قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى Hct
قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى ( Hematocrit ،Hct ) قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجىم نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قاندىكى قويۇقلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ قان ئازلىق ۋە قاننىڭ قويۇقلۇقىنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنىڭ نورمال دائىرىسى جىنسى، يېشى ۋە يەككە تەن پەرقىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، دوختۇر بىمارنىڭ قېنىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئىگىلەپ، قان ئازلىق، سۇسىزلىنىش، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار – يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. بۇ ھەر خىل قان كېسەللىكلىرى ۋە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى كۆزىتىشتە مۇھىم كلىنىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ URL نى WordPress بېكىتىڭىزدىكى سىڭدۈرىدىغان جايغا كۆچۈرۈپ-چاپلاڭ
بۇ كودنى بېكىتىڭىزدىكى سىڭدۈرىدىغان جايغا كۆچۈرۈپ-چاپلاڭ