خولېرا كېسەللىكى ھەققىدە

خولېرا بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق ئىچ سۈرۈش كېسەللىكى بولۇپ، خولېرا يايسىمان باكتېرىيەسى (Vibrio cholerae) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۇقۇملىنىش ۋە تارقىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇيغۇن تەدبىر قوللىنىلمىغاندا، تېزلىكتە يامراپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. خولېرا كېسىلى سەھىيە شارائىتى ناچار، پاكىز ئىچىملىك سۇغا ئېرىشىش تەس بولغان رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.