تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى

0
1034
تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى

ئالىملار يېقىندا پۇتنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى بىر قىسىم پەللىلەرنى غىدىقلاپ بەرسە ، تېرىنى يۇمران قىلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغان .

بۆرەك ئۈستى بەز پوستلاق ماددىسى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ئورگانىزمدا پېگمېنتلارنىڭ چۆكۈپ ، تېرىنىڭ قارىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان . شۇڭا پۇتنىڭ ئاستىدىكى پەللىلەر غىدىقلاپ بېرىلسە ، ئورگانىزمدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى نورمال جارى قىلدۇرۇپ ، تېرە پېگمېنتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە چۆكۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، تېرىنى يۇمران ۋە پارقىراق قىلغىلى بولىدۇ .

تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى

تۆۋەندە بۇنىڭغا دائىر بىر قانچە ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز :

شېغىل تاشلىق يولدا يالاڭئاياغ مېڭىپ بېرىش كېرەك .

ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ، ئاندىن تاش بىلەن تاپاننىڭ ئوتتۇرىسىنى سۈركەپ بېرىش كېرەك . بۇ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پۇتنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .

پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلىغاندىن كېيىن ، پۇتنىڭ ئاستىدىكى پەللىلەرنى ئۇۋۇلاش ياكى قول بىلەن ئۇرۇپ بېرىش كېرەك . ئالدى بىلەن ئوڭ قولنىڭ ئالقىنى بىلەن سول پۇتنىڭ تاپىنىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ، يەنى يۇڭچۇەن پەللىسى (تاپاننىڭ ئالدىنقى ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ مەركىزىدىنكى ئويمانلىقتا) نى تېز سۈرئەتتە قىزىغىچە ئۇۋۇلاپ بېرىش ، ئاندىن سول قول بىلەن ئوڭ پۇتنى ئۇۋۇلاپ بېرىش لازىم . ئاندىن ھەر قايسى بارماقلارنى ئۇۋۇلاش ، بولۇپمۇ سەنماۋ پەللىسى (چوڭ بارماقنىڭ 2-بوغۇمىنىڭ تۈك ئۆسكەن يېرى) نى كۆپرەك ئۇۋۇلاش لازىم . ھەر بىر بارماقنى 30 قېتىم ئۇۋۇلاپ بولغاندىن كېيىن سەنماۋ پەللىسىنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە كۈچەپ بېسىش كېرەك .

پۇتنىڭ ئاستىدىكى پەللىلەر دائىم ئۇۋۇلاپ بېرىلسە ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى ، باش ئاغرىش ، يۇقىرى قان بېسىمى ، زۇكام ۋە بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . شۇڭا ، تېرىمىزنى يۇمران ۋە ئاق ساقلاش مەقسىتىدىن باشقا ، كۈتۈنۈش ۋە سالامەتلىكنى ئاسراش ئۈچۈنمۇ پۇتنى ئۇۋۇلاشقا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here