دوختۇرلار ساغلاملىق تورى

بۇرۇنقى ئىسمى دوختۇر ساغلاملىق تورى ئىدى

ئويغىنىڭ ھوي تورداش! بىز كەلدۇق!

dohturlar.com دوختۇرلار تورى
dohturlar.com دوختۇرلار تورى

دوختۇر ساغلاملىق تورى ئۇزۇن يىللارنىڭ ئالدىدا دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بىكەت باشلىقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تور بىكەت بولۇپ ، ئۇ چاغلاردا بىكەت باشلىقى ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بىكەتلەر ساھەسىدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور بىكەتنىڭ بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ھەم ئۆزىنىڭ كومپىيوتېرغا بولغان قىزىقىشىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق  قۇرغان تور بىكەت .

تور بىكەت 2004 يىلى يازدا قۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇ چاغلاردا قولدا سانىغۇدەكلا ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر بار ئىدى ھەم تېخى كومپىيوتېر تور بىكەتتە قوللىنىۋاتقان ئۇنىكود ئۇيغۇرچە يېزىقى ئومۇملاشمىغان دەۋىر باسقۇچى ئىدى . دوختۇر تور بېكىتى تۇنجى قۇرۇلغان ساغلاملىق تور بېكىتى ئىدى ھەم ئۇ چاغدا تور بىكەتلەر ئەچ تى ئەم ئەل شەكىلدە بولۇپ ، ئەلكاتىپ بىلەن خەتلەرنى كىرگۈزەتتى .

دوختۇر تور بېكىتى بۇ 10 يىل جەريانىدا ، ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇق دىسەكمۇ بولىدۇ . بۇ جەرياندا تور بىكەتمۇ بىللە ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلدى ، ئەمما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، تور بىكەتنىڭ تەشۋىقاتنى توختىتلىپ قالدى ، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ قىيلىنىشلار بولدى . ئارىلىقتا كۆپلىگەن ئىشلار يۈز بېرىشى ، ھاياتنىڭ شامىلى بىكەت باشلىقىنى ئۇياققا بۇياققا سوقۇپ ئۇچۇرۇپ يۈرۈش جەريانىدا تور بىكەت نەچچە قېتىم تاقىلىپ ، نەچچە قېتىم قايتا ئېچىلغانمۇ بولدى . ئەمما ، تور بىكەت ھەم تور بىكەت ئەڭ دەسلەپكى مۇددىئاسى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلمىدى .

تور دۇنياسى ئۆزگەردى ، ئاۋۋالقى رەڭسىز ئۆزگىرىشچانلىقى ئاز بولغان HTML بەتلەردىن ھازىرقى رەڭگارەڭPHP,CGI,ASPX,mobile app  لەر بىلەن بەتلەر ياسىلىپ كەتتى ، ئۈندىدار مودا بولۇپ سالونلار ساماندەك بولۇپ كەتتى . گەرچە دوختۇر تور بېكىتى مېڭىشى سەل ئاستا بولسىمۇ ئەمما ئەڭ دەسلەپكى مۇددىئاسى ئۆزگەرمىدى  ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي تىرىشتى . ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بىر ئۆزگىچە ، قوللىنىشچانلىق ، ساغلاملىق مېدىتسىنا تېبابەت بىلىملىرى بىلەن يۇقىرى ئىنتېرنېت پەن تېخنىكىسى بىرلەشكەن بىر تور بېكەتكە بولۇپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى ھاجىتىدىن چىقىش ، قوللىنىشچانلىق تور بىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مەقسەت قىلىغلىق . مەيلى بۇ يولدا قانچىلىك ماڭالىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ،  كېيىن باسىدىغان ھەربىر قەدىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ، تېخىمۇ دادىل ، تېخىمۇ جۇشقۇن روھتا ئېلىشقا تىرىشىمىز . چۈنكى بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز .

تور بېكەتنى مەيلى كومپىيوتېردا كۆرۈڭ ، ياكى يانفونىڭىزدا كۆرۈڭ ، ئەڭ ياخشى  كۆرۈنۈش  ھالىتىدە  لايىھەلەندى .بىكەتتىكى ئەسەرلەر ، توردىن توپلانغان ساغلاملىق ماتېرىياللىرىدىن باشقا ، بىكەتتىكى دوختۇرلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى يازغان ئەسەرلىرى ، خەنزۇچە ۋە چەتئەل مەنبەلىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىشەنچلىك ساغلاملىق ئەسەرلىرى بار ھەم داۋاملىق كۆپەيمەكتە . يەنە باشقا كۆپلىگەن گۈزەل ئارزۇ ئارمانلار بار ، مەسىلەن تور بىكەتنىڭ يانفون دىتالىنى ياساش ۋە باشقا مەخپىي پىلانلار بار . خۇدايىم بۇيرۇسا ، بۇلارمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالغۇسى .

ئەلۋەتتە ، دوختۇر بېكىتىنىڭ ھازىرقىدەك روياپقا چىقىشى پەقەتلا بىكەت باشلىقىلا ئەمەس ، بەلكى ئۇزۇندىن بېرى ھەرقايسى جەھەتتىن قىممەتلىك ياردىمىنى ئايرىمىغان ھۆرمەتلىك ئاتا ئانىسى ، قەدىرلىك ئايالى مەرھابا دوختۇر،  ئوماق بالىلىرى (زۇبەيىر ۋە زۇبەيدە)، ھۆرمەتلىك ھەدىسى ۋە باشقا چوڭ كىچىك تورداشلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .

ھازىر تور بىكەتتە مۇقىم مەسلىھەت بېرىدىغان دوختۇرلاردىن ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى ، بالىلار دوختۇرى ، ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى بار ، ھەم ئۇنىڭدىن سىرت باشقا بۆلۈمدىكى دوختۇرلار بىلەنمۇ دوستانە مۇناسىۋەت باغلاش ئارقىلىق تورداشلاردىن كەلگەن سوئاللارغا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنىشلىك جاۋاب بېرىشقا تىرىشىۋاتىمىز . ئەلۋەتتە توپىمىز قانچە زورايسا شۇنچە ياخشى دەپ ئويلايمىز . شۇڭا بىللە ھەمكارلىشىدىغان دوختۇر تىۋىپلەر ، ياكى ساغلاملىق ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان تورداشلار ۋە ياكى تور بىكەت لايىھەلەش ، ياساش جەھەتتە بىلىمى بارلار ، ھەتتا بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى يوق ئەمما ئوتتەك قىززىق يۈرەك ئىشتىياقى بار تورداشلار بولسىمۇ ، سېپىمىزگە قوشۇلىشىنى قارشى ئالىمىز .

ئۇزۇن يىللاردىن مەدەت بېرىپ قوللاپ كېلىۋاتقان دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمىز:
ئاقسۇدىكى شۇڭقار ئاكىمىز

ھاياتىڭىزدا بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىڭ ، ھاياتىڭىزنىڭ جۈملىلىرىگە چىرايلىق ئۈندەش بەلگىسى قويۇشقا ھەم بالىلىرىڭىزغا ، نەۋرە چەۋرىلىرىڭىزگە پەخىرلىنىپ سۆزلىيەلىگۈدەك ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىشقا ھازىردىن باشلاپ تۇتۇش قىلىڭ ، ھازىرمۇ ھەرگىز كېچىكمەيسىز !

ھۆرمەت بىلەن :
دوختۇر تور بېكىتى

قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىر ۋاقتى: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0