ئۇيغۇرچە кирил йезиқи dohturlar.com

قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى
قان شىكىرى ئۆلچەش ئەسۋابىدىكى قىممەتنى تۆۋەندىكى mg/dL ياكى mmol/L ئىككىسدىن بىرسىگە تولدۇرۇڭ:

 

ياكى

 

 

ئوخشىمىغان ئەسۋاپلاردا قان شىكەر قىممىتى نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ؟

 

بۇ ئىككى mmol/L ۋە mg/dL نىڭ پەرقى نىمە؟

 

بەزىلىرىمىز سېتىۋالغان قاندىكى شىكەر قەنت ماددىسى دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپ 90،100،110،150 قاتارلىق سانلارنى كۆرىمىز. ئەمما يەنە بەزىلىرىمىز نورمالدا قاندىكى قەنت ماددىسىنى 5، 5.5، 6 دىگەندەك سانلار بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ يەردە بىرەر خاتالىق بارمۇ نىمە؟ ياكى بازاردا سېتىۋالغان ئەسۋاب بۇزۇقمىدۇ؟ ۋەياكى قاندىكى شىكەر بەكلا يۇقىرى بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟

 

بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرلىكنىڭ ئوخشىماسلىقىدا.

 

يەنى، ۋەتىنىمىزدىكى ۋاقىتتا نورمالدا mmol/L نى بىرلىك قىلغان ئاساستا قاندىكى شىكەر ماددىسىنى ئۆلچەيدۇ.

 

چەتئەلدە، بولۇپمۇ ياۋرۇپا، تۈركىيە، ئەرەپ، كانادا لاردا… mg/dL نى بىرلىك قىلغان ئاساستا قاندىكى شىكەر ماددىسىنى ئۆلچەيدۇ. بۇ دۆلەتلەردىكى دوختۇرلارمۇ مۇشۇ mg/dL غا كۆنەگلىك.

 

ئەمما نەتىجىدە ئالماشتۇرۇپ كەلسە، ئىككىسى ئوخشاش نەتىجە بولۇپ چىقىدۇ.

 

يەنى mg/dL نى بىرلىك قىلغان نەتىجىنى 18 گە بۆلسىڭىز mmol/L بولۇپ چىقىدۇ.

 

مەسىلەن: سىز تۈركىيەدە بىر قان شىكەر ئۆلچەش ئەسۋابىنى سېتىۋالدىڭىز. قان شىكىرىڭىزنى ئۆلچىدىڭىز، 85 چىقتى. بۇ چاغدا تەمتىرەپ كەتمەي، 18 گە بۆلسىڭىز، 4.7 چىقىدۇ. ئەمدى يۈرىكىڭىز جايىغا چۈشكەندۇ؟

 

سىزگە تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ «قان شىكەر قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى» نى ياساپ چىقتۇق. ئەگەر 80، 90، 100، 130،150 دىگەندەك سانلارنى كۆرسىڭىز سول تەرەپكە تولدۇرۇڭ. ئوڭ تەرەپتە سىزگە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك mmol/L نەتىجىسىنى ھېساپلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ.

 

يەنى mg/dL نى بىرلىك قىلغان نەتىجىنى 18 گە بۆلسىڭىز mmol/L بولۇپ چىقىدۇ.

 

 

  • Formula to calculate mmol/l from mg/dl: mmol/l = mg/dl / 18
  • Formula to calculate mg/dl from mmol/l: mg/dl = 18 × mmol/l


ئاچ قورساق قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتىنى تەكشۈرۈش

كىچىچە بىر نەرسە يىمەي، ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن، ھىچنىمە يىمەي تۇرۇپ، ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتتا تەكشۈرۈلگەن قان ئاچ قورساق قان ھىساپلىنىدۇ.


قاندىكى قەنت قىممىتى تۆۋەن:
(低血糖، hypoglycemia، hipoglisemi)
50-70 mg/dl
( 2.8 – 3.9 mmol/L )


قاندىكى قەنت قىممىتى نورمال:
70-100 mg/dl
( 3.9 – 5.6 mmol/L )


يوشۇرۇن دىئابېت بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى:
(隐型糖尿病، latent diabetes، gizli şeker)
100-125 mg/dl
( 5.6 – 6.9 mmol/L )


دىئابېت كېسىلى بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى:
(糖尿病، diabetes، Şeker Hastalığı)
126 mg/dl دىن يۇقىرى
( 7 mmol/L دىن يۇقىرى )


ئەسكەرتىش: پەقەت بىر قېتىملا تەكشۈرۈشتە چوقۇملا دىئابېت كېسلى ياكى ئەمەس دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەگەر بىرىنجى قېتىملىق ئاچ قورساق تەكشۈرۈشتىن شۈبھىرىڭىز بولسا، ئەتە ئوخشاش ۋاقىت ئوخشاش ئاچ قورساق ئەھۋالدا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك.



توق قورساق قاندىكى قەنت قىممىتىنى تەكشۈرۈش

توق قورساق قان قەنت قىممىتىنى نورمالدا تاماق يىيىشنى باشلىغان تۇنجى كاپام يىمەكتىن ۋاقتىدىن باشلاپ 2. سائەتتە ئۆلچەش لازىم. يەنى تاماقنى دەل چۈش ۋاقتى 1:00 دە يىيىشنى باشلىدىڭىز. مەيلى 10 مىنوتتا يەپ بولۇپ، ياكى يېرىم سائەتتە يەپ بولۇڭ، توق قورساق قاننى 3:00 دە ئۆلچەيسىز.


قاندىكى قەنت قىممىتى نورمال:
80-140 mg/dl
( 4.4 – 7.8 mmol/L )


دىئابېت كېسىلى بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى:
(糖尿病، diabetes، Şeker Hastalığı)
200 mg/dl دىن يۇقىرى
( 11 mmol/L دىن يۇقىرى )


ئەسكەرتىش: پەقەت بىر قېتىملا تەكشۈرۈشتە چوقۇملا دىئابېت كېسلى ياكى ئەمەس دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەگەر بىرىنجى قېتىملىق توق قورساق تەكشۈرۈشتىن شۈبھىرىڭىز بولسا، ئەتە ئوخشاش ۋاقىت ئوخشاش توق قورساق ئەھۋالدا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك.


mmol/L mg/dl   mmol/L mg/dl   mmol/L mg/dl
0.06 1 6.7 120 16.0 288
0.28 5 7.0 126 16.6 300
0.55 10 7.2 130 17.0 306
1.0 18 7.5 135 18.0 325
1.5 27 7.8 140 19.0 342
2.0 36 8.0 145 20.0 360
2.2 40 8.3 150 20.8 375
2.5 45 8.9 160 22.2 400
2.8 50 9.0 162 23.0 414
3.0 54 9.4 170 24.0 432
3.3 60 10.0 180 25.0 450
3.9 70 10.5 190 26.4 475
4.0 72 11.0 196 27.7 500
4.4 80 11.1 200 30.0 540
4.7 85 12.0 216 33.3 600
5.0 90 12.5 225 38.8 700
5.5 100 13.9 250 40.0 720
6.0 106 14.4 260 44.4 800
6.1 110 15.0 270 50.0 900

  

قاندىكى قەنت ماددىسى، دىئابېتكە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلڭ:

كىشىلەرنىڭ قاندىكى قەنت (شىكەر) قىممىتى قانچە بولسا نورمال بولىدۇ؟


ھازىرقى نەشرى: 1.4
مەزكۇر بەت تۇنجى تۈزۈلگەن ۋاقىت: 2021.ئوغۇز(10.ئاي).21

دوختۇر تور بېكىتى ئانا سەھىپىسى