ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرقۇلاق، بۇرۇن، بوغاز كېسەللىكلىرىبۇرۇن ياللۇغىنىڭ ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى

بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇرۇن ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كېسەللىك خاراكتېرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. قىسمەن بىمارلاردا قىزىش، تېنى شۈركۈنۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئالاھىدە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلارغا نىسبەتەن، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك.

ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆرۈلىدىغان ئاشۇ بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسەن دائىم كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ھەممىسىنى ئاساسەن بىلىمىز، پەقەت ئىپادىلىنىش جەھەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن پەرقلىق بولىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.

 

1. چۈشكۈرۈش

چۈشكۈرۈش قىسمەن بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامىتىنىڭ بىرى، ئەمما چۈشكۈرۈش ھەرگىزمۇ چوقۇم بۇرۇن ياللۇغى بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈشكۈرۈش بۇرۇن شىلىمشچىق پەردىسى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئاۋاز ھادىسىسى. بۇرۇن ياللۇغىدىن بولغان چۈشكۈرۈش ئومۇمەن داۋاملىشىش خاراكتېرلىق بولۇپ، دائىم 5 قېتىمدىن ئارتۇق، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قېتىم چۈشكۈرۈش بولۇشى مۇمكىن.

بۇرۇن ياللۇغىدىن بولغان چۈشكۈرۈش ئەتىگەن ۋە كەچتە بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، پەسىلنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلايدۇ ياكى يېنىكلەيدۇ. بۇ خىل كېسلەلىك ئەھۋالى ھەمىشە سەزگۈر خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغىدىن بولىدۇ.

 

2. ماڭقا ئېقىش

سۈزۈك ماڭقا ئېقىش زۇكامنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، زۇكام ۋە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولغاچقا، قىسمەن بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىدا دائىم ماڭقىسى ئېقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ماڭقا ئاساسلىق بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسى ئاجرىتىپ چىقارغان ئاسراش خاراكتېرلىق سويۇقلۇق بولۇپ، بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسى ياللۇغلانغاندا (ئاددىيلاشتۇرۇپ بۇرۇن ياللۇغى دېيىلىدۇ)، بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز سويۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ بۇرۇن بوشلۇقىنى ئاسرىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. سەزگۈر خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغىدا ھەمىشە سۈزۈك ماڭقا ئېقىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغىدا ئاشقازان-ئۈچەي شىلىمشىق پەردىسىسىمان ماڭقا چىقىدۇ.

 

3. بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش

بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىدا كۆرۈلىدىغان روشەن ئالاھىدىلىك، ئەڭ ئازابلىق كېسەللىك ئالامىتىدۇر. دائىم بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبلىك نەپەس راۋان بولماسلىق سەۋەبلىك، فىزىئولوگىيەلىك نەپەسلىنىش قىيىن بولۇشنى پەيدا قىلىپ، بىمار ئېغىزى ئارقىلىق نەپەسلىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

بۇ خىل بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش قوش بۇرۇن ياكى تاق بۇرۇن شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. يەنە بەزىدە ئالمىشىش خاراكتېرلىق بولىدۇ.
ئومۇمەن ئەمگەك قىلغاندا، ھاۋا ئىسسىغاندا يىنىكلەيدۇ، جىمجىت ئولتۇرغاندا ياكى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئېغىرلايدۇ. بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش ھەمىشە ئاستا خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبلىك بولىدۇ.

 

4. بۇرۇن قىچىشىش

سەزگۈر خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغىدا، بۇرۇن قىچىشىش ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق غەيرىي ماددىلار (گۈل چېڭى، ئىت تۈكى قاتارلىقلار)غا يولۇققاندا غىدىقلىنىش سەۋەبلىك بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق پەردىسىدە قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

قىسمەن بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىدا كېسەللىك قوزغىلىش دەسلەپكى مەزگىلىدە ياكى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە بۇرۇن قىچىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بەزىدە بۇرۇن قورغاقلىشىشمۇ ئەگىشىپ كۆرۈلىدۇ.

 

5. پۇراش سەزگۈسى توسالغۇغا ئۇچراش

بۇرۇن ياللۇغىدىن بولغان پۇراش سەزگۈسى توسالغۇغا ئۇچراش ئاساسلىق قىسقا ۋاقىتلىق ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ. ئالدىنقىسى ئاساسلىق بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسى ياللۇغلانغانلىقتىن بولۇپ، سۇلۇق ئىششىق، بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش، ھاۋا ئۆتۈشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، كۆپ مىقداردىكى ھاۋانىڭ پۇراق سەزگۈ رايونىغا كىرىشىنى چەكلەيدۇ.

كېيىنكىسى بولسا بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسىدە سوزولما خاراكتېرلىق بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبلىك ئۇزاق مۇددەتلىك غىدىقلىنىشقا ئۇچراش سەۋەبلىك پۇراش سەزگۈسى ئىقتىدارى چېكىنىش ياكى يوقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

 

6. پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامىتى

قىسمەن بۇرۇن ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك دەرىجىگە بارغاندا ئېغىر دەرىجىدە دەم ئېلىش ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ-دە، روھى ياخشى بولماسلىق، ھەمىشە ھارغىنلىق ھېس قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇيقۇ ياخشى بولمىغانلىقتىن باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 

مەنبە: لوقمان ھەكىم مىكروبلوگى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
7
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

بىر باھا بار

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ