سوغان كېسىلى ھەققىدە

سوغان خەلىقئارادا گېرمانىيە قىزىلى ( German measles ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، خەلق ئارىسىدا بەزىدە يەلتاشما دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. ئۇ سوغان ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى. بۇ كېسەللىك پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت، بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. گەرچە سوغان ئادەتتە كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىلىگە بولغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.