گۈڭگۈرت S

گۈڭگۈرت ھاياتىمىزدا، تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ يەردە تاپقىلى بولىدۇ ۋە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن ماشىنا باتارېيەسى ، ماي پىششىقلىنىش، سۇ پىششىقلىنىش ۋە مىنېرال ماددىلارنى چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدە بولسا گۈڭگۈرت ئېلېمېنتى DNA نى ئوڭشاش، ھۈجەيرىلەر بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىدۇ.