ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلارنىڭ بەدەن تەرەققىياتى ۋە ئۆلچەش ئۇسۇلى

بالىلارنىڭ بەدەن تەرەققىياتى ۋە ئۆلچەش ئۇسۇلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

پۈتكۈل بالىلىق دەۋرى توختاۋسىز ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ. ئومومەن«ئۆسۈش» شەكىل ھالىتىنىڭ ئۆسۈشىنى، «تەرەققىي قىلىش» پائالىيىتىنىڭ يېتىلىش جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋېتى ئىنتايىن يېقىن بولۇپ ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەزالارنىڭ تەرەققىي قىلىشىمۇ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

  • بەدەن ئېغىرلىقى. بەدەن ئېغىرلىقى بولسا بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار ۋە ھەر قايسى سىستېمىلار ئېغىرلىقىنىڭ يىغىندىسىدۇر. كلىنىكىدادائىم بەدەن ئېغىرلىقىغا تايىنىپ دورا مىقتارى ۋە كىرگۈزۈلىدىغان سۇيۇقلۇقنىڭ مىقتارى ھىساپلىنىدۇ. ئورگانىزىمنىڭ مىقتار جەھەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. بالىلار يېڭى تۇغۇلغاندا بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 3 كىلوگرام، 5-6 ئايلىق بولغاندا 6 كىلوگرام، 1 ياشتا 9 كىلوگرام، 2 ياشتا 12 كلوگرام بولىدۇ. 1 ياش ئىچىدىكى بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ھېساپلاشقا بولىدۇ:

بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى: بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشنتىن ئاۋۋال تارازىنىڭ توغرىلىقىنى تۈزۈپ، ئاندىن بالىنىڭ كىيىمى سالدۇرىلىدۇ. بالا تارازا تەخسىسى ئۈستىگە ياتقۇزىلىدۇ. ئەگەر ئۆي تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بولسا، كېيىمنى كىيدۈرۈپ ئاندىن كىيىمنىڭ ئېغىرلىقى ئۆلچىلىنىدۇ. ياكى چوڭ ئادەم بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ بىرلىكتە ئۆلچەم ئاندىن چوڭ ئادەمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېلىۋەتسە بالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

  • بويى: بويىنىڭ ئۆسۈشى سۆڭەكلەر تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم بىر ئۆلچەم. ئۆسۈشنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيىتى بولىدۇ. لېكىن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىدەك روشەن بولمايدۇ. يېڭى تۇغۇلغاندا بويى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 50 سانتىمېتىر، 1 ياشتا 75 سانتىمېتىر، 2 ياشتا 85 سانتىمېتىر، 2 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ بويى
    75cm + (ياش X 5 )
    بولىدۇ. ئۆلچەش ۋاقتىدا بوۋاقنى ئۆلچەش تاختىسىدا ئوڭدا تۈز ياتقۇزۇپ ئىككى پۇتىنى تۈز قىلىپ باش قىسمى بىلەن تاپىنىنى ئۆلچەيدىغان تاختاينىڭ ئىككى تەرەپ ئۇچىغا چىڭ تەككۈزىلىدۇ.

بويىنى ئۆلاچەش يۇقارقى قىسمى ۋە تۆۋەنكى قىسمىنى ئۆلچەشكە بۆلۈنىدۇ. باشنىڭ چوقا قىسمىدىن دوۋساق سۆڭەك بىرلەشمىسىنىڭ ئۈستۈنكى قىرىغا قەدەر ئارىلىق ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ گەۋدىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئومۇرتقا تۈۋۈكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. دوۋساق سۆڭەك بىرلەشمىسىدىن تاپانغىچە بولغان ئارىلىق تۆۋەنكى قىسمىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، تۆۋەن مۇچىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تۆۋەن مۇچىدىكى ئۇزۇن سۆڭەكلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇنسىۋەتلىك بولىدۇ. بالا يېڭى تۇغۇلغاندا تۆۋەندىكى قىسمى يۇقارقى قىسمىغا نىسبەتەن قىسقا بولۇپ، 12 ياش ئەتراپىدا يۇقارقى قىسمى بىلەن تۆۋەنكى قىسمى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلىشىدۇ. (رەسىم)

  • باش ئايلانمىسى. باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىنكاس قىلىپ بېرىدۇ. شۇندقالا باش سۆڭىكىنىڭ تەرەققىيتىنىمۇ قىلىشنىمۇ ئىنكاس قىلىپ بېرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ باش ئايلانمىسى تەخمىنەن 34 سانتىمېتىر، 1 ياشتا 46 سانتىمىتېر، 2 ياشتا 48 سانتىمېتىر، 5 ياشتا 50 سانتىمىتېر بولىدۇ. باش ئايلانمىسىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى: گەجگە سۆڭەك تۈگۈنىنىڭ ئەڭ پۇلتىيىپ چىققان نۇقتىسىدىن قاش دوۋسىقىغا تەكشى قويۇپ يۇمشاق مېتىر بىلەن باشنى بىر ئايلاندۇرۇپ ئۆلچىنىدۇ.

بولاقچە-ئالدىنقى بوۋلاقچە ۋە ئارقا بولاقچىگە ئايرىلىدۇ. ئالدىنقى بولاقچە (2.5X2.5 cm) 1 ياشقىچە ياكى بىر يېرىم ياشتا پۈتۈپ بولىدۇ. ئارقا بولاقچە تۇغۇلۇپ 2-3 ئايلىقىدا پۈتۈپ بولىدۇ. ئالدىنقى بولاقچىنىڭ بەك بالدۇر پۈتۈشى كىچىك باش غەيرىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بەك كېچىكىپ پۈتۈشى سۆڭەكلىشىش جەريانىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: راخت، پاپا كېسىلى ئەگەر تېز سۈئەتتە كېڭىيىپ كەتسە، مېڭىگە سۇ يىغىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  • كۆكرەك ئايلانمىسى: يېڭى تۇغۇلغاندا كۆكرەك ئايلانمىسى 32 cm بولۇپ، باش ئايلانمىسىدىن 1-2 cm كىچىك بولىدۇ. 1 – يىلى تەرەققىي قىلىشى تېز بولىدۇ. 1 ياشلىق ۋاقتىدا باش ئيالانمىسى بىلەن تەڭشىلىدۇ. كېيىن كۆرەك ئايلانمىسى، باش ئايلانمىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ پەرق سانى (cm) تەخمىنەن، بالىنىڭ ياش سانىغا تەڭ بولىدۇ. كۆكرەك ئايلانمىسى، كۆكرەك قەپىزى، كۆكرەك يەلكە مۇسكۇلى، تېرە ئاستى مايلىرى ۋە ئۆپكىنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. كۆكرەك قەپىزى شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى، راخت ، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. كۆكرەك ئايلانمىسىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى: بالىنى تۈز ياتقۇزۇپ ئىككى قولىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، يۇمشاق مېتىر بىلەن تاغاق بۇلۇڭى ئاستىدىن، ئالدىنى ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ تۆۋەنكى قىرىدىن ئايلاندۇرۇپ ئۆلچىلىدۇ.
  • چىشى: تۇغۇلۇپ 6-8 ئايلىقتىن باشلاپ سۈت چىشى چىقىدۇ. ئاز ساندىكىلىرىدە بالدۇر بولسا 4 ئايلىقتا، كېچىككەنلىرى 11 ئايلىقتا چىقىدۇ. ئادەتتە 2.5-2 يېشىدا 20 دانە چىشى چىقىپ بولىدۇ. چىشنىڭ چىقىش تەرتىپى تۇغۇلۇپ 6-7 ئايلىق ۋاقىتدا ئاۋۋال تۆۋەنكى ئۇدۇل چىش، كېيىنكى قېتىمدا يۇقارقى ئۇدۇل چىش، تۆۋەنكى يان كەسكۈچى چىش چىقىدۇ. 1 ياشلىقىدا 8 چىش چىقىپ بولىدۇ. 1 ياشتىن كېيىن 1-سۈت ئېزىق، بىر يېرىم ياشتا مەگەن چىش، 2 ياشتا 2-سۈت ئېزىق چىش چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا 20 دانە سۈت چىشى چىقىپ بولىدۇ. 4-6 ئايلىق يېشى = سۈت چىشىنىڭ سانىنى ھېساپلاش. مۇقىم چىش جەمئىي 32 بولىدۇ.

6-7 ياشتىن باشلاپ مۇقىم چىش چىقىدۇ. 20-30 ياشتا چىقىپ بولىدۇ. چىشنىڭ ئالمىشىش تەرتىپى بىلەن چىش چىقىشنىڭ تەرتىپى ئاسسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولىدۇ. 12 ياشتىن كېيىن 2-ئېزىق چىش چىقىشقا باشلايدۇ.

راخت ، پاپا، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشىدا چىش كېچىكىپ چىقىدۇ. ئايرىم بالىلاردا چىش چىقىش ۋاقتىدا ۋاقىتلىق شال ئېقىش، خاتىرجەم ئۇخلىيالماسلىق، تۆۋەن قىزىتما قاتارلىقلار بولىدۇ.

  • سۆڭەكلەر: نورمال بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى نىسبەتەن قائىدىلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىش جەريانىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ. ئۇزۇن سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاساسلىقى سۆڭەك ئۇچلىرىدىكى كۆمۈرچەك تەدرىجىي سۆڭەكلىشىپ، سۆڭەك پەردىسى، مەسىلەن: ياپىلاق سۆڭەك ئەتراپىدىكى سۆڭەك پەردىلىرى سۆڭەكلىشىدۇ.

سۆڭەكلىشىش مەركىزىنى رېنتىگىندە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالىلار سۆڭەكلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى يەنى سۆڭەك يېشىنى بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: قول پەنجىسى سۆڭىكىنىڭ سۆڭەكلىشىش مەركىزى (1-1 جەدۋەل)

سىرتقى بىلەك سۆڭىكى يىراق ئۇچىنىڭ سۆڭەك ھاسىل بولۇش مەركىزى تۇغۇلۇپ 6 ئايلىقتا پەيدا بولىدۇ. ئىچكى بۆلەك يىراق ئۇچىدا بولسا 6-8 ياشتا پەيدا بولىدۇ. سۆڭەكلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىمۇ ئايرىم شەخسلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى جىنسىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئوخشاشلا، بالىنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرىدىكى سۆڭەك يېشىمۇ بىر خىل بولماسلىقى مۇمكىن. بەزى كېسەللەر، مەسىلەن : پاپا ۋە ئوزۇقلىنىشنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىشىدا، سۆڭەكلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئاستا بولىدۇ. بۆرەك ئۈستى بەز نەسىللىنىش سىندرومىدا (adrinogenital syndrome) سۆڭەكلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى نىسبەتەن تېز بولىدۇ.

1-1 جەدۋەل : قول بېغىش سۆڭەكلىرىنىڭ سۆڭەكلىشىش مەركىزى

 

ياش سۆڭەك ئىسمى سۆڭەكلەر ئومۇمىي سانى
1

2-3

4

5

6

19-13

ئىلمەك سۆڭەك، چوقىسىمان سۆڭەك

ئۈچ بۇلۇڭلۇق سۆڭەك

ئايسىمان سۆڭەك

چوڭ كۆپ بۇلۇڭلۇق سۆڭەك، تەڭلىسىمان سۆڭەك

كىچىك كۆپ بۇلۇڭلۇق سۆڭەك

پۇرچاقسىمان سۆڭەك

2

3

4

6

7

8

 

 

بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي

كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-08-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-30 / 08:54:16

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ