نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!
18 تانە باھا سۆزى بار
2410 يازمىسى بار

سىستېمىلىق ئانتىبىيوتىك دورىلىرى تۈركچە ئىسىملىرى ۋە رىتسىپ ئۆلچەملىرى

سىستېمىلىق ئانتىبىيوتىك دورىلىرى تۈركچە ئىسىملىرى ۋە رىتسىپ ئۆلچەملىرى

ئىچكى كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىياتى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئاساسىي تىببىي پەن نەزىرىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە ھازىرقى زامان بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە فىزىكا قاتارلىقلار تىببىي دائىرىلىرىدە كەڭ قوللىنىلغانلىقتىن، ئىچكى كېسەللىكلەرنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن، كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى ۋە كېسەل پەيدا بولۇش مىخانىزمى جەھەتتىن بولسۇن، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى جەھەتتىن بولۇن شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەرەپتىن بولسۇن ناھايىتى چوڭ يۈكسىلىش ۋە تەرەققىيات بارلىققا كەلدى.

ئىچكى كېسەللىكلەرنى ئۆگىنىش ۋە تەلەپ

ئىچكى كېسەللىكنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ۋە توغرا ئۇسۇلى – نەزىرىيىسىنى ئەمەلىيەت بىلەن زىچ باغلاشتۇر. ئەمەلىيەت بولسا نەزىرىينىڭ ئاساسى، نەزىرىيە بولسا، ئەمەلىيەتنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئىچكى كېسەللىكلەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا، ھەرقايسى كېسەللىكلەرنى فىزىئولوگىيە پاتولوگخيە، فارماكولوگىيە قاتارلىق ئاساسىي پەنلەرنىڭ نەەرىيىلىرى بىلەن باغلاش، دىئاگنوستىكىنىڭ نەزىيىسى ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى بىلەن باغلاش، شۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىغۇچىنىڭ كلىنىكىلىق ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم.

ئىچكى كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى ۋە مەزمونى

ئىنسانلار ئۇزۇن مۇددەت كېسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەھەتتىكى مول تەجرىبىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تىببىي نەزىرىيىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بارا-بارا كلىنىكىلىق تىببىي ئىلىم ۋە باشقا ھەرقايسى پەنلەرنى شەكىللەندۈردى.

ئامېرىكىلىق بوۋاقلار، بالىلار، ياشلارنىڭ بەدەن ئۆلچەملىرى جەدۋەللىرى

تۆۋەندە ئامېرىكىلىق بوۋاقلار، بالىلار، ياشلارنىڭ بوي ئۇزۇنلۇقى (ئېگىزلىكى)، بەدەن ئېغىرلىقى، باش ئايلانمىسى، BMI (بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچ) پىرسەنت خانىلىرى ھەربىر ياشتا ۋە ئوخشىمىغان جىنس يەنى قىز ئوغۇللارنىڭ ئايرىم ئايرىم بېرىلدى.

نەپەس سىستېمىسىنىڭ ئاناتومىيىسى

نەپەس سىستېمىسى بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، كىكىردەك، كاناي، ھەر دەرىجىلىك كانايچە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى، كۆكرەك پەردىسى، كۆرەك قەپىزى ۋە دىئافراگما قاتالىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كېكىردەك يۇقىرىسىدىكىلەرنى يۇقىرى نەپەس يولى، تۆۋەندىكىلىرىنى تۆۋەنكى نەپەس يولى دىيىلىدۇ.