ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقھەسەلنىڭ شىپالىق رولى

ھەسەلنىڭ شىپالىق رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھەسەلنىڭ قەۋزىيەتنى داۋالاشتىكى ئالاھىدە ئۈنۈمى

ھەسەل ئىنسانلارنىڭ قەدىمىي ھەم ئەنئەنىۋى داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتى بولۇپلا قالماستىن، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى تەبىئىي يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەسەل تەركىبىدە جانلىقلار ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى گىلۇكوزا، فىرۇكتوزا، ئۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە يەنە سۇ، ساخاروزا، ئانئورگانىك تۇز، ۋىتامىن، ئېنزىملار، ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتا، پىگمېنت، ھورمۇن، خولىن ۋە ئاروماتىك ماددا قاتارلىقلارمۇ بار.

جۇڭيى تېبابىتىدە ھەسەل ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى داۋالايدىغان ياخشى دورا قىلىشقا بولىدۇ، بولۇپمۇ قەۋزىيەت مەسىلىسى بار ياشانغانلار ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلغاندا ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇش، جىگەرنى ئاسراش ۋە ئاشقازان-ئۈچەينى تەڭشەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

 

بۇ يەردە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قانچە داۋالاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.

1. ھەسەل، سۇڭپىيازنىڭ ئېقى 100 گىرامدىن، سۈت 250 مىللىلىتىر. ياڭيۇنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ، ئېزىمىز؛ كالا سۈتى بىلەن ھەسەلنى بىللە قاينىتىپ، سۇڭپىياز ۋە ياڭيۇنى سېلىپ يەنە بىر ئاز قاتناشساقلا بولىدۇ. بۇ تەييارلانمىنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، مۇئەننەسلىك ئاجىزلاپ، ئۈچەي قۇرغاقلىشىشتىن بولغان قەۋزىيەت ۋە ياشانغانلاردىكى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ.

2. ھەسەل 100 گىرام، يېڭى ياڭيۇ 150 گىرام. ياڭيۇنى ئۇششاق توغراپ، ئېزىپ، داكا بىلەن سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچ ئاچ قورساققا 1 ~ 2 قوشۇقتىن، ئۇدا 15 ~ 20 كۈن ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ.

3. ھەسەل 10 گىرام، بانان بىر دانە. باناننىڭ پوستىنى سويۇپ ھەسەلگە چىلاپ كۈندە 2 ~ 3 قېتىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلاپ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ۋە خىلىتنىڭ خوراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان چوڭ تەرەت قۇرغاقلىشىش ئەھۋالىنى تۈگىتىدۇ.

4. ھەسەل 30 گىرام، زەرنەپ ئۇرۇقى 10 گىرام. زەرنەپ ئۇرۇقىنى قورۇپ تالقانلاپ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، سەھەردە ئاچ قورساق ھالەتتە ئۇدا 10 كۈن ئىچىمىز. ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ.

5. ھەسەل، كۇلى بېھىسى تالقىنىدىن ھەر بىرسىدىن 6 گىرامدىن. ئاۋۋال ھەسەلنى ئىلمان قايناقسۇدا ئېرىتىپ، ئاندىن كۇلى بېھىسى تالقىنىنى قوشۇپ، ئەتىگەن-ئاخشىمى بىر قېتىمدىن ئىچىپ بەرسەك، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ يەنە ئېغىر قەۋزىيەت ۋە قان تەرەت قىلىش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.

6. ھەسەل 30 گىرام، پونۇس ئۇرۇقى، توشقان زەردىكىنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن. پونۇس ئۇرۇقى بىلەن توشقان زەردىكىنى قورۇپ تالقانلاپ، قايناق سۇدا دەملەپ، ھەسەل قوشۇپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت ۋە ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ.

7. ھەسەل 50 گىرام، يەر مەدىكى، ئۈجمە 25 گىرامدىن. يەر مەدىكىنى ئۈجمە سۈيىدە قاينىتىپ شىرنىسىنى ئېلىپ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلسا، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلاردىكى مۇئەننەسلىك زەئىپلىشىش، قۇۋۋەتسىزلىنىش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغىمۇ ماس كېلىدۇ .

8. ھەسەل 50 گىرام، نېلۇپەر شىرنىسى 250 گىرام، خام دىگىتالىس شىرنىسى 500 گىرام. نېلۇپەر شەربىتى بىلەن خام دىگىتالىس شەربىتى كىچىك ئوتتا ئۇزاق قاينىتىپ قويۇلدۇرۇپ، ھەسەل قوشۇپ داۋاملىق قويۇلدۇرۇپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ھەر كۈنى بىر قانچە قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرام ئىستېمال قىلساق، (ئېرىگەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا يۇتۇش كېرەك) ئىسسىقلىقتىن بولغان مۇئەننەسلىك زەخىملىنىش، ئۇسسۇزلۇقتىن بولغان قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ.

9. ھەسەل 10 گىرام، ياڭاق مېغىزىدىن 4 ~ 5 دانە. ياڭاق مېغىزىنى ئېزىپ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە. ئۈچەي قۇرغاقلىقتىن بولغان قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2024/08/6281026.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-01-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-12-28 / 10:53:37

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ