ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلارغا قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى بېرىش ئۇسۇللىرى

ئەپ سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ

دوختۇرلار ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسى ئىچكى سىناق شەكىلدە تارقىتىلدى. سىناققا قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

بالىلارغا قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى بېرىش ئۇسۇللىرى

بالىلارنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈش: دورا بېرىشتە دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار

بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىشى ئاتا-ئانىلارنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قىزىتما كېسەللىك ئەمەس، بەلكى بەدەننىڭ ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەلەرگە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر سىگنالىدۇر. شۇنداقتىمۇ، بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەندە، ئۇنىڭ بىئاراملىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن قىزىتما چۈشۈرۈش دورىلىرىنى توغرا ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. دورىنى قالايمىقان ياكى خاتا مىقداردا بېرىش بالىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

بالىلارغا قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى بېرىش ئۇسۇللىرى

ئادەتتە، بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشقاندا ئاندىن دورا بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ قىزىتمىسى تۆۋەن بولسا، لېكىن روھىي ھالىتى ياخشى، ئويۇنچاق ئويناۋاتقان بولسا، دەرھال دورا بېرىشكە ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق ئەھۋالدا كۆپرەك سۇ ئىچۈرۈش ۋە فىزىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن تېمپېراتۇرىنى كۆزىتىش كاپايە قىلىدۇ. لېكىن، بالىنىڭ روھىي ھالىتى ناچار بولسا، كۆپ يىغلىسا ياكى تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەۋاتقان بولسا، دورا ئىشلىتىشنى ئويلىشىش كېرەك.

بالىلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قىزىتما دورىلىرىنىڭ تۈرلىرى

بالىلار ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر دەپ قارالغان ئىككى خىل ئاساسلىق دورا تۈرى بار: پاراسېتامول (Paracetamol) ۋە ئىبۇپروفېن (Ibuprofen).

پاراسېتامول ئادەتتە 3 ئايلىقتىن ئاشقان بالىلارغا ماس كېلىدۇ ۋە دورا ئارىلىقى ئاز دېگەندە 4-6 سائەت بولۇشى كېرەك.

ئىبۇپروفېن بولسا 6 ئايلىقتىن ئاشقان بالىلارغا بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتى سەل ئۇزۇنراق بولۇپ، ئارىلىقى 6-8 سائەت بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ھەرگىزمۇ چوڭلارنىڭ قىزىتما دورىلىرىنى، بولۇپمۇ ئاسپىرىننى بالىلارغا بەرمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ «رېي سىندروومى» دەپ ئاتىلىدىغان خەتەرلىك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

دورا مىقدارىنى بېكىتىشتە بالىنىڭ يېشىغا ئەمەس، بەلكىبەدەن ئېغىرلىقىغا ئاساسلىنىپ دورا مىقتارىنى بېرىش ئەڭ توغرا ئۇسۇلدۇر. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوخشاش ياشتىكى ئىككى بالىنىڭ ئېغىرلىقىدا زور پەرق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، دورا ساندۇقىنىڭ ئارقىسىدىكى ئېغىرلىق جەدۋىلىگە قاراش ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. دورىنى ئۆلچەشتە ئائىلىدىكى ئادەتتىكى قوشۇقلارنى ئەمەس، بەلكى دورا بىلەن بىللە چىققان مەخسۇس ئۆلچەم قوشۇقى ياكى ئوكۇل نېيىنى (سۇيۇقلۇق ئۆلچىگۈچ) ئىشلىتىش كېرەك.

دورا بەرگەندە دىققەت قىلىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى

بالىغا دورا بەرگەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا جەزمەن ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر:

  • دورا تۈرىنى ئارىلاشتۇرماسلىق:دوختۇر ئالاھىدە تەۋسىيە قىلمىغان بولسا، پاراسېتامول بىلەن ئىبۇپروفېننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ياكى نۆۋەتلەشتۈرۈپ بەرمەڭ. بۇ بالىنىڭ بۆرەك ۋە جىگىرىگە ئارتۇقچە يۈك بولۇپ قالىدۇ.
  • ۋاقىت خاتىرىسى تۇتۇش:دورىنى قايسى سائەتتە بەردىڭىز، قانچە مىللىلىتىر بەردىڭىز، جەزمەن خاتىرىلەپ مېڭىڭ. بۇ دورىنى ئارتۇق بېرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
  • تەكرارلانغان تەركىبلەرگە دىققەت قىلىش: زۇكام دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە كۆپىنچە قىزىتما چۈشۈرۈش ماددىلىرى بولىدۇ. يەنى بەزى زۇكام دورىلىرى ئىچىدىمۇ پاراسېتامول ياكى ئىبۇپروفەن ماددىسى بولىدۇ. ئەگەر زۇكام دورىسىنى ئىچكەن بالىغا قوشۇمچە ئۈستىگە يەنە قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى بېرىلىرىسە، دورا مىقدارى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا دورىلارنى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ بەرمىسىڭىز ئەڭ ياخشى.
  • ئۇيقۇدىكى بالىنى ئويغاتماسلىق:ئەگەر بالا ئۇخلاۋاتقان بولسا ۋە تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولمىسا، دورا بېرىش ئۈچۈن ئۇنى زورلاپ ئويغىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇيقۇمۇ بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن مۇھىم.

دورا بەرگەندىن كېيىن ئادەتتە 30 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا قىزىتما چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇ جەرياندا بالىغا كۆپ سۇ ئىچۈرۈش دورىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ ۋە قىزىتما سەۋەبىدىن بەدەننىڭ سۇسىزلىنىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. شۇنداقلا، بالىنى بەك قېلىن يۆگىمەسلىك، يېنىك ۋە ھاۋا ئۆتۈشىدىغان كىيىملەرنى كىيگۈزۈش بەدەننىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

قاچان دوختۇرغا بېرىش كېرەك؟

گەرچە ئۆي شارائىتىدا قىزىتمىنى كونترول قىلغىلى بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئەھۋاللاردا جىددىي تىببىي ياردەم تەلەپ قىلىنىدۇ. 3 ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلار قىزىپ قالسا دەرھال دوختۇرغا ئېلىپ بېرىش شەرت. شۇنداقلا، قىزىتما ئۈچ كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشسا، بالىدا تىترەش، تېرىسىدە غەلىتە ئەسۋەلەر پەيدا بولۇش، قاتتىق قۇسۇش ياكى تارتىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، كېچىكتۈرمەي دوختۇرخانىغا بېرىش لازىم.

قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسىنى بېرىش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى «توغرا دورا، توغرا مىقدار ۋە توغرا ۋاقىت» تۇر. ئاتا-ئانىلار ساراسىمىگە چۈشمەي، ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن پەرۋىش قىلغاندا بالىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرەلەيدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-02-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-02-12 / 01:03:23

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ