ھوقۇق ۋە كېلىشىم

( ئاخىرقى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋاقىت: 2023.08.02 )

دوختۇرلار بېكىتىدە تارقىتىلغان مەزمۇنلار مەنبەسى:

دوختۇلار تور بېكىتىمىزدىكى كۆپىنچە مەزمۇنلارنى، بېكىتىمىزگە مېھنەتسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن دوختۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالە، ئەسەر، ئىشلەنگەن رەسىم، تارتىلغان فىلىملەردۇر. نەشىر قىلىش ھوقۇقى شۇ ئەسلى دوختۇرغا مەنسۈپتۇر.

بىكەتتىكى قىسمەن ماقالە ، بىلىم ، مەسلىھەت ئۇچۇرلىرى ، رەسىم ، فىلىم ، كۆرۈنۈشلەر تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان ۋە ياكى تەرجىمە قىلىنىپ قويۇلغان. بۇ تۈردىكى مەزمونلارنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويدۇق. بۇ مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتور، يازارنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا تەۋە. بۇ مەزمۇنلار دوختۇرلار تور بېكىتىنىڭ كۆز قارىشىغا ۋە كىللىك قىلالمايدۇ.

ئەگەر بۇ مەزمۇنلار ئەسلى ئاپتورنىڭ ئەقلىي ھوقۇقى مۈلكىگە دەخلى تەرۇز قىلىندى ۋەياكى تەسىر يەتكۈزۈلدى دەپ قارالغان بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، 24-48 سائەت ئىچىدە بېكەتتىن ئۆچۈرۋېتىمىز، ۋەيا خالىسىڭىز سىزنىڭ نامىڭىزدا بېكەتتە ئېلان قىلىمىز.

دوختۇرلار بېكىتىدە تارقىتىلغان مەزمۇنلارنى ئىشلىتىش:

ئەگەر تور بېكىتىمىزگە ئائىت مەزمۇنلار نى شەخسىي بېتىڭىزدە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز، چوقۇم مەنبەسى دوختۇر تور بېكىتى ۋە ئاپتور يازارنىڭ ئىسمىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەگەر تور بېكىتىمىزگە ئائىت مەزمۇنلار نى سودا ئىشلاردا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم تور بېكىتىمىز بىلەن ۋەياكى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېلىشىپ تۇرۇپ ئىشلىتىشىڭىز لازىم.

ئەگەر تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان باشقا توربەتلەرنىڭ مەزمۇنلار نى شەخسىي مەقسەت ياكى سودا مەقسىتىدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشىڭىزنى ۋەياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

كۆرۈرمەنلەرگە تىببىي ئەسكەرتىش:

دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان كېسەللىك، ساغلاملىققا ئائىت مەزمۇنلار، پەقەت تورداشلارنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئېڭىنىڭ ئۆستۈرۈش، ساغلاملىققا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن تەمىنلىدۇق

.ئەگەر تورداشلارنىڭ ياكى يېقىنلىرىنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈشىنى ۋە داۋالىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .

دوختۇر بېكىتىدە سۆز قالدۇرۇش توغرىسىدا :

1. تور بېكەت، مۇنبەر، ۋەيا باشقا ھەرقانداق سۆز قالدۇرغىلى بولىدىغان قىسىملارغا باشقۇرغۇچىلار رۇخسەتسىز ئېلان يازمىلارنى يوللىماڭ. ئېلان بېرىش ئىشلىرى ئۈچۈن بىكەت باشقۇرۇغۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ. يوللىسىڭىز ئۆچۈرۈلىدۇ ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، يەنە قايتا خىلاپلىق قىلسىڭىز، ئەزالىق سالاھىيىتىڭىز ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

2. ئىمزا رايونىغا ئېلان شەكىلدىكى رەسىم، ئۇلىنىش، خەتلىك مەزمون قويماڭ. يازسىڭىز ئۆچۈرۈلىدۇ ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، يەنە قايتا خىلاپىلىق قىلسىڭىز، ئەزالىق سالاھىيىتىڭىز ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

3. شەھۋانى، كۈشكۈرتكە، ئۆچمەنلىك، ھاقارەت مەزمۇنلىرىنى يوللىماڭ.

4. سىز تۇرۇۋاتقان دۆلەت رايوننىڭ قانۇن تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق مەزمۇنلارنى يوللىماڭ.

5. باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن مەزمۇنلارنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى، ئەسلى يازغۇچىسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

6. مۇنبەردىكى، تور بەتتكى مەزمونلارنى باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىماقچى بولسىڭىز، مەزمون ئاپتورىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئاندىن يوللاڭ. رۇخسەتسىز كۆچۈرمىكەشلىك قىلماڭ. ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلىڭ.

تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلغان ھەربىر تورداشلارنىڭ يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان شەرتلەرنى قوبۇل قىلغان ئاساستا بېكىتىمىزدىن ساغلاملىق مەزمونلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن

دوختۇرلار تورى ئەترىتى