ئۇيغۇرچە رەڭلەر جەدۋىلى ۋە تەرجىمىسى

رەڭلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز ھە؟
1. جەدۋەلدىكى رەڭلەر كاتەكچىسىنى چېكىپ، بەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش رەڭگىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، شۇ رەڭ ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارنىمۇ كۆرەلەيسىز!
2. تېلېفوندا ئاچقان بولسىڭىز، سول تەرەپكە سۈرسىڭىز شۇ رەڭنىڭ باشقا تەرجىمىلىرىنىمۇ تاپالايسىز.
3. 50 تانە كۆپ ئۇچرايدىغان رەڭلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى، كودلىرى، ئۆرنەكلىرى ۋە تەرجىمىسى قوشۇلدى.

ئۇيغۇرچە رەڭلەر HTML كود ئىنگىلىزچە تۈركچە خەنزۇچە
ئاق #FFFFFF White Beyaz 白色
سۇس سېرىق #FFFFE0 Light Yellow Açık Sarı 浅黄
لىمون سېرىقى #FFFACD Lemon Limon 柠檬黄
قايماق رەڭ #FFFDD0 Cream Krem 奶油色
سۇس كۆكيېشىل #E0FFFF Light Cyan Açık Camgöbeği 浅青
سۇس بىنەپشە #E6E6FA Lavender Lavanta 淡紫
ئۆرۈك رەڭ #FBCEB1 Apricot Kayısı 杏色
شاپتۇل رەڭ #FFDAB9 Peach Şeftali 桃色
سۇس قىزغۇچ رەڭ #FFD580 Light Orange Açık Turuncu 浅橙
سۇس ھالرەڭ #FFB6C1 Light Pink Açık Pembe 浅粉
سۇس يېشىل #90EE90 Light Green Açık Yeşil 浅绿
ھالرەڭ #FFC1CC Pink Pembe 粉色
سۇس كۆك #ADD8E6 Light Blue Açık Mavi 浅蓝
سۇس كۈلرەڭ #D3D3D3 Light Gray Açık Gri 浅灰
ئالتۇن رەڭ #FFD700 Gold Altın 金色
قويۇق سۆسۈن #DDA0DD Plum Erik 梅紫
قوڭۇر #D2B48C Tan Açık Kahverengi 棕褐色
كۈمۈش رەڭ #C0C0C0 Silver Gümüş 银色
ئاسمان كۆك #87CEEB Sky Blue Gök Mavisi 天蓝
قۇم رەڭ #C2B280 Sand Kum 沙色
سېرىق #FFFF00 Yellow Sarı 黄色
كۆكيېشىل #00FFFF Cyan Camgöbeği 青色
قىزغۇچ سېرىق #FFA500 Orange Turuncu 橙色
توق كۈلرەڭ #A9A9A9 Dark Gray Koyu Gri 深灰
ئاچ قىزىل رەڭ #FF7F50 Coral Mercan 珊瑚色
پەمىدۇر قىزىل #FF6347 Tomato Domates 番茄红
تۇتۇق يېشىل ، زۇمرەت يېشىل #50C878 Emerald Zümrüt 翡翠绿
سۇس قىزىل #FF6666 Light Red Açık Kırmızı 浅红
كۈلرەڭ #808080 Gray Gri 灰色
شىفېر رەڭ، تاختاش كۈلرەڭ #708090 Slate Gray Arduvaz Grisi 板岩灰
قېنىق ھالرەڭ #FF00FF Magenta Macenta 品红
زەيتۇن يېشىل #808000 Olive Zeytin Yeşili 橄榄绿
تۆمۈر كۆك رەڭ #4682B4 Steel Blue Çelik Mavisi 钢蓝
بېنگال قىزىلى، ئەتىرگۈل رەڭ #FF007F Rose Gül 玫瑰红
دېڭىز يېشىلى #2E8B57 Sea Green Deniz Yeşili 海绿
خان كۆكى #4169E1 Royal Blue Kraliyet Mavisi 皇家蓝
قەھۋە رەڭ، جىگەر رەڭ #6F4E37 Coffee Kahve 咖啡色
قىپقىزىل, توق قىزىل #DC143C Crimson Kızıl 深红
كۆكيېشىل #008080 Teal Teal 青绿
قەھۋە رەڭ #A52A2A Brown Kahverengi 棕色
يېشىل #008000 Green Yeşil 绿色
گىلاس قىزىل #D2042D Cherry Kiraz 樱桃红
قارامتۇل كۈلرەڭ #36454F Charcoal Kömür 炭灰色
كۆك ياقۇت رەڭ #0F52BA Sapphire Safir 蓝宝石
بىنەپشە #800080 Purple Mor 紫色
زىغىر رەڭ، بېغىر رەڭ #800000 Maroon Bordo 栗色
ئىندىگو كۆكى، نىل كۆك #4B0082 Indigo Çivit 靛蓝
قىزىل #FF0000 Red Kırmızı 红色
كۆك #0000FF Blue Mavi 蓝色
قاراكۆك #000080 Navy Lacivert 藏青
قارا #000000 Black Siyah 黑色

تەۋسىيە

بۇ جەدۋەل كۆپ ئىشلىتىلىدىغان رەڭلەرنىڭ ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە ۋە خەنزۇچە ئاتىلىشىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تور بەت ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان HTML رەڭ كودىنى بىر يەرگە جۇغلىدى. لايىھەلىگۈچىلەر، پروگراممېرلار ۋە تىل ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قولايلىق بىر مەنبە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رەڭلەر دۇنياسىدىكى سەپىرىڭىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز!

قوشۇلغان رەڭلەر بىر بىرلەپ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىنگىلىزچە لۇغەتتىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن قوشۇلدى، ئەمما خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس. ئەگەر تەرجىمىدە خاتالىقلارنى بايقىسىڭىز، بىزگە ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. تاما تاما كۆل بولار.