خامۇشلۇق خاراكتېرلىك قېتىپ قېلىش بىر خىل روھىي كېسەللىك بولۇپ، بىماردا كەيپىياتى تۆۋەن بولغاندا مۇسكۇللار جىددىيلىشىش، قېتىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك بىمارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ سەۋەبى، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بىمارنىڭ ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

سەۋەبى:
1. ئىرسىيەت ئامىلى:تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خامۇشلۇق خاراكتېرلىك قېتىۋېلىش ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
2. نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى:چوڭ مېڭىدىكى بەزى نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىلىرى، مەسىلەن،5 – ھىدروكسى ترىپتامىن، دوپامىن قاتارلىقلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى خامۇشلۇق خاراكتېرلىك قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. مۇھىت ئامىلى:ئۇزاق مۇددەت بېسىم ئېغىر، رىقابەت كەسكىن بولغان مۇھىتتا ياشىغاندا، خامۇشلۇق خاراكتېرلىك قېتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. پىسخىكىلىق ئامىل:شەخسنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق پىسخىكىلىق ئامىللارمۇ خامۇشلۇق خاراكتېرلىك قېتىپ قېلىشنىڭ يۈز بېرىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
5. باشقا كېسەللىكلەر:بەزى نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارمۇ خامۇشلۇق خاراكتېرلىك قېتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. كېسەللىك تارىخىنى سوراش ۋە بەدەن تەكشۈرۈش:بىمارنىڭ كېسەللىك جەريانى، جەمەت تارىخى، دورا ئىشلىتىش تارىخى قاتارلىقلارنى چۈشىنىش، شۇنداقلا پۈتۈن بەدەندىكى نېرۋا سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش.
2. پىسخىكىلىق باھالاش:پىسخىكىلىق سىناق، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىمارنىڭ پىسخىكىلىق ئەھۋالى ۋە خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى باھالايدۇ.
3. لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش:قاندىكى قالقانسىمان بەز ھورمۇنى سەۋىيىسى، قان شېكىرى سەۋىيىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى باھالايدۇ.
4. تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:MRI ،CT قاتارلىقلار خامۇشلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان باشقا كېسەللىكلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
5. ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما ( EEG ) ئارقىلىق تەكشۈرۈش:چوڭ مېڭىنىڭ ئېلېكتىر فىزىيولوگىيەلىك پائالىيىتىنى باھالاش خامۇشلۇق مەنبەلىك قېتىۋېلىشتىكى نېرۋا مېخانىزمىنى چۈشىنىشكە پايدىلىق.
6. باشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر:مەسىلەن:شىنديەنتۇ ( ECG )، مېڭە سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ،بىمارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. دورا بىلەن داۋالاش:خامۇشلۇققا قارشى دورىلار، مەسىلەن،5 – ھىدروكسى ترىپتامىن تاللاپ قايتا قوبۇل قىلىشنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار ( SSRI )، ئۈچ ھالقىلىق خامۇشلۇققا قارشى دورىلار خامۇشلۇقنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. دوختۇر بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە بەدەن ساپاسىغا ئاساسەن مۇۋاپىق دورا تاللايدۇ.
2. پىسخىكىلىق داۋالاش:بىلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ( CBT ) ،پىسخىكىلىق دىنامىكا ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىق پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى بىمارنىڭ پاسسىپ تەپەككۇرنى تونۇشى ۋە ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
3. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش:ياخشى دەم ئېلىش ئادىتىنى ساقلاش، سىرتتىكى پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىش، مۇۋاپىق چېنىقىش، ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خامۇشلۇق ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.


