قىزىل قان ئاقسىلى ( ھېموگلوبىن ) HGB

قىزىل قان ئاقسىلى ( hemoglobin ) قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى بىر خىل مۇھىم ئاقسىل بولۇپ، بەزىدە ھېموگلوبىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ئوكسىگېننى بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا توشۇش ھەمدە كاربون Ⅳ ئوكسىدىنى توقۇلمىلاردىن ئۆپكىگە ئېلىپ كېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت. ھېموگلوبىن سەۋىيەسى قان ئازلىق ۋە ئوكسىگېننىڭ بىرىكىش ھالىتىنى باھالاشتىكى ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچ بولۇپ، قاندىكى ئوكسىگېن ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.