بالا بىلەن بىللە ئويناش. ﮬەر كۈنى كىچىك بالىلار بىلەن كۆزنى ئېتىپ مۆكۈشمەك ئويناش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ بەرسە، بالىنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ياردىمى بولىدۇ، لېكىن ﮬەر قېتىم چىراي ئىپادىسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك، بولمىسا بالىلار ئاسانلا بۇنداق ئويۇنلاردىن زېرىكىپ قالىدۇ.
بالىلارغا ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيدۈرۈش. بالىلارغا ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيدۈرسە، بالىنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ، رەڭگى بەك تۇتۇق كىيىملەر بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
بالىنى دائىم كۆتۈرۈۋالماي، كۆپرەك ﮬەرىكەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش. بالىلار كۆپرەك ﮬەرىكەت قىلسا، مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق، شۇڭا بالىلارنى كۆپرەك ﮬەرىكەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
بالىلارغا كۆپرەك گەپ قىلىپ بېرىش. بالىلارغا كۆپرەك گەپ قىلىپ بەرسە، تىلى ئاسان چىقىدۇ، بالا گەپ قىلىشقا قانچە تىرىشسا، مېڭىسى شۇنچە ياخشى تەرەققىي قىلىدۇ، بىراق تىلى چىقىشقا باشلىغان بالىلارغا گەپ قىلغاندا، سۆزنى توغرا، تولۇق تەلەپپۇز قىلىش كېرەك. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ تىلى چىقىشقا باشلىغاندا، بالىنىڭ چۈچۈك تىللىرىغا مەپتۇن بولۇپ، گەپنى تولۇق، توغرا قىلمايدۇ، بالىلارغا تولۇق گەپ قىلىپ بەرسە، بالىلارنىڭ تىلىنىڭ تولۇق چىقىشىغا پايدىلىق.
مەنبە: نۇر تورى