فوسفور ھاياتلىقنىڭ نەسىللىنىش، كۆپىيىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتتۇر!
فوسفور ( Phosphorus ) مېتاللوئىد ئېلېمېنت بولۇپ ،ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ 3 – دەۋرى ،15 – گۇرۇپپىسىغا جايلاشقان ،ئۇنىڭ ئېلېمېنت بەلگىسى P ،ئاتوم رەت نومۇرى 15.
فوسفور تەبىئەت دۇنياسىدا كۆپ خىل شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ ئوخشاش بولمىغان فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە:
ئاق فوسفور:ئەڭ جانلىق شەكىل بولۇپ، مولېكۇلا فورمۇلاسى P4 بولۇپ، مۇنتىزىم تۆت تەرەپلىك قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئىنتايىن جانلىق بولۇپ، ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن رېئاكسىيەلىشەلەيدۇ، ھەتتا ئۆزلۈكىدىن ئوت ئالالايدۇ، ئۇنىڭ ئوت ئېلىش نۇقتىسى تەخمىنەن ℃ 04 بولىدۇ. شۇڭا، ئاق فوسفورنى سۇ ئاستىدا ياكى سۇسىز سىستېمىدا ساقلاپ، ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
– قىزىل فوسفور:بىر قەدەر تۇراقلىق، ئۇنىڭدىكى فوسفور ئاتوملىرىنىڭ تىزىلىشى زەنجىرسىمان ھالەتتە بولىدۇ، خىمىيەلىك فورمۇلاسى بىۋاسىتە P دەپ يېزىلىدۇ. ئاق فوسفورغا سېلىشتۇرغاندا، قىزىل فوسفورنىڭ ئوت ئېلىش نۇقتىسى تەخمىنەن 240 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئادەتتە ھاۋادا ئۆزلۈكىدىن كۆيمەيدۇ.
قارا فوسفور:يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىمدا ئاق فوسفور ياكى قىزىل فوسفورنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان بىر خىل تېخىمۇ مۇقىم بولغان ئاللوتروپ. ئۇنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى ئاق فوسفور ۋە قىزىل فوسفوردىن تۇراقلىق.
بۇ ئاللوتروپلاردىن باشقا، فوسفورمۇ جانلىقلار تېنىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى تۇراقلىق مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %1 ئىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى سۆڭەك ۋە چىشتا ساقلىنىدۇ ( ئىگىلىگەن نىسبىتى %85 تىن ئاشىدۇ ). فوسفور ئېنېرگىيە مېتابولىزمىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ، ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەندە ئوكسىدلانغاندا قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك فوسفات كىسلاتا بېغى شەكلىدە ئادېنوزىن ترىفوسفات ( ATP ) ۋە كرېئاتىن فوسفات ( CP ) مولېكۇلاسىدا ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، فوسفور يەنە قەنت ۋە ياغنىڭ مېتابولىزمىغا قاتنىشىپ، بىيولوگىيەلىك پەردىنىڭ نورمال قۇرۇلمىسىنى ساقلايدۇ ھەمدە ئىرسىيەت ماددىسىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم تەركىب ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە بەدەندىكى كىسلاتا – ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ.
فوسفورنىڭ مۇھىت ۋە ھاياتلىقتىكى مۇھىملىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزگىچە خىمىيەلىك ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇ يېزا ئىگىلىكىدە ئوغۇت قىلىشقا، شۇنداقلا سەرەڭگە ۋە ساليوت ياساشتا خام ئەشيا قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاق فوسفور كۈچلۈك زەھەرلىك ھەم خەتەرلىك بولغاچقا، ئىشلەتكەندە بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.