مەن تۈۋەندە يازماقچى بۇلغان تىما بۇلسا يېقىندا يۈز بەرگەن ھەقىقى ۋەقە.
مەن بىر ئاياللار دۇختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان دوختۇر. يېقىندا بىزنىڭ دوختۇرخانىدا مۇنداق ئىش يۈز بەردى. 25-26 ياشلار ئەتىراپىدا بىر ئېغىر ئاياق قىز بالا دۇختۇرخانىغا كەلدى ۋە مۇنداق دىدى.
مەن بىر يىتىم قىز ئاتا ئانام تۈگەپ كەتكەن ھازىر تۇغىدىغان ۋاختىم توشتى. بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ بىچاۋدا تەكشۈرتسەم بالىڭىز ئوغۇلكەن، بالىياتقۇڭىز بەك نىپىزلاپ كىتىپتۇ، دەرھال ئوپىراتسىيە قىلدۇرۋەتمىسىڭىز بالىياتقۇڭىز يېرىلىپ كىتىدۇ دەيدۇ. ئوپىراتسىيە قىلدۇراي دىسەم پۇلۇم يوق، شۇڭا مۇشۇ بالىنى بېقىۋالىدىغانلار بۇلسا ئوپىراتسە پۇلۇمنى تۈلەپ يەنە ئازراق پۇل بەرسە بالىنى شۇ ئادەمگە بىرەتتىم دىدى. ئۇ قىز بالا بىرىنچى بالىسىنىمۇ ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ ئالغان ئىكەن، شۇڭا بۇ قېتىممۇ چوقۇم ئوپىراتسىيە قىلدۇرمىسا بۇلمايدىكەن.
شۇڭلاشقا بىز دەرھال بالا بېقىۋىلىشنى خالايدىغانلار بىلەن ئالاقىلاشتۇق، بىرسى دەرھاللا كەلدى ۋە ئۇ قىزغا ياتاققا ئېلىنىش رەسمىيتى ئۆتىدى. بىز دەرھال ئوپىراتسىيەگە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق. قان تەكشۈرۈشكە يۇللاندى، ئۇ قىز ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن، ئەيدىز چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بالا بېقىۋالغۇچى بېقىۋىلىشتىن ۋاز كەچتى. بىزمۇ ئوپىراتسىيە تەييارلىقىنى تۇختاتتۇق دە، ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشتۇق ۋە ئەھۋالنى دىدۇق. ئەمىلىيەتتە ئۇ قىز ئۆزىنىڭ ئەيدىزلىقىنى بىلىدىكەن. ئۇ قىز دوختۇرخاندىن چىكىتىشكە ئۇنىمىدى ۋە مۇنداق دىدى. مەن پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ( 步行街) 2 – قەۋىتىدە ئىشلەيمەن. ئۇ يەردە 80 قىز بالا ئىشلەيمىز، ئۇلارنىڭ 78 ئەيدىز، 2 سى سىفلىس (梅毒 ) . كۈنىگە ئوندىن مىھمان كۈتىمىز، مىھمانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. ئاز بىر قىسمى40 ياشتىن 50 ياشقىچە بۇلغان كىشىلەر. مانا ماۋۇ يېنىمدىكى ئادىشىممۇ ئەيدىز دەپ پەخىرلەنگەندەك خىجىلمۇ بۇلماي سۆزلەۋاتاتتى. مەن كۆپىنچىسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دىگەننى ئاڭلاپ قېتىپلا قالدىم. شۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىز چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقان ئەۋلاتلار ئەمەسمۇ. كۈنىگە 800 ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندى دىگەن گەپ قورقۇنۇشلۇق گەپ ئەمەسمۇ!…
دەل شۇ ۋاقىتتا شۇ قىزنىڭ قىياپىتى ماڭا بىر ئالىمىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلىتىپ قۇيدى. ئىنسان ئىنسانىي ئۆلچەمنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسە، ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىگە سالسا ھېچكىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى خاتا دىمەيدۇ. مەسىلەن ئوغىرى مىنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىشىم خاتا ئەمەس، چۈنكى مەن كىچىدە ئادەملەر ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا ئۇيقۇمدىن ۋاز كىچىپ مىھنەت قىلىپ قىلغان، كەسپىم نىمىشقا خاتا بۇلغۇدەك دەيدۇ دىگەن ئىدى. نىمەدىگەن توغرا ئېيتقان ھە!
مانا ھازىر ئەمىلىيەت ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ قىزنىڭ قىياپىتىدىن ئاشۇنداق ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. نە خىجىل بۇلۇش نە پۇشايمان قىلىش نە ئۆكۈنۈش يوق ئىدى، ئۇ قىز پەقەت چىكەتكىلى ئۇنىمىدى. ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىم ئۇ قىزنى ئىتتىرىپ چىقىرۋەتكەن بۇلسىمۇ يەنە كىرىۋالدى. ئاخىرى بۇلماي بۆلۈم باشلىقى ئەمدى كەتمىسەڭ ساقچى چاقىرىمىز دىگەن ئىدى، چاقىرساڭ چاقىر، ئۇ مەن نەچچە كىرگەن يەر، ئۇلار مىنى ساڭا ياتىدىغان يەر يوق دەپ چىقىرىۋىتىدۇ دىدى. بىراق ئۇلار ساقچىلارنى چاقىرىۋەردى. ئۇلار كىلىپ ئۇ قىزنى ئېلىپ كىتىشنىڭ ئورنىغا نىمىشقا ئۆز ئالدىڭلارغا بالا ساتتىڭلار دەپ، بالا بېقىۋالغۇچى بىلەن بۆلۈم باشلىقىنى ئېلىپ كەتكىلى قوپتى. بىز يالۋۇرۇپ بۇندىن كىيىن دىققەت قىلايلى دەپ ئۇلارنى ئاران تەستە ئېلىپ قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن باشلىقلار يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىغا تېلىفۇن قىلدى. ئۇلار كىلىپ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ھەقسىز ئوپىراتسىيە قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن بۆلۈم باشلىقى ئۇ قىزنى ئېلىپ ئۇلار بىلەن شەھەرلىك دوختۇرخانىغا كەتتى. ئۇ دوختۇرخانىدا ئۇ قىزنى ئوپىراتسىيە قىپتۇ. بۆلۈم باشلىقىمىز ئانىسى چىقىپ بۇلغۇچە بالىنى باققاچ تۇرۇپتۇ. بۆلۈم باشلىقىمىز ئۇ قىزدىن ئەيدىزلىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا بۇ بالىنى تۇغۇسىز دىسە، ئۇ قىز تۇغۇپ ساتاتتىم دەپتۇ. ئاندىن ئۇ قىز بىر ئادىشىنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنى دەپ بىرىپتۇ، ئادىشى بەك ئۇزۇندا كەپتۇ. بۆلۈم باشلىقىمىز نىمانچە ئۇزۇندا كىلىسىز دىسە ئىشتىن چۈشكەندە ئاندىن كەلمەمدىم دەپتۇ. ئۇ كەلگەن قىزمۇ ئەيدىزكەن. ئۇلار شۇ ئورۇندا بىرگە ئىشلەيدىكەن. بۇ ئەھۋاللار مىنى بەكمۇ ئويغا سېلىپ قۇيدى. ئۇ يەرگە بارىدىغانلار راسلا بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزمىدۇ!
ئەتىسى ئىشخانىدا شۇ پاراڭنى قىلىۋاتقان ئىدۇق، كىسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ. مىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى يېقىنىم بار ئىدى. ئۇ بىر كۈنى يولدا كىتىۋىتىپ ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ شۇنداق يەرگە كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ كەينىدىن كىرسە نەخ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى، شۇ يەردىلا ئۆزىنىڭ ئەس-ھوشىنى يوقاتقانلىقىنى، ئۆز – ئۆزىنى ئۇرۇپ مەن يەنە ئوقۇتقۇچىلۇق قىلايمۇ ياكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقايمۇ دەپ قاتتىق ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن بۇنى ئاڭلاپ ئۇ قىزنىڭ دىگەن گەپلىرىگە ئىشىنىپ قالدىم. ئەۋلاتلارنى ئۇ يولدىن قانداق ساقلاپ قېلىش كىرەكلىكىدە ئويلىنىپ قالدىم. ھېچ ئۈنۈملۈك بىرەر ئامال تاپالمىدىم. ئاخىرى بۇ تىما ئۈستىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى ۋە شۇ يەردىكى قىزلارنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى بىلسە بەلكىم ئەۋلاتلارنىڭ شۇ يەردىن ساقلىنىپ قېلىشقا ئازراق بۇلسىمۇ پايدىسى يىتىپ قالار دەپ بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئاخىردا ھەر بىرىڭلارنىڭ ئەگەر ئاتا- ئانا بۇلساڭلار بالىلىرىڭلارغا بۇلغان تەربىيەنى كۈچەيتىشىڭلارنى، ئەگەر ئوقۇتقۇچى بۇلساڭلار ئوقۇغۇچىلارغا بۇلغان تەربىيەنى كۈچەيتىشىڭلارنى ۋە قەرەلىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قىلىپ بېقىشىڭلارنى سورايمەن.