تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلى ھېساپلاش ماشىنىسى

Bebek Aşı Takvimi Hesaplama

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى بوۋاق-بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقتىنى ھېساپلاش - دوختۇرلار تورى

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا بەزى مۇھىم ۋاكسىنىلارنى ئەملىشى مۇمكىن. ئەملەش ۋاقىتلىرى ئۈچۈن تۆۋەندە بىر ھېساپلاش جەدۋىلى تەييارلاپ قويدۇم.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى بوۋاق-بالىلارغا ئەملىنىدىغان ۋاكسىنىلار تۆۋەندىكچە:

  بوۋىقىڭىزنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى تولدۇرۇڭ

كۈن :   
ئاي :    
يىل :   
   
HEPATİT I  AŞISI
  تۇغۇلغاندا
HEPATİT II  AŞISI
 1 ئايدا
BCG  AŞISI
 2 ئايدا
DaBT.IPA.Hib I
 2 ئايدا
KPA I
 2 ئايدا
DaBT.IPA.Hib II
 4 ئايدا
KPA II
 4 ئايدا
HEPATİT B III
 6 ئايدا
DaBT.IPA.Hib III
 6 ئايدا
OPA I
 6 ئايدا
KKK I
 12 ئايدا
KPA RAPEL
 12 ئايدا
SU ÇİÇEĞİ
 12 ئايدا
DaBT.IPA.Hib R
 18 ئايدا
HEPATİT A I
 18 ئايدا
OPA II
 18 ئايدا
HEPATİT A II
 24 ئايدا
KKK II
 48 ئايدا
DaBT-IPA RAPEL
 48 ئايدا
TD
 13 ياشتا

تۈركىيە ۋاكسىنا جەدۋىلى Aşı Takvimi

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

0. مەزكۈر ۋاكسىنىلارنى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرىلىكى بىر تۇتاش تەسىس قىلغان. ھەرقايسى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (يەنى ساغلىق ئوجاقلىرى) دىكى ئائىلە ھەكىملىرى نازارىتى ئاستىدا ئەملىنىدۇ.

1. ھېساپلاش جەريانىدا چىققان كۈنلەر ئەگەر ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كېلىپ قالسا، بىر ئىككى كۈن ئالدىغا ياكى كەينىگە سۈرۈشى مۇمكىن.

2. ۋاكسىنىلار شۇ بوۋاق ياكى شۇ ئانا تىزىملاتقان ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى)دا ئەملىنىدۇ.

3. ئەگەر بوۋاقنىڭ ئىقامىتى بولمىسا، بەزىدە گۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (گۆچمەنلەر ساغلىق ئوجاغى) غا ئەۋەتىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئاۋۋال چوقۇم شۇ ئانىنىڭ ئائىلە ھەكىمى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ بېقىڭ. ئۇلار سىزگە ئورۇنلاشتۇرسۇن.

4. بۇ ۋاكسىنىلار ھەقسىز ئەملىنىدۇ.

5. ئەگەر بالىڭىز بۇرۇن ۋاكسىنا ئەملىتىپ باقمىغان بولسا، ياكى كام ئەملىتىلگەن بولسا، ئائىلە ھەكىمىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ داۋامىنى ئەملەتسىڭىز بولىدۇ.

6. مەن دوختۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ۋاكسىنىلارنى ئەملىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەمما ئەملىتىش ئەملەتمەسلىك تاللاش سىزدە بولىدۇ. ئەگەر بوۋىقىڭىزغا ۋاكسىنا ئەملەشنى خالىمىسىڭىز، رەت قىلىش جەدۋىلىگە ئىمزا قويۇشىڭىز تەلەپ قىلىنىشىڭىز مۇمكىن.

7. ۋاكسىنا ئەملەش دەپتىرىنى ياخشى ساقلاڭ.

8. ھەربىر ۋاكسىنىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تۈركچە ئىسىم تەرجىمىلىرى، تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇشلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەسىس قىلغان بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا تۈرلىرى ۋە تەرجىمىسى


مەزكۇر ھىساپلىغۇچ ماشىنىسىنى دوختۇرلار تور بېكىتى تەرىپىدىن تەييارلاندى .
ھازىرقى نەشرى: 1.4
دوختۇر تور بېكىتى ئانا سەھىپىسى