام ھەسەل، 100 گىرام قارىغاي ئۇرۇقى ۋە بىر دانە نەشپۈتنى سۇدا قاينىتىپ، بىر ھەپتە كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن يەپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
25. نېرۋا ئاجىزلىق: قوي مېڭىسىدىن 100 گىرامنى 25 گىرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھورداپ پىشۇرۇپ، بىر قېتىمدىلا ئىستېمال قىلىپ تۈگىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
26. يۈز نېرۋىسى پالەچلىنىش: يۈزنىڭ سول تەرىپى تارتىشىپ قالسا ئوڭ تەرەپ يۈزگە، يۈزنىڭ ئوڭ تەرىپى تارتىشىپ قالسا سول تەرەپ يۈزگە يىلانبېلىقنىڭ قېنىنى سۈرۈپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
27. ئۇچلۇق نېرۋا ئاغرىش: ئەمەن يوپۇرمىقىدىن 15 گىرامنى يۇمشاق سوقۇپ، بىر دانە يەرلىك يېڭى تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ساپال قاچىدا پىشۇرۇپ قىزىقىدا يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
28. ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى: زەنجىۋىلنى يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ، ئاندىن كۈدە(جۈسەي)نى ھاراققا چىلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە، بۇنى ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
29. قەنت كېسىلى: قېرى قارىغاينىڭ قۇرۇق پوستى(ئىككىنچى قەۋىتى)دىن 100 گىرامنى كالىنىڭ يانپاش سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
30. قالقانسىمان بەز ئىششىقى: 100 گىرام لامنارىيە(خەيدەي)گە قارا شېكەر قوشۇپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشنى بىرنەچچە قېتىم داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
31. سېرىق چۈشۈش خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى: 30 گىرام قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن(ياپچان)نى سۇدا قاينىتىپ تىرىپىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن سۈيىدە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى پىشۇرۇپ، سۈيى بىلەن قوشۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلىشنى يېرىم ئاي داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
32. سوزۇلما خاراكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى: سېرىق پۇرچاقتىن 100 گىرام، كۈنجۈتتىن 50 گىرامنى 25 گىرام ئاق شېكەر بىلەن سۇدا ئېزىلگۈچە قاينىتىپ، كۈندە ئىككىگە بۆلۈپ، يېرىم ئاي ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
33. ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق: بىر دانە يەرلىك يېڭى تۇخۇمنى پىشۇرۇپ تۇخۇم سېرىقىنىڭ يېغىنى چىقارغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازراق ئاق شېكەر قوشۇپ، ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
34. ئاشقازان ئاغرىش، ئاچچىقسۇ يېنىش: قانىسىيە(توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسى) ۋە تۇخۇم شاكىلىنىڭ ھەرقايسىسىدىن 20 دانىدىن ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇق قازاندا سارغايغىچە قورۇغاندىن كېيىن يۇمشاق سوقۇپ، 100 گىرام ئاق شېكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، تاماقتىن بۇرۇن كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن، بىر قوشۇقتىن تەڭشەپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
35. ئاشقازان يارىسى: ئاپېلسىن ۋە ئۇچار چاشقان مايىقىنىڭ ھەرقايسىسىدىن 50 گىرامنى 500 گىرام چۈچۈك بۇيا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق سوقۇپ، تاماقتىن بۇرۇن سەككىز گىرامدىن ئىستېمال قىلىشنى ئۈچ ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
36. سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى: ئۇچار چاشقان مايىقىدىن 50 گىرام، قۇستەدىن 25 گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن قايناقسۇ بىلەن ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
37. ئۈچەي ياللۇغى: چار بۇغدايدىن 250 گىرامنى قۇرۇق قازاندا كۆيگىچە قورۇپ، ئۇنىڭغا قارا شېكەر قوشۇپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
38. جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى: ئوچاقنىڭ ئىچىگە چاپلانغان سېغىز چالمىدىن 100 گىرامنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى تىندۇرۇپ بىر قېتىمدىلا ئىچىۋەتسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
39. تولغاپ ئىچى سۈرۈش: 1. سۈيى قاچقان تۇرۇپتىن 200 گىرامنى قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا؛ 2. قىزىل پوستلىق سامساقنى كۈندە ئىككى قېتىمدىن ھەر قېتىمدا 25 گىرامدىن خام پېتى ئىستېمال قىلىپ بەرسە؛ 3. سۈيى قاچقان سېمىزئوتنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى تېز بولىدۇ.
40. قەۋزىيەت: 1. بىر كىلوگىرام كەرەپشەنى پاكىز يۇيۇپ ئېزىپ سۈيىدىن يېرىم قاچىنى قاينىتىپ ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلسا؛ 2. باناندىن 500 گىرامنى ھوردا پىشۇرۇپ پوستىنى سويۇۋېتىپ يېيىشنى يېرىم ئاي داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
41. بوۋاسىر(گېموروي): كەتمەن قوڭغۇزدىن بىرنەچچىنى ساپالغا قويۇپ، ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئېلىپ سېرىق ھاراق بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
42. باش قېيىش، ئاغرىش خام تۇرۇپنى ئاقلاپ، ئۇششاق توغراپ، سىقىپ سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن ئازراق كامفول(بورنىئول) ئارىلاشتۇرۇپ، ئوڭدا يېتىپ بۇرۇنغا تېمىتسا دەرھال ئۈنۈمى بولىدۇ.
43. بەل ئاغرىقى تاشپاقا قېپىدىن 100 گىرامنى يۇمشاق سوقۇپ قۇرۇق قازاندا سارغايغىچە قورۇپ، 500 گىرام ئاق ھاراققا چىلاپ، ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە ھەم يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
44. ئۆت يەللىكى توۋارىيە(تىللا ئوت)دىن 50 گىرام، پاقا يوپۇرمىقىدىن 50 گىرام ۋە سەركىچۆپ يىلتىزىدىن 50 گىرامنى قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
45. جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك يەللىكى گۈلبوغۇندىن 200 گىرام، سەركىچۆپ يىلتىزىدىن 200 گىرامنى قاينىتىپ، ئۇنى تۆتكە بۆلۈپ، ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
46. بۆرەك يەللىكى ئون گىرام چاينى 500 گىرام ئەتراپىدىكى بىر تال تازىلانغان قارا بېلىقنىڭ قورسىقىغا سېلىپ سۇس ئوتتا بىر سائەت قاينىتىپ، گۆشىنى يەپ، سۈيىنى ئىچىپ بېرىشنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى بولىدۇ(بۇ مەزگىلدە تۇز ئىستېمال قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ).
47. بۆرەك ئاجىزلىقى، ئېھتىلام بولۇش قوي بۆرىكىنى پارچىلاپ ئاق يەرلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، سوھدىھىندى(قىياق)دىن بەش گىرامنى قوشۇپ ھۆل قەغەزگە ئوراپ ھوردا دۈملەپ پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئېھتىلام بولۇشقا ئۈنۈمى بولىدۇ.
48. زەكەر يىگىلەش، قايىم بولماسلىق خورازنىڭ ئۇرۇقدېنىدىن تۆت دانە، سازاڭدىن يەتتە تالنى 100 گىرام ئاق ھاراققا يەتتە كۈن چىلاپ ئۇخلاشتىن ئاۋۋال 25 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
49. مەنىي بالدۇر كېتىش كۈدە (جۈسەي)دىن 500 گىرامنى ئېزىپ سۈيىگە يوغان ئون تال سازاڭنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىزىتىلغان ھاراق بىلەن ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
50. سۈيدۈك يولى يەللىكى سەركىچۆپ يىلتىزى ۋە مامكاپتىن 100 گىرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى كۈندە ئۈچ قېتىمدىن بىر ھەپتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
51. مەزى بېزى يەللىكى قىزىل پۇرچاقتىن 25 گىرامنى 25 گىرام خاسىڭ مېغىزى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، يەتتە تال چىلان قوشۇپ ئېزىلگۈچە قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
52. ياشانغانلاردىكى سىزلام (پات – پات سۈيدۈك قىستاش) كېسىلى 100 گىرام غولپىيازنى 50 گىرام گۈڭگۈرت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ يۇمشاتقاندىن كېيىن، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ھەممىسىنى كىندىكىگە چاپلىسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
53. ياشانغانلاردىكى كۆز تورلىشىش قوي جىگىرىدىن 100 گىرامنى يالپاقداپ توغراپ، شەپەرەڭ مايىقىدىن ئۈچ گىرامنى قوشۇپ كۈنجۈت يېغىدا قورۇپ يېسە، جىگەرنى تازىلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
54. ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى. ھەر كۈنى يېڭى خوئوتتوينىيە ئوتىدىن 100 گىرامنى قاينىتىپ، سۈيىنى داۋاملىق ئىچىپ بەرسە شىپا قىلىدۇ.
55. ئۆپكە يەللىكى. ھەر كۈنى مامكاپ، ئوسما يىلتىزى ۋە ئارپا يوپۇرمىقىدىن 25 گىرامدىن ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچسە شىپا قىلىدۇ.
56. دائىم يۆتىلىش. نەشپۈتتىن بىر دانە، چاكاندىدىن 2.5 گىرام، ھەششەشەتۇل ھەجەلدىن بەش گىرام، ناۋاتتىن 50 گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئادەمنى تەرلىتىپ يۆتەلنى توختىتىدۇ، يەللىكنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 100 گىرام قوي جىگىرىنى يالپاق توغراپ، ئازراق تۇز قوشۇپ، 50 گىرام كۈنجۈت يېغىدا قورۇپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.
57. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى(سىل) كېسىلى. 250 گىرام كېلىدىغان تاشپاقا سېغىزلاي ئىچىگە ئېلىنىپ، ئوتقا سېلىپ قۇرۇتۇلۇپ، لېيى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن سوقۇلۇپ 100 گىرام ئاق شېكەرگە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئۇنى ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئېلىپ ئىلمان قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۈنۈمى ئالاھىدە بولىدۇ.
58. لىمفا تۇبېركۇليۇزى. سىياھ بېلىق سۆڭىكىدىن 100 گىرامنى سوقۇپ، ئۇنى قوينىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ ئون سائەت ئەتراپىدا تېڭىپ قويۇلسا ھەم بۇ ئون كۈن داۋاملاشتۇرۇلسا ئۈنۈمى بولىدۇ.
59. بۇرۇن يەللىكى. سېنتىپېدا ئوتىدىن 15 گىرامنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ، ئاز – ئازدىن بۇرۇن ئىچىگە پۈۋلەپ بەرسە كېسەلگە شىپا قىلىدۇ.
60. يۇقىرىقى نەپەس يولى قاناش. 500 گىرام يېڭى كۈدىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئۇنى 100 گىرام ئاق شېكەرگە قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
61. ئاياللارغا سۈت چۈشۈرۈش. ئۇسۇڭ (كاھو، سۈتلۈك كۆكچىچەك ياكى خەس، دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن ناۋاتنى تەڭ نىسبەتتە سۇغا سېلىپ سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، ئۇنى ئۇسسۇلۇق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
62. سۈت توختىتىش. غولپىياز ئېقىدىن ئىككى تالنى ئوتتا قىزىتىپ، قىزىقىدا يېسە دەرھال ئۈنۈمى بولىدۇ.
63. سۈت بېزى يەللىكى. سەركىچۆپ يىلتىزى ۋە مامكاپنىڭ ھەرقايسىسىدىن 200 گىرامدىن ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىپ، تىرىپىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە كېسەل شىپا تاپىدۇ.
64. سۈت بېزى ئۆسمىسى. بىر قوينىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئون گىرام قارا شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئۆسمە ئۈستىگە كۈنىگە بىر قېتىمدىن بىر نەچچە كۈن چېپىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
65. ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش. يېڭى زەنجىۋىل، قارا شېكەر ۋە ئەتىرگۈلنىڭ ھەرقايسىسىدىن 25 گىرامدىن ئېلىپ ئىلمان قايناق سۇ بىلەن ئىچسە ئاغرىق دەرھال توختايدۇ.
66. ئاپېلسىن 300 گىرام ، ئاق قۇم شېكەر 60 گىرام ، ئاپېلسىننىڭ پوستىنى ئاقلاپ ، پاكىز تازىلاپ ئېزىپ ، ئاق قۇم شېكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا 100 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە ، زۇكامغا شىپا قىلىدۇ .
67. بەسەي ( يېسسىۋېلەك )دىن 100 گىرام ، باش پىياز 50 گىرام ، خام زەنجىۋىلدىن 20 گىرامنى ئېلىپ ئاقلاپ ، پاكىز تازىلاپ ، توغراپ ، سۇدا قاينىتىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 25 گىرامدىن ئىلمان ھالەتتە ئىچىپ بەرسە ، قاتتىق زۇكام ۋە كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ.
68. غولپىياز 50 گىرام ، خام زەنجىۋىلدىن 40 گىرام ، ئاق تۇزدىن ئۈچ گىرام ئېلىپ ، پاكىز داكىغا ئوراپ قىزىتىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن كۆكرەك ، دۈمبە، ئالقان ، تاپان ، جەينەك قاتارلىق جايلارغا سۈرۈپ بەرسە ، زۇكامدىن قىزىش ، باش ئاغرىش ، ماغدۇرسىزلىنىش ، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ .
69. تازىلانغان ھەسەلدىن 30 گىرام ، ئاق قۇم شېكەردىن 15گىرام ، بىر دانە توخۇ تۇخۇمى ( شاكىلىدىن ئايرىلغان)دىن چېقىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ، يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ، ئاۋاز پەردىسى زىيادە چارچاشتىن بولغان ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش ، يۇتقۇنچاق ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ .
70. توخۇ تۇخۇمىدىن بىرنى ، سوقۇلغان ناۋاتتىن 100 گىرامنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇغا قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىلمان ھالەتتە ئىچىپ بەرسە ، كۆكيۆتەلگە شىپا بولىدۇ .
ئاق تۇرۇپنى يالپاقداپ توغراپ، زەنجىۋىل، ئامۇتنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نەپەس يولى ياللۇغلىنىشتىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.
- دائىم پۇت – قولى ئۇيۇشۇپ ئاغرىيدىغانلار شورلۇق يەردە مېڭىپ بەرسە ئاغرىق يوقاپ، شىپا تاپىدۇ. بۇنى ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشتۇرسا ئاغرىق قايتا قوزغالمايدۇ.
- بېلىق گۆشىنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆز روشەن بولىدۇ. كۆز ئېقى سارغىيىپ قالغانلار بېلىققا كۆپرەك قاراپ بەرسە كۆزىدىكى سېرىقلىق يوقايدۇ.
- بېھى قېقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكلىرىگە كۆرۈنەرلىك شىپا قىلىدۇ.
1. جۇۋىنە ئۇرۇقى ( ئايوۋان مېۋىسى ) دىن تۆتمىسقال ، ئارپابەدىياندىن ئالتە مىسقال ،زەنجىۋىلدىن ئۈچ مىسقال ئېلىپ پاكىز تازىلاپ سۇدا قاينىتىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ، پالەچ ، تارتىشىش ، ئاشقازاننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىش ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ، قورساق ئاغرىش ، دوۋساق ۋە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ .
2. بۇۋانە (بىيىش ) يىلتىزىدىن ئىككى مىسقال ، چاكاندىدىن ئىككى مىسقال ، قىزىلچوغلۇقتىن ئۈچ مىسقال ، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن ئىككى مىسقال ، كەتراندىن بەش مىسقال ئېلىپ پاكىز تازىلاپ ، سۇدا قاينىتىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ، رېماتىزىملىق بوغۇم ئاغرىقى ، ئىچكى ئەزالار زەخىملىنىشتىن بولغان قاناش ، يىقىلىپ يارىلىنىش قاتارلىقلارغا ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ .
3. بۇۋانە يىلتىزىدىن بىر مىسقال پاكىز تازىلاپ ، سوقۇم خېمىر قىلىپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئاغرىغان چىش كاۋىكىغا بېسىپ بېرىلسە ، چىش ئاغرىقىغا ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ .
4. ئاچچىق شاپتۇل مېغىزىدىن ئۈچ مىسقال ، قىزىل چوغلۇقتىن ئۈچ مىسقال ، زاراڭزا چېچىكىدىنن ئۈچ مىسقال ، داڭگۈيدىن تۆت مىسقالئېلىپ پاكىز تازىلاپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ .
5. ئاچچىق شاپتۇل مېغىزىدىن تۆت مىسقال ، پىيزەكتىن تۆت مىسقال ، قانسە ( توخۇ تاشلىق سېرىق پوستى ) دىن ئىككى مىسقال ، داڭگۈيدىن بىر سەر ، كەتراندىن بىر سەر ، رەۋەندىن ئىككى مىسقال ، سۈلۈكتىن 1.5 مىسقال ئېلىپ پاكىز تازىلاپ ، سۇدا قاينىتىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ، بالىياتقۇ راك كېسىلىگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ .
ئاددىي رېتسېپلار
1. ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بىر پارچە ئاپېلسىن پوستىنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا شوراشنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، خورەك تارتىش ۋە چىش غۇچۇرلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ئىسپىرت ياكى يۇقىرى گىرادۇسلۇق ئاق ھاراقنى پاختا بىلەن قۇلاق ئىچىگە سۈرۈپ قويسىلا قۇلاق قىچىشىشنى توختىتىدۇ.
3. بەرەڭگىنى نېپىز توغراپ يېنىكرەك جاراھەتلەنگەن جايغا چاپلاپ بەرسە جاراھەت ساقىيىدۇ، جاراھەت ئېغىر بولسا بىرنەچچە قېتىم ئارتۇق چاپلاپ بەرسىلا ساقىيىپ كېتىدۇ.
4. قىش كۈنلىرى بەلغەمسىز قۇرۇق يۆتەل بولغانلار سېرىق ئەمەن (蒿黄) بىلەن تۇخۇمنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت يېغىدا پىشۇرۇپ ئىسسىقىدا يەپ ئۇخلاپ تەرلىسە ئەتىسى ساقىيىپ قالىدۇ.
5. كۈندە كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا يۈزنى پاكىز يۇيۇپ، يېڭى تەرخەمەك شىرنىسىدىن 25 گىرامنى بىر تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزدىكى قورۇقلارغا سۈرۈپ، ئەتىسى ئىلمان سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇۋېتىپ يېرىم ئايدىن بىرەر ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، بوشاپ كەتكەن تېرىلەر چىڭىپ، قورۇقلار كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ.(مەنبە: تەڭرىتاغ تورى)
1. بەدەننىڭ يېرىمى تۇيۇقسىز پالەچ بولۇپ قىلىش،مەيلى مېڭىگە قان چۈشۈشتىن بولسۇن ياكى قان توسۇلۇشتىن بولسۇن ،ئاغزى ياكى كۆزى مايماق كېتىشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان،كىيىم تىكىش يىڭنىسىنى ئېلىپ بىمارنىڭ قۇلاق يۇمشىقىنڭ ئەڭ ئاستىنقى قىسمىنى يىڭنە بىلەن تىشىپ ،ھەر بىر تەرەپتىن بىرتامچىدىن قاننى سىقىپ چىقىرىۋېتىمىز.بىمار شۇ ھامان ساقىيىدۇ ۋە ساقايغاندىن كېيىن باشىقا كېسەللىك ئاسارەتلىرى قالمايدۇ.
2. ئۇشتۇمتۇت يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ قالغان چاغدا،دەرھال بىمارنىڭ پايپىقىنى سالدۇرۇپ ،كىيىم تىكىش يىڭنىسى بىلەن پۇتىنىڭ ئون بارمىقىنى تىشىپ ،ھەر بىرىسىدىن بىر تامچىدىن قاننى سىقپ چىقىرىپ بولماي تۇرۇپلا ،بىمار ھوشىغا كېلىدۇ.
3. مەيلى زىققا (دەم سىقىلش)كېسلى ياكى بوغۇز ياللۇغى بولسۇن، بىمار نەپەس چىقىرالماي قىيلىنىپ ،كۆكۈرۈپ كەتكەن بولسا كىيىم تىكىش يىڭنىسى بىلەن بۇرنىنىڭ ئۇچىنى تىشىپ ،ئىككى تامچە قارا رەڭلىك قاننى سىقىپ چىقىرىۋەتسەكلا،شۇ ھامان ساقىيىدۇ.
توردىن يىغىلغان رىتسىپلار