ترىزومى 18 ( ئېدۋاردس يىغىندى ئالامىتى )

ترىزومى 18، تېببىي ئاتالغۇدا ئېدۋاردس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (Edwards Syndrome) دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى خروموسوم كېسەللىكىدۇر. بۇ كېسەللىك بوۋاقنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇنلىغان تۇغما نۇقسانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە بۇ تۇغما كېسەللىك كۆرۈلگەن بوۋاقلارنىڭ ئۆمرىمۇ قىسقا بولىدۇ.