تۇغۇلغان ۋاقتى، ئۆلچەش ۋاقتى، جىنسى، بوي ئېگىزلىكى، ئېغىرلىقى ۋە باش ئايلانمىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق يېشىغا ماس كېلىدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش ئەگرى سىزىقىدىكى ئورنىنى كۆرەلەيسىز.
پېرسەنتىل (Percentile): بۇ قىممەت بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئوخشاش ياش ۋە جىنستىكى 100 ساغلام بالىلار بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بالىڭىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى 75.پېرسەنتىلدا بولسا، بالىڭىز بۇ 100 بالىلار ئىچىدىكى 75 دىن ئېگىزرەك، 25 دىن پاكارراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 50.پېرسەنتىل مۇشۇ گۇرۇپپا ( مەلۇم رايوندىكى بالىلار ) ئوتتۇرىچە سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ. 10.پېرسەنتىلدىن تۆۋەن ياكى 90.پېرسەنتىلدىن يۇقىرى بولغاندا چوقۇم كېسەللىك بولۇشى ناتايىن، .ئەمما بالىلار دوختۇرى ئالاھىدە دىققەت ئىتىبارى بىلەن تەكشۈرىدۇ.
SDS (Standard Deviation Score): بۇ ئۆلچەم پېرسەنتىلغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە ئىلمىي بىر كۆرسەتكۈچ بولۇپ، بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممەتتىن قانچىلىك دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، SDS قىممىتى -2 بىلەن +2 ئارىسىدا بولسا نورمال دائىرىدە دەپ قارىلىدۇ. بۇ دائىرىدىن چىقىپ كەتكەن ئەھۋاللاردا دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
دىققەت: بۇ قورال پەقەت ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ۋە ئالدىن مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ھەرگىز كەسپىي داۋالاش دىئاگنوزىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئەندىشىڭىز بولسا، چوقۇم بالىلار دوختۇرى بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ.
سانلىق مەنبەلەر: سانلىق مەلۇمات مەنبەسى: Neyzi 2008 تۈرك بالىلىرى ئۆسۈپ يېتىلىش قىممەتلىرى جەدۋىلىدىن ئېلىندى (0-18 ياش).