تېببىي پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، راك كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرۇشتا نۇرغۇن يېڭى ئۇسۇللار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن خىمىيىۋىلىك داۋالاش يەنىلا ئەڭ ئۇل خاراكتېرلىك داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ جەريان نۇرغۇن بىمارلار ئۈچۈن قورقۇنچلۇق تۇيۇلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقان ئىلمىي مۆجىزىدۇر.

خىمىيىۋىلىك داۋالاش دىگەن نىمە؟
خىمىيىۋىلىك داۋالاشنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ خىزمەت مىخانىزمىسىنى بىلىش كېرەك. بۇ داۋالاش ئۇسۇلى سىستېمىلىق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇ پەقەت بىر نۇقتىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرگەن كېسەللىك ھۈجەيرىلىرىنى نىشان قىلىدۇ.
• ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى: خىمىيىۋىلىك داۋالاش
• ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: Chemotherapy
• ياپونچە ئاتىلىشى: 化学療法 (Kagaku Ryōhō)
• تۈركچە ئاتىلىشى: Kemoterapi
• خەنزۇچە ئاتىلىشى: 化学疗法 (huà xué liáo fǎ) ، قىسقارتىلىپ 化疗 (huà liáo) دەپ ئاتىلىدۇ.
- ئاساسىي ئۇقۇم : خىمىيىۋىلىك داۋالاش (Chemotherapy) ئالاھىدە خىمىيىۋىلىك بىرىكمىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، بەدەندىكى تېز كۆپىيىۋاتقان زىيانلىق ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
- داۋالاش مىخانىزمىسى : راك ھۈجەيرىلىرى ساغلام ھۈجەيرىلەرگە قارىغاندا تېز بۆلۈنىدۇ، خىمىيىۋىلىك دورىلار دەل مۇشۇ بۆلۈنۈش جەريانىنى توسۇش ياكى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۈنۈم بېرىدۇ.
خىمىيىۋىلىك داۋالاشنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى
بۇ داۋالاش ئۇسۇلى بىر كېچىدىلا پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبە-سىناق ۋە بايقاشلارنىڭ نەتىجىسىدۇر. بولۇپمۇ ئۇرۇش يىللىرىدىكى خىمىيىۋىلىك قوراللارنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن بىر قىسىم بىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر راكقا قارشى تۇرۇشتا يېڭى بىر يول ئېچىپ بەرگەن.
- تۇنجى قەدەم: 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا پائۇل ئېرلېخ (Paul Ehrlich) مىكرو ئورگانىزملارنى تاللاپ يوقىتىش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
- ئۇرۇش ۋە تېببىي بايقاش: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلگەن «قىچا گازى» نىڭ لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى ئازايتىدىغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ لىمفا ئۆسمىسىنى داۋالاشقا باشلانغان. بۇ ھازىرقى زامان خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارىلىدۇ.
خىمىيىۋىلىك داۋالاشنىڭ مەقسىتى
بىمارلارغا خىمىيىۋىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندا، دوختۇرلار بىمارنىڭ كېسەللىك باسقۇچىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان نىشانلارنى كۆزلەيدۇ. بۇ پەقەت راكنى يوقىتىشلا ئەمەس، بەلكى بەزىدە كېسەل بىلەن بىللە ياشاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- تۈپتىن داۋالاش (Cure): راك ھۈجەيرىلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، بىمارنى ساقايتىش.
- ئالدىنى ئېلىش (Adjuvant): ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قېلىپ قالغان كۆرۈنمەس ھۈجەيرىلەرنى يوقىتىش ئارقىلىق كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
- يېنىكلىتىش (Palliative): راك ساقايمايدىغان باسقۇچقا يەتكەندە، ھىچ بولمىسا خىمىيىۋىلىك داۋالاش بىلەن ئۆسمىنى كىچىكلىتىپ ئاغرىقنى ئازايتىش.
خىمىيىۋىلىك داۋالاش كىملەرگە ماس كېلىدۇ؟
خىمىيىۋىلىك داۋالاش ھەممە ئادەمگە بىر خىل تەتبىقلانمايدۇ. دوختۇرلار بىمارنىڭ يېشى، بەدەن ئەھۋالى ۋە راكنىڭ تۈرىگە ئاساسەن قارار چىقىرىدۇ. بۇ داۋالاش مەخسۇس ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نازارىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
- تېز ئۆسىدىغان راك تۈرلىرى (مەسىلەن: ئاق قان كېسىلى، لىمفا ئۆسمىسى) بار بىمارلار.
- ئۆسمىسى باشقا ئەزالارغا تارقىلىپ كەتكەن (مېتاستاز بولغان) بىمارلار.
- ئوپېراتسىيە قىلىش تەس بولغان، ئالدى بىلەن ئۆسمىنى كىچىكلىتىش زۆرۈر بولغان بىمارلار.
داۋالاش قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
خىمىيىۋىلىك داۋالاشنى ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى دورىنىڭ تۈرىگە ۋە كېسەللىكنىڭ ئورنىغا ئاساسەن كۆپ خىل بولىدۇ. بىمارلار ئادەتتە «دەۋر» (Cycle) بويىچە داۋالىنىدۇ، يەنى بىر مەزگىل دورا ئىشلىتىپ، بىر مەزگىل بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پۇرسەت بېرىلىدۇ.
- تومۇردىن ئوكۇل سېلىش: ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، دورا ئاسما ئوكۇل ئارقىلىق بىۋاسىتە قانغا كىرىدۇ.
- ئېغىزدىن بېرىش: كاپسۇل ياكى سۇيۇقلۇق دورىلار ئارقىلىق ئۆيدىمۇ داۋالاشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
- مەھەللىي سېلىش: دورىنى بىۋاسىتە مېڭە سۇيۇقلۇقى، قورساق بوشلۇقى ياكى كۆكرەك بوشلۇقىغا كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدۇر.
كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىۋىلىك دورىلار
دورا سانائىتىدە يۈزلىگەن خىمىيىۋىلىك دورىلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانى ئوخشىمايدۇ. دوختۇرلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىر نەچچە خىل دورىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ.
- سېسپلاتىن (Cisplatin): گېن (DNA) غا تەسىر كۆرسىتىپ ھۈجەيرە بۆلۈنۈشنى توختىتىدۇ.
- پاكلىتاكسېل (Paclitaxel): ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىسكىلىت قۇرۇلمىسىنى بۇزىدۇ.
- 5-فلورۇئوراسىل (5-FU): ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭى DNA ھاسىل قىلىشىنى توسۇيدۇ.
خىمىيىۋىلىك داۋالاشنىڭ ئەكس تەسىرى
خىمىيىۋىلىك دورىلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى، ئۇلارنىڭ «ئەقىلسىز» بولۇشىدۇر، يەنى ئۇلار راك ھۈجەيرىسى بىلەن ساغلام ھۈجەيرىنى تولۇق ئايرىيالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بەدەندىكى ساغلام توقۇلمىلارمۇ مەلۇم دەرىجىدە زەخىملىنىدۇ.
- ھەزىم قىلىش سىستېمىسى: كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ۋە ئىچى سۈرۈش.
- سىرتقى كۆرۈنۈش: چاچ ۋە تۈكلەرنىڭ چۈشۈشى (داۋالاش تۈگىگەندىن كېيىن قايتا چىقىدۇ).
- قان سىستېمىسى: ئاق قان ھۈجەيرىسى ئازىيىپ كەتكەچكە، يۇقۇملىنىشقا ئاسان قېلىش ۋە چارچاش.
كىملەرگە ماس كەلمەيدۇ؟
ھەر بىر بىمارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، خىمىيىۋىلىك داۋالاش بەزى كىشىلەر ئۈچۈن خەۋپلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرلار داۋالاشنى كېچىكتۈرىدۇ ياكى باشقا ئۇسۇللارنى ئىزدەيدۇ.
- ئېغىر دەرىجىدە جىگەر ۋە بۆرەك زەئىپلىكى بارلار (چۈنكى بۇ ئەزالار دورا زەھىرىنى ھەيدەيدۇ).
- ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، بەدەن ئەھۋالى ئىنتايىن ئاجىز بىمارلار.
- ھامىلىدار ئاياللار (بولۇپمۇ بالىنىڭ ئەزالىرى شەكىللىنىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىللەردە).
بالىلارغا خىمىيىۋىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلامدۇ؟
خىمىيىۋىلىك داۋالاش بالىلار ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ ۋە بالىلار راك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قوراللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاق قان كېسىلى ، لىمفا ئۆسمىسى ۋە مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىقلاردا خىمىيىۋىلىك داۋالاش ئارقىلىق يۇقىرى ساقىيىش نىسبىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىراق، بالىلارنىڭ بەدىنى تېز ئۆسۈش ۋە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا، دورا مىقدارى بالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە بويىغا (بەدەن يۈزى كۆلىمىگە) ئاساسەن ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئەتراپلىق ھېسابلىنىدۇ. بالىلار راك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى (Pediatric Oncologists) داۋالاش جەريانىدا دورىنىڭ بالىنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشى، سۆڭەك تەرەققىياتى ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىغا كۆرسىتىدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك تەسىرىنىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىدۇ. بالىلارنىڭ ھۈجەيرىلىرى تېز بۆلۈنىدىغان بولغاچقا، ئۇلار خىمىيىۋىلىك دورىلارغا چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قايتۇرىدۇ ۋە ساقىيىش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
ھازىرقى يېڭى تېخنىكا ئۇسۇللار
تېببىي تەتقىقاتلار «نىشانلىق» داۋالاش يۆنىلىشىگە قاراپ تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلماقتا. مەقسەت — راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرگە ساغلام ھۈجەيرىلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىكتۇر.
- نىشانلىق داۋالاش (Targeted Therapy): پەقەت راك ھۈجەيرىسىگە خاس بولغان ئاقسىللارنى نىشانلايدىغان ئەقلىي دورىلار.
- ئىممونىتېتلىق داۋالاش (Immunotherapy): بەدەننىڭ ئۆز قوغداش سىستېمىسىنى راك ھۈجەيرىسىنى تونۇشقا ۋە يوقىتىشقا ئۆگىتىش.
- يۇقىرى ئىسسىقلىق بىلەن داۋالاش: خىمىيىۋىلىك دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆسمىنى قىزىتىش تېخنىكىسى.
خىمىيىۋىلىك داۋالاش راك بىلەن بولغان جەڭدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر قورال بولۇپ، ئۇ نۇرغۇنلىغان بىمارلارغا، جۈملىدىن كىچىك بالىلارغىمۇ يېڭى ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىماقتا. گەرچە ئۇنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمى، ئەكس تەسىرى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن زامانىۋى تېببىي تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بۇ تەسىرلەر بارغانسېرى يېنىكلىمەكتە ۋە داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.
ئەڭ مۇھىمى، كېسەللىكنى بالدۇر بايقىغاندا ۋە مەخسۇس ئۆسمىنى داۋالاش دوختۇرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلمىي داۋالاش پىلانىغا ئەمەل قىلغاندا، بۇ سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكى زور بولىدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىلىم-پەننىڭ كۈچى ۋە بىمارنىڭ قەتئىي ئىرادىسى بىلەن راك كېسىلى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈنى بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا.


