دوختۇرلار مەھسۇلاتلىرىمىز
Our Products

 


 

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم سېرىقىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان مۇھىم خام دورىلارنىڭ شىپالىق تەركىپلىرىنى قوشۇپ پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقاردۇق.

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى مەھسۇلاتىنى قانداق كېسەللىكلەرگە ۋە ئالامەتلەرگە ئىشلىتىش كېرەك؟ بىلمەكچى بولسىڭىز يۇقارقى رەسىمنى بېسىڭ.

كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا چوڭلار يېزىلاردا يەرلىك ئۇسۇلدا تۇخۇم مىيى چىقىرىپ دائىم بىزگە سۈرۈپ قوياتتى. كېچىسى تولا يىغلاپ ئۇخلىمىغان بالىلارغا ماي سۈرۈپ قويسا كېچىچە تولۇق قېنىپ ئۇخلايتى. جىلىخور، يىغلاڭغۇ بولۇپ قالغان بالىلارمۇ تېتىك، جانلىق بولۇپ قالاتتى. كېچىسى سىيىپ قويىدىغان بالىلارغا سۈرۈپ قويسىمۇ ئالاھىدە پايدا قىلاتتى. تولا يۆتىلىدىغان، تېنى ئاجىز، تولا پەي تاتىشىپ قالىدىغان كىشىلەرگىمۇ بەدىنىگە سۈرۈپ، قۇياشقا قاقلىنىپ بەرسە، بەدەن يېنىكلەپ خېلىلا راھەت بولۇپ قالاتتى. ئەڭ مۇھىمى، بۇ تۇخۇم مىيىنىڭ پۇرىقى ھەرزامان بىزگە يۇرتىمىزنى، بالىلىقىمىزنى ئەسلىتەتتى.

يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىتتا سىناق قىلىش، كلىنىكىلىك كۈزىتىش، داۋالاش نەتىجىسىدە تور بېكىتىمىز نامىدا تۇنجى مەھسۇلاتىمىزنى ئىشلەپ چىقاردۇق. ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى بولىدىكەن. يەنە بىر ئۈمىدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق دىسەكمۇ بولىدۇ.

سىناق تەجرىبىمىزدىن ئۆتكەن ئىشەنچلىك مەھسۇلاتىمىز: دوختۇرلار ماركىلىق تۇخۇم مىيى

بۇ مېيىمىزنىڭ پايدا قىلىدىغان كېسەللىكلەرنى تونۇشتۇرۇش قىسمىغا يېزىپ قويدۇم. تېخىمۇ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولغان قېرىنداشلار مەسلىھەت سوراش ۋاتسئاپ نومۇرىغا ئۇچۇر قىلساڭلار بولىدۇ.

بىر قۇتا / 10 مىللىلېتىر / 280-300 تامچە
بىر قۇتىسى 75 لىرا

يېقىندا خەتلىك، ۋىدىئولۇق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ، ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىغا ئالاقىدار مەزمونلارنىمۇ ئېلان قىلىمىز.

مىدىرلاپلا تۇرساق، تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ئارزۇلىرىمىز ئەمەلگە ئاشقۇسى.

ھۆرمەت بىلەن:
نۇرمەمەت دوختۇر

مەسلىھەت سوراش نومۇرى:
+905070515119

تۇخۇم مىيىنىڭ ھىدى
بالىلىقىمنىڭ ئەسلىمىسى

 

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0