بالىلار پارالىچ كېسىلى ۋە ۋاكسىنا

بالىلار پارالىچ كېسىلى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك. بۇ خىل ۋىرۇس ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا، بولۇپمۇ يىلىكنىڭ ئالدى مۈڭگۈز ھۈجەيرىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مۇسكۇللارنىڭ ماغدۇرسىزلىنىشى، يىگىلىشى ۋە پالەچلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.