قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى

تۆۋەندىكى كاتەكچىلەرنىڭ بىرىگە قاندىكى شىكەر قىممىتىنى كىرگۈزۈڭ. mg/dL ياكى mmol/L بىرلىكى بويىچە نەتىجىسى دەرھال ئالماشتۇرۇلىدۇ. سىز تۇرغان دۆلەت تەۋەلىكى ئوخشىمىسا، تەكشۈرۈشتىكى بەزى نەتىجىلەر ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئىشلەتكەن بىرلىكنىڭ ئوخشىماسلىقى. سىز قايسى دۆلەتتىن سېتىۋالغان قان شىكەر ئۆلچىگۈچ ئىشلەتسىڭىز، شۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى ئاستىدىكى كاتەكچىنى تولدۇرۇڭ.

ئوخشىمىغان ئەسۋاپلاردا قان شىكەر قىممىتى نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ؟

بەزىلىرىمىز سېتىۋالغان قاندىكى شىكەر قەنت ماددىسى دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپتا 90، 100، 110 كۆرىمىز، ئەمما دوختۇرخانىدا 5.5، 6 دېگەن سانلارنى ئاڭلايمىز. بۇنىڭ سەۋەبى بىرلىكنىڭ ئوخشىماسلىقىدا. ئادەتتە ئىككى خىل بىرلىك بولىدۇ. ئوخشىمىغان دۆلەت ئوخشىمىغان بىرلىكنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بەزىدە سەل قايمۇقۇش پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

Formula:
• mmol/L = mg/dL ÷ 18
• mg/dL = mmol/L × 18

ئاچ قورساق قاندىكى شىكەر قىممىتى

ئەتىگەنلىك ناشتىدىن بۇرۇن، كەم دېگەندە 8 سائەت ئاچ تۇرغاندىن كېيىن ئۆلچەنگەن قىممەت.

ھالىتى mg/dL mmol/L
تۆۋەن 70 تىن تۆۋەن 3.9 دىن تۆۋەن
نورمال 70 - 100 3.9 - 5.6
يوشۇرۇن دىئابېت 100 - 125 5.6 - 6.9
دىئابېت 126 تىن يۇقىرى 7.0 دىن يۇقىرى

توق قورساق قاندىكى شىكەر قىممىتى

تاماق يېيىشنى باشلاپ 2 سائەتتىن كېيىن ئۆلچەنگەن قىممەت توق قورساق قىممەت ھېسابلىنىدۇ.

ھالىتى mg/dL mmol/L
نورمال 140 تىن تۆۋەن 7.8 دىن تۆۋەن
يوشۇرۇن دىئابېت 140 - 199 7.8 - 11.0
دىئابېت 200 دىن يۇقىرى 11.1 دىن يۇقىرى

HbA1c (ئۈچ ئايلىق ئوتتۇرىچە شىكەر) چۈشەندۈرۈشى

HbA1c: بۇ سىزنىڭ ئۆتكەن 3 ئايلىق قان شىكىرىڭىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بىر قېتىملىق ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئەمەس، بەلكى قان ھۈجەيرىلىرىدىكى شىكەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەھۋالىغا قارايدۇ.

HbA1c نورمال ۋە خەتەرلىك ئارىلىق جەدۋىلى

ھالىتى (Status) HbA1c پىرسەنت (%)
نورمال (Normal) 5.7% دىن تۆۋەن
يوشۇرۇن دىئابېت (Prediabetes) 5.7% - 6.4%
دىئابېت (Diabetes) 6.5% ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى

* ئەسكەرتىش: دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن كونترول قىلىش نىشانى ئادەتتە 7.0% تىن تۆۋەن بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال شەخسكە كۆرە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.